ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ DNA ئۇچۇرلىرىنى رەتلەش مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا داۋاملىق سېتىلىشى دىققەت قوزغىدى

0:00 / 0:00

«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» يېقىندا ئامېرىكادىكى «تېرموفىشىر» ۋە «پرومېگا» ناملىق ئىككى شىركەت ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلارنىڭ ھېلىھەم ئۇيغۇر ئېلىدا سېتىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئۇلار تەكشۈرۈپ كۆرگەن 10 توختام ۋە ھۆكۈمەت سېتىۋېلىش ھۆججىتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، تېرموفىشېر شىركەتلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرى ئۇيغۇر ئېلىدا داۋاملىق سېتىلماقتىكەن.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ساقچى ئورگانلىرىغا DNA ئۇچۇرلىرىنى تەرتىپلىگۈچى سىناق زاپچاسلىرى ۋە باشقا مەھسۇلاتلارنىڭ سېتىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن 2019-يىلىدىن ئىتىبارەن ئالاھىدە ئىجازەتنامىسى بولمىغۇچە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ساقچى ئورگانلىرىغا مال سېتىشىنى چەكلىگەن. 2020-يىلى ۋاشىنگتون يەنە ئۇيغۇر ئېلىگە بىئولوگىيەلىك تېخنىكا قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى ساتىدىغان شىركەتلەرنى تىجارەت قىلغاندا ئۆزىنىڭ «ئوبرازى، ئىقتىسادىي ۋە قانۇنىي جاۋابكارلىقلار» نى ياخشى بىلىپ ئاندىن ھەرىكەت قىلىشقا ئاگاھلاندۇرغان. بىراق «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» تەكشۈرۈپ كۆرگەن تالونلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، تېرمو فىشېر ۋە پرومېگادىن ئىبارەت ئىككى ئامېرىكا شىركىتى ئىشلەپچىقارغان تاۋارلار يەنىلا ئۇيغۇر ئېلىگە سېتىلغان. گەرچە بۇ شىركەتلەر بىۋاستە ھالدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى شىركەتلەرگە مال ساتمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالغان خىتاي شىركەتلىرى تەرىپىدىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ساقچى ئورگانلىرىغا سېتىپ بېرىلگەن.

خەۋەردە يەنە مۇنۇلار بايان قىلىنغان: «خىتاي شىركەتلىرىنىڭ بۇ ئۈسكۈنىلەرنى قانداق سېتىۋالغانلىقى ئېنىق ئەمەس، ھۆججەتلەردە ھەر ئىككى ئامېرىكا شىركىتىنىڭ خىتاي شىركەتلىرىگە بىۋاسىتە ساتقانلىقى كۆرسىتىلمىگەن. مۇتەخەسسىسلەر شىنجاڭدىكى ساقچى ئورگانلىرىنىڭ ئامېرىكا ئىشلەپچىقارغان DNA ئۈسكۈنىلىرىنى داۋاملىق سېتىۋېلىشى ۋە ئىشلىتىشى شىركەتلەرنىڭ ئۆز مەھسۇتلىرىنىڭ ئاخىرقى مەنزىلى ئۈستىدىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىغا سوئال قويدى.»

بىز بۈگۈن بۇ ھەقتە كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى دېرىكتورى سوفى رىچاردسوننى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ تېرموفىشىر ئىلگىرىمۇ مۇشۇ مەسىلىدە تەنقىدكە ئۇچرىغان بىر شىركەت بولغان ئىكەن، ئۇ ھالدا ئۇلار ئۆز مەھسۇتلىرىنىڭ 3-تەرەپكە سېتىلماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك ئىدى، دەيدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: «تېرموفىشىر شىركىتى ئىلگىرى مۇشۇ سەۋەبتىن تەنقىدكە ئۇچرىغان ئىدى، ئۇنداق بولغان ئىكەن ئەسلىدە بۇ ش، ىركەت ئۆزى مال ساتقان شىركەت بىلەن توختاملاشقاندا بۇ مەھسۇلاتلارنى 3-تەرەپكە سېتىشقا بولمايدىغانلىقىنى شەرت قىلىشى كېرەك. بەلكىم ئۇلار بىز بۇنداق نەرسىگە مەجبۇرلىيالمايمىز، دېيىشى مۇمكىن، بىراق رايوندىكى ساقچى ئورگانلىرىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىنى نەزەردە تۇتقاندا، ئۇلار ئۆز مەھسۇلاتلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدە قوللىنىلمايۋاتقانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.»

«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ ئېيتىشىچە، تېرموفىشىر ئۇلارغا قايتۇرغان جاۋابىدا ئۆزلىرىنىڭ «كۆپ قاتلاملىق سېتىۋېلىش جەريانى» بارلىقىنى، بۇ جەريانلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرىگە سېتىلىشى ۋە توشۇلۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن لايىھەلەنگەنلىكىنى ۋە ئۆزلىرىنىڭمۇ مۇشۇنىڭغا قوشۇلغان تارقاتقۇچى شىركەتلەر بىلەن ئىشلەۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» كۆرگەن تالوندىكى تارقاتقۇچى شىركەتلەر بۇ سىستېمىدا يوق ئىكەن. «پرومېگا» شىركىتى بولسا ئۆز مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ساقچىلارنىڭ قولىغا چۈشمەسلىكى ئۈچۈن قانداق تەدبىر قوللانغانلىقى ھەققىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بەرمىگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئالغان تەدبىرلەرگە قارىماي، بۇ ئىككى شىركەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ يەنىلا ئۇيغۇر ئېلىدىكى باستۇرۇش ئورگانلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈشى، بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ ئىشلىتىلىش ئۇسۇلىنى كونترول قىلىشنىڭ نەقەدەر مۈشكۈللۈكىنى يورۇتۇپ بېرىدىكەن. ئامېرىكادا راك كېسەللىكلىرى تەتقىقاتى ۋە جىنايەت گۇماندارلىرىنىڭ ئاقلىنىپ چىقىشى ئۈچۈن قوللىنىلسا، خىتايدا ئۇيغۇرلارنىڭ گېن ئارخىپلىرىنى تۇرغۇزۇش ۋە ئۇلارنى مۇتلەق يوسۇندا كونترول قىلىشتەك ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئۈچۈن قوللىنىلىۋاتقان بۇ مەھسۇلاتنىڭ ئاخىرقى مەنزىلىگە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقى نامايەن بولماقتا.

سوفى رىچاردسون بولسا بۇ مەسئۇلىيەت يەنىلا تېرموفىشىرغا شىركەتلەردە دەيدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: «تېرمو فىشىر چوقۇم ئامېرىكانىڭ تىجارەت ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى كۆرسەتمىلىرى بويىچە ھەرىكەت قىلىپ، ئۆز مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىش مەنزىلى، تەمىنلەش زەنجىرلىرى ۋە تارقاتقۇچى ئورۇنلىرىنى قاتتىق كونترول قىلىشى كېرەك. شۇنداقلا يەنە مۇشۇ ئۇچۇرلارنى ئاممىغا ئوچۇق قىلىشى كېرەك. ئەگەر قارشى تەرەپ ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدە قوللىنىشىغا كاپالەتلىك قىلالمايمىز، دىسە، ئۇلار بىلەن تىجارىتىنى توختۇتۇشى كېرەك. مانا مۇشۇنداق ئاددىي.»

«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار كۆزدىن كەچۈرگەن ھۆكۈمەت سېتىۋېلىش ھۆججىتى ۋە توختامىدا كۆرسىتىلىشىچە، بىر قانچە خىتاي شىركىتى 2019-يىلى مايدىن 2021-يىلى 6-ئايغىچە ئۇيغۇر ئېلىدىكى سەككىز جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگىنىغا كەم دېگەندە 521 مىڭ 165 دوللار قىممىتىدىكى تېرمو فىشېر ئۈسكۈنىسىنى ساتقان. تېخى يېقىندا ئۈرۈمچىگە جايلاشقان خىتاي شىركىتى 40 مىڭ 563 دوللارلىق مال ساتقان بولۇپ، تېرمو فىشېرنىڭ مەھسۇلاتلىرى كورلادىكى ساقچىخانىلارغا سېتىلغان ئىكەن. ئۇيغۇر ئېلىدىكى ساقچى ئورگانلىرى يەنە ئامېرىكانىڭ «Promega» نىڭ DNA ئۈسكۈنىلىرىنى ساتىدىغان تۆت شىركەت بىلەن تۆت ئايلىق توختام ئىمزالىغان.

ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاس ماركو رۇبىيو ئامېرىكا شىركەتلىرىنى بۇ مەسىلىدە داۋاملىق ئاگاھلاندۇرۇپ كېلىۋاتقان بىرى بولۇپ، ئۇ بۇ ھەقتە «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» گە قىلغان سۆزىدە «بايدېن ھۆكۈمىتى چوقۇم بارلىق ئىجازەت تەلىپى ۋە ئېكسپورتنى كونترول قىلىشتەك بارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ تۇرۇپ، چوقۇم ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرىنىڭ رايوندا ئىشلىتىلىشىگە خاتىمە بېرىشى كېرەك،» دېگەن.

«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» زىيارەت قىلغان خوڭكوڭ شەھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن پروفېسسورى سۇريا دىۋا قاتارلىق بىر قانچە مۇتەخەسسىسلەرمۇ يۇقىرىقى بۇ شىركەتلەر مەسئۇلىيەتنى باشقىلارغا ئارتىپلا بۇ ئىشتىن قۇتۇلالمايدۇ، دېگەن. ئۇلارمۇ خۇددى سوفى رىچاردسون خانىمغا ئوخشاش بۇ شىركەتلەرنىڭ خىتايدىكى شىركەتلەرگە مال ساتقاندا چوقۇم ئۆز ماللىرىنى 3-تەرەپكە سېتىشقا بولمايدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق شەرت قويۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

بىر قىسىم مۇتەخەسسىلەر يەنە ئامېرىكانىڭ «تىيەنئەنمېن ۋەقەسى» دىن كېيىن بېكىتىلگەن ۋە ئامېرىكا شىركەتلىرىنى خىتايغا قورال-ياراق سېتىشتىن چەكلەپ كەلگەن قانۇننىڭ ۋاقتى ئۆتكەنلىكىنى، خىتاينىڭ ھازىر ئامېرىكانىڭ كويزىسىغا، قورالىغا ئېھتىياجلىق ئەمەس، بەلكى مۇشۇنداق گېن ئۇچۇرلىرىنى يىغىدىغان يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلىرىغا ئېھتىياجى بارلىقىنى، شۇڭا بۇ قانۇننىڭ بۈگۈننىڭ ئېھتىياجلىرىغا ئاساسەن يېڭىلىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

سوفى رىچاردسون خانىمنىڭ بىزگە ئېيتىشىچە، تېرموفىشىرنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى چوقۇم ئامېرىكا قانۇنلىرى بويىچە سېتىلىشىنى تەرتىپكە سېلىش ياكى ئالاھىدە رۇخسەت بىلەن سېتىلىدىغان قىلىش ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىكەن. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو قاتارلىقلارنىڭ ئىمزالىشى بىلەن بۇ يىل 5-ئايدا تونۇشتۇرۇلغان «ئېكسپورتنى كونترول قىلىش قانۇنىنى چىڭىتىش قانۇن لايىھەسى» ئەگەر ماقۇللانسا، ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرىنىڭ خىتاي تەرىپىدىن ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتتە ئىشلىتىلىشىنىڭ ئالدىنى ئۈنۈملۈك ئالغىلى بولىدىكەن.