دىننى «خىتايچىلاشتۇرۇش» خىتاي ھۆكۈمرانلىرىنىڭ تارىخىي ئەنئەنىسىمۇ؟
2024.07.03
30-ئىيۇن «گېرمانىيە دولقۇنلىرى» رادىيوسىدا «خىتاينى ئاشكارىلاش: خىتاي ئىسلام دىنىنى قانداق خىتايچىلاشتۇرۇۋاتىدۇ؟» ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلىندى. ماقالىدا بايان قىلىشىچە، خىتاي ئەزەلدىن دىن پەيدا بولۇپ باقمىغان بىر دۆلەت بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمرانلىرىنىڭ دىنلارغا چەكلىمە قويۇپ، ئۇنى خىتايچىلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇشى ئەلمىساقتىن داۋاملىشىپ كەلگەن بىر ئادەت ئىكەن. خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ئىسلام دىنى، خىرىستىيان دىنى ۋە بۇددا دىنىدىن ئىبارەت بۇ ئۈچ چوڭ دىننى باستۇرۇشى ياكى خىتايچىلاشتۇرۇشى، ئەمەلىيەتتە ئەجدادلىرىنىڭ ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
ماقالە مۇنداق كىرىش سۆز بىلەن باشلانغان: «دۇنيادىكى 3 چوڭ دىننىڭ ھېچبىرى خىتايدا بارلىققا كەلگەن ئەمەس. ھۆكۈمرانلار ناھايىتى ئۇزۇن زامانلاردىن باشلاپلا دىنىي ئېتىقادنى تىزگىنى ئاستىدا تۇتۇپ كەلگەن. نۆۋەتتە ئۆزلىرىنى ئاتېئىست ھېسابلايدىغان خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتىمۇ بۇ ئەنئەنىگە ۋارىسلىق كېلىپ كەلمەكتە.»
خىتايدىكى تۇڭگانلار دۇچ كېلىۋاتقان قىسمەتلەر ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان بۇ ماقالىدا شەرھلىشىچە، ئىسلام دىنى مىلادىيەنىڭ 651-يىلى مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ سادىق ھەمراھلىرىدىن بىرى بولغان سەئىد ئىبنى ئەبۇ ۋاققاس تەرىپىدىن خىتايغا تارقالغان. تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئىمپېراتورى گاۋ زۇڭ ئەينى چاغدا سەئىد ئىبنى ئەبۇ ۋاققاس باشچىلىقىدىكى مۇسۇلمان ۋەكىللەرنى قوبۇل قىلىپ، تاڭ سۇلالىسىنىڭ پايتەختى چاڭئەن (ھازىرقى شىئەن) دىكى ئوردا ئەتراپىغا خىتاي تارىخىدىكى تۇنجى مەسچىتنى سېلىشقا ئىجازەت بەرگەن.
ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمرانلىرىنىڭ دىنىي تەقىب سىياسەتلىرى شۇ چاغلاردىمۇ مەۋجۇت بولغانلىقى ئۈچۈن، خىتايدىكى تۇڭگان مۇسۇلمانلىرى مۇسۇلمانچە قىياپەتلەردە ياكى ئادەتلەردە ئەركىن ياشىيالمىغان. ھەر ئون تۇڭگاننىڭ توققۇزىنىڭ فامىلىسى «ما» بولۇپ، بۇ سۆز ئەسلىدە ئىسلام دىنىنىڭ پەيغەمبىرى «مۇھەممەد» نىڭ ئىسمىدىن كەلگەن ئىكەن. ئەمما «مۇھەممەد» دېگەن بۇ ئىسىم خىتايچىغا ھېچ ئۇيغۇن كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، شۇ چاغدىكى ھۆكۈمران كۈچلەر تۇڭگانلارغا بۇ ئىسىمنى خىتايچە ئىسىم-فامىلىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش، يەرلىك خىتايلار بىلەن توي قىلىشقا زورلاش، ئادەتلەنگەن كىيىملىرىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلاشتەك تەدبىرلەرنى قوللانغان. بۇنىڭ بىلەن تۇڭگانلار فامىلىسىنى «ما» غا ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولغان. بۇ مەلۇماتلارنى مىلادىيە 1328-1398-يىللىرى ياشىغان مېڭ تەيزۇ جۇ يۈەنجاڭ ئىسىملىك بىرى قالدۇرۇپ كەتكەن.
گېرمانىيەدىكى دىنىي زاتلاردىن تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندىنىڭ تىلغا ئېلىشىچە، خىتايلار ئىسلام دىنى خىتايغا كىرگەندىن باشلاپلا بۇ دىنغا ئۆچمەنلىك بىلەن قاراپ كەلگەن ئىكەن. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاينىڭ دىنغا بولغان ئۆچمەنلىكى خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ دەۋرىگە كەلگەندە تېخىمۇ تەرەققىي قىلىپ، بۈگۈنكى كۈندە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۈستىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش دەرىجىسىگە يېتىپ بارغان.
ۋاشىنگتوندىكى بىر ئاقىللار ئامبىرىنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتىدا بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ئېتىراپ قىلغان 10 چوڭ مىللەت ئىچىدىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ مىللەت تۇڭگانلار بولۇپ، ئۇنىڭدىن قالسا ئۇيغۇرلار ئىكەن. ھازىر خىتايدا 17 مىليوندىن ئارتۇق تۇڭگان ياشاۋاتقان بولۇپ، تۇڭگانلارنىڭ دىنىدىن باشقا ھەممە تەرەپلىرى خىتايلاردىن پەرقلەنمەيدىكەن.
ماقالىدا تەسۋىرلىشىچە، گېرمانىيە فېدېراتسىيە سىياسەت ۋە مائارىپ مەركىزى خىتايدىكى ھازىرقى دىنىي ۋەزىيەتنى بايان قىلغاندا: «خۇددى خىرىستىيان جەمئىيەتلىرىگە ئوخشاش، خىتايدىكى مۇسۇلمانلارنىڭمۇ چەت ئەللەر بىلەن بىۋاسىتە ئالاقە قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. پەقەتلا ‹ۋەتەنپەرۋەر› دىنىي جەمئىيەتلەرنىڭ بۇتخانا، چېركاۋ، مەسچىتلەردە ھەمدە تىزىمغا ئېلىنغان ئاممىۋى سورۇنلاردا قانۇنغا ئۇيغۇن رەۋىشتە پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىشىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ. دىن خىتايدا چوقۇم سوتسىيالىستىك جەمئىيەت بىلەن ماسلىشىشى لازىم» دېيىلگەن.
تارىخشۇناس چىن گوشاڭنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي تارىخىدا ئۆتكەن نۇرغۇنلىغان خىتاي پادىشاھلىرى ۋە سىياسەتچىلىرى خەلقنى كونترول قىلىش ھەمدە ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ ئوبرازلىرىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئىلاھىي كۈچلەرنىڭ تەسىرىنى زەئىپلىتىش، ئوخشىمىغان پىكىر ۋە ئېتىقادلارنى باستۇرۇش، دىننى ھۆكۈمران كۈچلەرنى باشقۇرۇش، دىنىي تەشكىلات ياكى دىنىي ئېقىملارنى چەكلەش قاتارلىق بىر يۈرۈش تەدبىرلەرنى قوللىنىپ كەلگەن. بۇ تەدبىرلەر ھۆكۈمران تەبىقىدىكىلەرنىڭ ئورنىنى مۇستەھكەملەپ، دىنىي ئېقىملارنىڭ تەسىرىنى ئاجىزلاشتۇرۇش رولىنى ئوينىغان. بۈگۈنكى خىتاينىڭ ۋەزىيىتىنىڭ ئۇلاردىن پەرقى يوق ئىكەن.
گېرمانىيەدىكى دىنىي زاتلاردىن ئابدۇقېيۇم داموللامنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تىل بىلەن ئىپادىلەش مۇمكىن بولمىغۇدەك دەرىجىدە ئېغىر زۇلۇم سېلىۋاتقانلىقىنى ۋە ئىسلام دىنىغا بۇ قەدەر دۈشمەنلىك بىلەن ھۇجۇم قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، بىر بۆلەك مۇسۇلمان دۆلەتلىرى ھۆكۈمەتلىرىنىڭ خىتاينى قوللاۋاتقانلىقى، كۈنىمىزدىكى بەكمۇ ئەپسۇسلىنارلىق بىر ئىش ھېسابلىنىدىكەن.
ماقالىدا تىلغا ئېلىشىچە، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمرانلىرى نۆۋەتتە خىتاي ئىچىدىكى تۇڭگانلارنىڭ مەسچىتلىرىنىڭ قىياپەتلىرىنى خىتايچە بىناكارلىق ئۇسلۇبلىرىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ بولغان بولۇپ، تۇڭگانلارنى خىتايچىلاشتۇرۇش جىددىي شەكىلدە داۋام قىلماقتا ئىكەن. ئەمما ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى بولسا «قايتا تەربىيەلەش» نامىدىكى جازا لاگېرلىرىغا قاماپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن خورلاش، قىيناش، ھاقارەتلەشتەك ۋەھشىي جازالارنى يۈرگۈزمەكتە ئىكەن.
گېرمانىيەدىكى جامائەت ئەربابى ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ ئىپادە قىلىشىچە، خىتاينىڭ دىنغا قارشى بۇ ھەرىكىتىدە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى بىلەن تۇڭگان مۇسۇلمانلىرىغا تۇتۇۋاتقان مۇئامىلىسىدە روشەن پەرق بار ئىكەن.
ماقالىدا يەنە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ 2023-يىللىق دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتى ھەمدە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتلىرىدا ھازىرمۇ قانچە مىڭلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى سەۋەبلىك خىتاينىڭ باستۇرۇشلىرىغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىغا دائىر مەلۇماتلارمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتۈلگەن.