«خىتاي قۇرۇلۇشى» (China project) تورى 24-ئاۋغۇست كۈنى خىتاينىڭ لوندوندىكى ئەلچىخانىسىنى لوندون شەھىرىنىڭ توۋېر ھامېلتس رايونىغا كۆچۈرۈش پىلانىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى. بۇ خەۋەر، سىياسىي پائالىيەتچىلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ لوندوندىكى ئەڭ چوڭ مۇسۇلمانلار رايونىغا جايلاشقان ئەنگىلىيەنىڭ سىمۋول خاراكتېرلىك خان جەمەتى قۇرۇلۇشىنى ئۆزىنىڭ ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ ئەلچىخانىسىغا ئۆزگەرتىش پىلانى تامامەن رەت قىلىنغان. خىتاينىڭ بۇنىڭغا قارىتا نارازىلىق بىلدۈرۈش مۆھلىتىمۇ 10-ئاۋغۇست كۈنى ئۆتۈپ كەتكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى 2018-يىلى لوندوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنى لوندون شەھىرىنىڭ شەرق تەرىپىدىكى توۋېر ھامېلتس رايونىغا كۆچۈرۈش ئۈچۈن، 750 مىليون فوند-ستېرلىڭ مەبلەغ سالغان. ئەينى ۋاقىتتىكى خەۋەرلەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئۆز ۋاقتىدا بۇ كۆچۈش پىلانىنى «ئەنگلىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ ئالتۇن سەھىپىسىنى ئاچىدۇ» دەپ ماختىغان.
خىتاينىڭ بۇ پىلانى ئىزچىل ئەنگىلىيەدىكى ئۇيغۇر، تىبەت، خوڭكوڭلۇقلار ۋە توۋېر ھامېلتس رايونىدىكى يەرلىك خەلقنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرىغان ۋە نەتىجىدە خىتاينىڭ بۇ رايونغا «دىپلوماتىيە قەلئەسى» قۇرۇش پىلانى «سۇغا چىلاشقان».
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى لوندون ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى رەھىمە مەھمۇت خانىم، خىتاينىڭ بۇ پىلانى ئوتتۇرىغا چىققاندىن بۇيان، لوندوندا خىتاينىڭ بۇ پىلانىغا قارشى نارازىلىق ھەرىكەتلەرگە ئاكتىپ ئىشتىراك قىلغان. ئۇ رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتە ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى ۋە ئۇنىڭ نەتىجىسى ھەققىدە چۈشەنچە بەردى.
خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە بەرگەن باياناتىدا، ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنى ئۆزىنىڭ لوندوندا يېڭى ئەلچىخانا قۇرۇش پىلانىغا ياردەم بېرىشتىكى «دىپلوماتىك مەجبۇرىيىتى» نى ئورۇنداشقا چاقىرغان. «مۇھاپىزەتچى گېزىتى» نىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، لوندون شەھەر باشلىقى سادىق خان بۇ يىل 2-ئايدا ئۆزىنىڭ بۇ مەسىلىدە توۋېر ھامېلتس رايونىنىڭ قارارىغا ئارىلىشىش سەۋەبىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن.
رەھىمە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، توۋېر ھامېلتس رايونىدىكى تەشكىلاتلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەقتە ھۆكۈمەتكە سۇنغان ئىلتىماسىدا، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ رايوندا يېڭى ئەلچىخانا تەسىس قىلسا، ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
2022-يىلى مايدا لوندوندىكى توۋېر ھامېلتس شەھەرچىسىنىڭ شەھەر باشلىقلىق سايلىمىغا قاتناشقان ۋە شۇنداقلا خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ توۋېر ھامېلتس رايونىغا كۆچۈرۈلۈش پىلانىنىڭ رەت قىلىنىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان رابىنا خان خانىم، بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ سورىغان سوئاللىرىغا ئېلخەت ئارقىلىق جاۋاب قايتۇردى.
ئۇنىڭ خېتىدە مۇنداق دېيىلگەن: «ئەنگلىيە ئەمەلدارلىرى ۋە لوندونلۇقلار، ئەنگىلىيەنىڭ 19-ئەسىردىكى سىمۋول خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشى بولغان خان جەمەتى پۇل قۇيۇش زاۋۇتى مەيدانىدا خىتاينىڭ يېڭى ئەلچىخانا قۇرۇش پىلانىغا بولغان ئەندىشىمىزنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. بىز شىنجاڭدىكى زۇلۇمدىن قېچىپ ئەنگىلىيەگە يەرلەشكەن ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈرك مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەنگىلىيەدىكى بىخەتەرلىك مەسىلىسىدىن ئەندىشە قىلىمىز. توۋېر ھامېلتس رايونىنىڭ ئىلگىرىكى كېڭەش ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن خىتاينىڭ بۇ پىلانىغا قارشى نارازىلىق پائالىيەتلىرىگە قاتناشتىم. گەرچە بۇ پائالىيەتلەرنىڭ ئەنگىلىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشى مۇمكىن بولسىمۇ، ئەمما خىتاينى ئۇيغۇرلار، خوڭكوڭلار ۋە تىبەتلەرگە قارىتىلغان جىنايى قىلمىشلىرىنى توختىتىشقا چاقىرىش تېخىمۇ مۇھىم دەپ قارايمەن. زۇلۇم چېكىۋاتقان بۇ كىشىلەر-ئۇيغۇرلار، خوڭكوڭلۇقلار ۋە تىبەتلەر_ دائىم ئۇنتۇلۇپ قېلىنىۋاتىدۇ.»
رەھىمە خانىم، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لوندوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنى لوندون شەھىرىنىڭ شەرق تەرىپىدىكى توۋېر ھامېلتس رايونىغا كۆچۈرۈش پىلانىنىڭ بىكار قىلىنىشى، پائالىيەتچىلەرنىڭ بۇ ھەقتە ئېلىپ بارغان بىر قاتار ئۈنۈملۈك پائالىيەتلىرىنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئەلچىخانىسىنى كۆچۈرۈش پىلانلانغان لوندون مۇنارىنىڭ ئۇدۇلىدىكى بۇ بىنا 700 مىڭ كۋادرات مېتىر كېلىدىغان بولۇپ، خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئەلچىخانىسىنىڭ يەر كۆلىمىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە تەڭ كېلىدىكەن.
