شاڭخەيدىكى دىسنېي باغچىسىغا باغلىق بىر ساياھەت شىركىتى ئۇيغۇرلارغا بېلەت سېتىشنى رەت قىلغان

شاڭخەيدىكى دىسنېي باغچىسىغا باغلىق بىر ساياھەت شىركىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا دىسنېي باغچىسىنىڭ بېلىتىنى سېتىشنى رەت قىلغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇر، چەت ئەل تاراتقۇلىرىدا غۇلغۇلا قوزغىدى. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 18-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، شاڭخەي دىسنېي باغچىسى بۇ ئۇچۇرنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. مەلۇم بولۇشىچە، شاڭخەي ئەيشياباۋ مېھمانخانىسى بىر ئۇيغۇر ساياھەتچىگە دىسنېي ئارامگاھىنىڭ تەتىللىك ساياھەت تۈرىنى سېتىپ بېرىشنى رەت قىلغان.

بۇ مېھمانخانا دىسنېي ساياھەت تۈرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا، چەت ئەللىكلەرگە ياكى خوڭكوڭ، ئاۋمېن ۋە تەيۋەنلىكلەرگە سېتىلمايدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى كۆرسىتىپ، ئۇنىڭغا مۇلازىمەت قىلىشنى رەت قىلغان. خىتايدىكى Zlton.com ناملىق ساياھەت تورى بۇ مېھمانخانا بىلەن ئۇيغۇر خېرىدار ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتنىڭ ئېكرانلىق كۆرۈنۈشىنى خىتايدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ۋە تىۋېتتېردا ئېلان قىلغان. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار ئېكران كۆرۈنۈشلىرىنىڭ چىنلىقىنى دەلىللىيەلمىگەن، بىراق شاڭخەي دىسنېي ئارامگاھىنىڭ باياناتچىسى Zlton.com دا ئېلان قىلغان ئۇچۇرنىڭ «پۈتۈنلەي توغرا ئەمەسلىكى» نى ئىلگىرى سۈرگەن.

باياناتچى، ئىناۋەتلىك باغچا بېلىتى ياكى يىللىق كارتىسى، دىسنېي باغچىسىنىڭ زاكاس كودى، يېشىل ساغلاملىق كودى، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن بارلىق كىشىلەرنىڭ باغچىغا كىرەلەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ، Zlton مۇنبىرىنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى ئۇيغۇرلارنى كەڭ كولەمدە تۇتقۇن قىلىشنىڭ ئالدىدىلا خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئۇيغۇرلارغا ساقچىنىڭ رۇخسىتىسىز ياتاق ياكى ئۆي ئىجارە بېرىشنى چەكلىگەن.