كورلادىكى دىنىي زات سەيپۇللا زاھىتنىڭ 30 يىللىق ئۆمرى كورلا چوڭ مەسچىتىنىڭ مەزىنلىقى ۋە كورلا شەھىرىدىكى تېكىچى يېزىسىغا قاراشلىق ھەرەمباغ كەنتى مەسچىتىنىڭ ئىماملىقىنى قىلىش بىلەن ئۆتكەن ئىدى. لېكىن بۇ يىل 70 ياشلىق مەزكۇر دىنىي زاتنىڭ ئائىلىسى خىتاينىڭ 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇنىدا زەربە بېرىش نىشانىغا ئايلانغانلىقى مەلۇم.
شۇ قېتىمقى چوڭ تۇتقۇندا سەيپۇللا زاھىت ۋە ئۇنىڭ كورلا شەھىرىدىكى ھەرەمباغ يېڭى مەسچىتىدە مۇئاۋىن ئىماملىق قىلىدىغان ئوغلى مەمەت سەيپۇللا شۇنداقلا مىسىردا ئوقۇۋاتقان ئاكىسىنىڭ يېنىدا بىر مەزگىل تۇرۇپ كەلگەن كىچىك ئوغلى ئىبراھىم سەيپۇللا تۇتقۇن قىلىنغان. سەيپۇللا زاھىتنىڭ ھازىر تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق ئوغلى بىلەن قىزىنىڭ ئۇلار بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالغانلىقىغا 3 يىلدەك بولغان. ئۇنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق پەرزەنتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار مەمەت ئىززەتۇللا بىلەن ئىبراھىم ئىززەتۇللانىڭ كېسىۋېتىلگەن بولۇشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە ئۇچۇرلارنى ئالغان، لېكىن دادىسىنىڭ تەقدىرىنىڭ قانداق بولغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر ئالالمىغان.
بىز 3-مارت كۈنى سەيپۇللا زاھىتنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق ئوغلى ئىززەتۇللا سەيپۇللا بىلەن ئۇنىڭ گېرمانىيەدە تۇرۇشلۇق كۆيئوغلى ئەيساجان ھېكىمنى زىيارەت قىلدۇق. ئىززەتۇللا سەيپۇللانىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ مىسىردا ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە دادىسى پوچتا ئارقىلىق ئۇنىڭغا 12 مىڭ يۈەن پۇل ئەۋەتكەن ئىكەن. ئۇ دادىسىنىڭ2017-يىلىدىكى چوڭ تۇتقۇندا «چەتئەلگە پۇل سالغان» دېگەن سەۋەب بىلەن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىزەتۇللا مۇنداق دېدى: «دادام ئىمام ئىدى. تىكىچى يېزا ھەرەمباغ كەنت، 5 گۇرۇپپا مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئىدى. دادامنى شۇ قېينىئاكام بارغان ۋاقىتتىلا ئېلىپ كېتىپتىكەن. ئوتتۇرىدا ئەكىرىپ قويۇپ يەنە ئەكېتىپ، شۇنداق قىلىپ يۈرۈپتىكەن. بىز يەتتە بالا ئىدۇق. ھازىر چەتئەلدە ئاچام بىلەن ئىككىمىز بار. ئىنىم بىلەن مىسىردا بىللە تۇرغان بالىلار بار ئىدى. ئۇلارنى 10 يىلدىن كېسىۋېتىپتۇ. ئۇنى ئېنىق ئاڭلىدىم. شۇ قاتاردا ئىنىممۇ بار، 10 يىل كېسىلگەنلەرنىڭ ئىچىدە. ئاكام بۇرۇن بىر قانچە قېتىم ‹سىياسىي› دەپ ئەكىرىپ سولاپ قويۇلغان. ئاكامنىڭمۇ ھېچقانداق خەۋىرىنى ئالالمىدىم ھازىرغىچە. كېسىۋەتتىمۇ، قانداق بولدى، ھېچقانداق خەۋىرى يوق. ئاكام چەتئەلگە چىقىپ باقمىغان. ئەمما مەن چەتئەلگە چىقىشتىن بۇرۇنمۇ ئۇلار ئاكامنى ئېلىپ بېرىپ سوراق قىلاتتى. ئاكاممۇ دىنىي زات ئىدى. مەن مىسىردىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن كورلا شەھىرىگە سېلىنغان چوڭ مەسچىت بار ئىدى، ھەرەم باغ مەسچىتى دەپ. شۇ مەسچىتكە ئىمام قىلىپتىكەن. دادام توغرىسىدىمۇ ھېچقانداق ئۇچۇر يوق. . .»
سەيپۇللا زاھىتنىڭ گېرمانىيەدە تۇرۇشلۇق كۈيئوغلى ئەيساجان ھېكىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ2017-يىلى3-ئايدا بىرەر ئايدەك كورلا شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ قاماقخانىسىدا ياتقانلىقى، بۇ جەرياندا مىسىردا ئوقۇغان كورلالىق نۇرغۇن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ، تۈرمىلەرگە قامالغانلىقىغا شاھىت بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سەيپۇللا زاھىتنىڭ مىسىردا تۇرۇپ كەلگەن كىچىك ئوغلى ئىبراھىم ئەنە شۇ تۇتقۇنلارنىڭ بىرى ئىكەن. ئۇ شۇ چاغدا مىسىرغا بېرىپ قايتىپ كەلگەن كورلالىق 142 ئوقۇغۇچىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئىززەتۇللانىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ 9-10 ياشلاردىكى بىر قىزىمۇ كورلادا قالغان. نۆۋەتتە ئۇنىڭ قىزى بىلەن بولغان ئالاقىسىمۇ ئۈزۈلگەن. ئۇ 3-مارت زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا قىزىنىڭ ئىسمىنىڭ ئۆزگەرتىۋېتىلگەنلىكى، ھازىر ئۆز قىزىنىڭ ئىسمىنىڭ نېمىگە ئۆزگەرتىۋېتىلگەنلىكىنىمۇ بىلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىززەتۇللا مۇنداق دېدى: «مېنىڭ ئۆزۈمنىڭ قىزى بار، قىزىمدىنمۇ ھېچقانداق خەۋەر ئالامىدىم. مەن ئۇنى مىسىرغا ئېلىپ چىققانمەن. مىسىرغا ئېلىپ چىقىپ، مىسىردا بىر مەزگىل تۇرۇپ، تۈركىيەگە بىرگە يېنىپ كەلدۇق. تۈركىيەگە كېلىپ 2016-يىلى قۇربان ھېيتتا ۋەتەنگە بارغان. چوڭلار: ‹كەلسۇن، كۆرگۈمىز كېلىپ كەتتى› دەپ تۇرۇۋالغان. شۇ چاغدا ئاچام بىلەن بېرىپ، ئاچام يېنىپ كەلدى، ئۆيدىكىلەر بىلەن يېنىپ كېلىدىغان بولدى قىزىڭىز دەپ. ئۇ ۋاقىتتا قولىدا پاسپورتى بار ئىدى. پاسپورتنى يىغمىغان ۋاقىتلار ئىدى. بىلەتنى ئېلىپ ماڭىمىز دەپ تەييارلىق قىلىپ تۇرغاندا تۇيۇقسىز پاسپورتنى ئېلىپ چىقىپ كېتىپ، شۇ قەپ قالغانچە قېلىپ قالدى. قىزىم مۇشۇ7-ئاي كەلسە 10 ياشقا كىرىدۇ. ھېچقانداق خەۋىرىنى ئالالمىدىم، نەدىلىكىنى بىلمەيمەن. ئىسمى مۇسلىمە ئىدى. ئىسمىنى ئۆزگەرتىۋېتىپتۇ، دەپ ئاڭلىغان. نېمىگە ئۆزگەرتكەنلىكىنى بىلمىدىم، ئەمما شۇ ۋاقىتلاردىلا ئۆزگەرتىۋېتىپتۇ، دېگەن. ئۈندىداردا ئالاقە قىلغان ۋاقىتلاردىمۇ مۇسلىمە، دېسەم گەپ قىلمايتتى، ئۆيدىكىلەر. ھازىر قىزىمنىڭ ئىسمىنى ئۆزۈممۇ بىمەيمەن.»
خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى چوڭ تۇتقۇننى باشلاشنىڭ ئالدىدا مىسىردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلىلىرىگە بېسىم ئىشلىتىپ، نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنى قايتۇرۇپ كەتكەن. قايتىپ بارغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىككىنچىلەپ ئىز-دېرىكى بولمىغان. 2017-يىلى7-ئايغا كەلگەندە مىسىر ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلىشىپ، مىسىردا قېلىپ قالغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ئومۇميۈزلۈك تۇتقۇن قىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتى ۋە مىسىر دائىرىلىرىنىڭ خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىشتەك قىلمىشى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان.
0:00 / 0:00