90 ياشلىق دىنىي زات ئاۋۇدىن ئايۇپنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقى مەلۇم
2020.01.14

خىتاينىڭ ئاتالمىش تەربىيەلەش لاگېرلىرى تۈزۈمىدىن 90 ياشلىق بوۋايلارنىڭمۇ ئامان قالمىغانلىقى مەلۇم.
ئاتۇشتىكى دىنىي زات ئاۋۇدىن ئايۇپ شۇلارنىڭ جۈملىسىدىن. ئۇنىڭمۇ لاگېرغا قامالغانلىقى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى تەرىپىدىن ئاشكارىلانغان بولسا، يېقىندا ئوتتۇرىغا چىققان بىر سوت ھۆكۈمى ئۇنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى دەلىللىمەكتە.
ئامېرىكانىڭ بوستون شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق مارىيە مۇھەممەت خانىم 2020-يىلى 5-يانۋار كۈنى نورۋېگىيەدىكى «ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپى پروگراممىسى» دا گۇۋاھلىق بېرىپ، بىر نەچچە يىللاردىن بېرى ئىز-دېرىكى بولمىغان 90 ياشلىق تاغىسى ئابىدىن ئايۇپ (ئاۋۇدىن ئايۇپ) نىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلغان.
مارىيە مۇھەممەت خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دىنىي زات ئاۋۇدىن ئايۇپ ئاتۇش بوستان مەھەللىسى قايراق مەسچىتىنىڭ 30 يىللىق ئىمامى بولۇپ، بۇ يىل 90 ياشلاردا. ئۇ تاغىسى ئابىدىن ئايۇپنىڭ ئاتۇشتىكى لاگېرغا قامالغانلىقى ھەققىدىكى ئاخىرقى ئۇچۇرنى 2019-يىلى فېۋرال مەزگىلىدە ئاتۇشتىكى ئانىسى بىلەن ئالاقىلەشكەندە ئاڭلىغان. شۇندىن كېيىن ئۇ ھەر خىل قاناللار ئارقىلىق تاغىسىنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما تا ھازىرغىچە بىرەر خەۋەر ئالالمىغان.
بىز ئابىدىن ئايۇپنىڭ نېمە سەۋەبتىن قاچان تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى ۋە قايسى لاگېرغا سولانغانلىقى ھەققىدىكى تەپسىلاتلارنى ئېنىقلاشقا تىرىشقان بولساقمۇ، مۇۋەپپەق بولالمىدۇق.
ھالبۇكى، يېقىندا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئاشكارىلانغان بىر سوت ھۆكۈمىدىكى بەزى تەپسىلاتلار بۇ ياشانغان دىنىي زاتنىڭمۇ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.
خىتاي ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان بىر سوت ھۆكۈمى ھەققىدىكى تەپسىلاتلارغا قارىغاندا، ئابىدىن ئايۇپ 2017-يىلى ماي ئايلىرىدا ئاتۇشتىكى مەلۇم بىر دوختۇرخانىغا نازارەت ئاستىدا داۋالىنىشقا ئېلىپ كېلىنگەن. ئەمما ھۆكۈمدە ئۇنىڭ قەيەردىن قايسى دوختۇرخانىغا داۋالىنىشقا ئېلىپ كېلىنگەنلىكى كۆرسىتىلمىگەن.
سوت ھۆكۈمى پاراخورلۇق ۋە ھوقۇقىنى قالايمىقان ئىشلىتىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن ئاتۇش شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن پارتكوم سېكرېتارى، ئاتۇش شەھەرلىك پارتكوم سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى سوڭ كەيسەي ھەققىدە بولۇپ، ھۆكۈمدە دىنىي زات ئابىدىن ئايۇپنىڭ «دوختۇرخانىدا نازارەتسىز داۋالىنىشىغا رۇخسەت قىلىش» ئۇنىڭ جىنايەتلىرىنىڭ بىرى سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنغان.
سوت ھۆكۈمىدە دىنىي زات ئابىدىن ئايۇپنىڭ «نۇقتىلىق ئۆزگەرتىش ئوبيېكتى» ۋە «دىنىي ئاشقۇنلۇق ئىدىيەسى تارقاتقۇچى» ئىكەنلىكى، دوختۇرخانىدا 50 كۈن داۋالانغانلىقى بايان قىلىنغان.
مارىيە خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئابىدىن ئايۇپ دىنىي ئىلمى مول، تەقۋادار كىشى بولۇپ، ئۇنىڭغا «دىنىي ئاشقۇنلۇق ئىدىيەسىنى تارقاتقۇچى» دېگەن قالپاقنىڭ كىيدۈرۈلۈشى، ھۆرمەتكە سازاۋەر بىر يۇرت مۆتىۋىرىگە قىلىنغان چوڭ تۆھمەت ھېسابلىنىدىكەن.
ئامېرىكانىڭ بوستون شەھىرىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن قەيسەر مىجىتنىڭمۇ دىنىي زات ئابىدىن ئايۇپ بىلەن تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتى بار ئىكەن.
قەيسەر مىجىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 90 ياشتىن ھالقىغان دىنىي زات ئابىدىن ئايۇپ دوختۇرخانىدا داۋالانغان مەزگىلدە ئۇنىڭدىن بۇ قەدەر ئەنسىرىشىگە ئۇنىڭ يۇرت ئىچىدىكى ئابرۇيى ۋە خەلقنى يېتەكلەش ئىقتىدارى سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
مارىيە خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلارنىڭ ئائىلىسى يۇرت ئىچىدە «تەقۋادار جەمەت» دەپ تەرىپلىنىدىغان ئائىلىلەرنىڭ بىرى ئىكەن.
بۇ جەمەت يەنە «قۇرئان كەرىم» نى ئەرەب تىلىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان داڭلىق ئۆلىما مۇھەممەت سالىھ ھاجىنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىدىن ھېسابلىنىدىكەن.
مۇھەممەت سالىھ ھاجىم ئۇيغۇرلار ئارىسىدا يۈكسەك ئابرۇي ۋە ھۆرمەتكە ئىگە دىنىي ئۆلىمالاردىن بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ 2017-يىلى لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكى ۋە 2018-يىلى لاگېردا ۋاپات بولغانلىقى ھەققىدە خەۋەر تارقالغان ئىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، مارىيە خانىمنىڭ مەرھۇم دادىسى مۇھەممەت ئاخۇن ھاجىممۇ ئۇيغۇر دىيارىدا تونۇلغان دىنىي ئۆلىمالارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ھايات چېغىدا «قۇرئان كەرىم» نىڭ تەھرىرلىك خىزمىتىگە قاتناشقان ئىكەن.
مارىيە خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، 2017-يىلىدىن بۇيان بۇ جەمەتتىن 60 تەك كىشى تۇتقۇن قىلىنغان ۋە لاگېرلارغا ئېلىپ كېتىلگەن.
كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە مۇستەقىل تەتقىقاتچىلارنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى ئۆتكەن 3 يىل جەريانىدا 2 مىليوندىن 3 مىليونغىچە ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەرنى ھەر خىل ناملاردا ئاتىلىۋاتقان يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا تاشلىغان ئىدى.