پارلامېنت سايلىمى ئاخىرلىشىپ، تۈركىيەنىڭ يېڭى پارلامېنت ئەزالىرى ئىشقا چۈشكەن بۈگۈنكى كۈندە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دىلشات بارىشچى ئەپەندى، قۇرۇلتاي ۋەكىلى خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى باش كاتىپى ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان ھەيئەت تۈركىيە پارلامېنتىغا يېڭىدىن سايلىنىپ كىرگەن پارلامېنت ئەزاسى، «يېڭىدىن رەفاھ» (Yeniden Refah) پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوغان بېكىن (Doğan Bekin) بىلەن ئۇچراشتى. ئۇچرىشىشتا مەزكۇر ھەيئەت ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا تەييارلىغان دوكلاتنى سۇندى. شۇنداقلا تۈركىيە پارلامېنتىغا بولغان تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
دوكلاتتا ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق، ئانا تىل مائارىپىنىڭ پۈتۈنلەي چەكلەنگەنلىكى، جازا لاگېرلىرىدا زۇلۇمغا ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارنىڭ تراگېدىيەسى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بولۇپمۇ تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان بېسىمىغا ئۇچرىشى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقە قىلالماسلىقى، شۇنىڭدەك خىتاينىڭ قۇللۇق ئەمگىكى سىياسىتى، ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى قاتارلىق مەزمۇنلار بايان قىلىنغان.
ئۇچرىشىشتا دىلشات بارىشچى ئەپەندى ئالدى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى، ياۋروپا دۆلەتلىرى، ياپونىيە، كانادا، ئاۋسترالىيە ۋە لاتىن ئامېرىكىسى قاتارلىق جايلاردىكى پائالىيەتلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. شۇنداقلا بۇ دۆلەتلەرنىڭ ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا بولغان ئىنكاسى توغرىسىدا چۈشەنچە بەردى. شۇ قاتاردا تۈركىيە ھۆكۈمىتى باشقا قېرىنداش دۆلەتلەرنىڭ ۋە ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۇنداق ئېغىر ۋەزىيىتىگە قاراپ تۇرماسلىقى كېرەكلىكىنى بايان قىلدى.

سۆھبەت جەريانىدا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى باش كاتىپى ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى «يېڭىدىن رەفاھ» پارتىيەسىنىڭ بۇرۇن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى بولغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇندىن كېيىن تۈركىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى، تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىنى تەلەپ قىلدى.
يېڭى پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلانغان دوغان بېكىن ئەپەندى بۇندىن كېيىن تۈركىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن ئالدى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى مەسئۇللىرىنىڭ زىيارىتىمگە كەلگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن. بىزنىڭ پارتىيەمىز بۇرۇنمۇ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلەتتى. خىتاينىڭ زۇلۇمىغا قارشى چىقاتتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى بولۇپ كەلگەن ئىدى. ئەمدىلىكتە بولسا تۈركىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەل قىلىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەشكە تىرىشماقچىمىز. بىز تۈركىيە پارلامېنتىدا باشقا سىياسىي پارتىيەلەرگە مەنسۇپ پارلامېنت ئەزالىرىغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئېغىر ۋەزىيىتىنى چۈشەندۈرۈپ، ئۇلارنىمۇ ھەرىكەتكە ئۆتكۈزۈشكە تىرىشماقچىمىز. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى بىزنىڭ قىزىل سىزىقىمىز، شۇنىڭدەك ھەر دائىم مۇھىم مەسىلە سۈپىتىدە كۈن تەرتىپىمىزدە بولىدۇ.»
«يېڭىدىن رەفاھ» پارتىيەسى مۇسۇلمان دۆلەتلەر بىرلىكى قۇرۇشنى، تۈركىيەنىڭ ئىسلام دۆلەتلىرى بىرلىكىنىڭ ئىچىدە ئورۇن ئېلىشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن سىياسىي تەشكىلات ھېسابلىنىدۇ. نۆۋەتتىكى پرېزىدېنت رەجەب تايىپ ئەردوغانمۇ ئىلگىرى مۇشۇ پارتىيەگە ئەزا بولغان. يىللاردىن بۇيان مەزكۇر پارتىيەنىڭ مۇسۇلمان دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ناھايىتى ئىزچىل ياخشى بولۇپ كەلگەنلىكى مەلۇم. بىز پارلامېنت ئەزاسى دوغان بېكىن ئەپەندىگە «سىز ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئىسلام دۆلەتلىرىگە ئېتىراپ قىلدۇرۇش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلماقچىسىز؟ » دەپ سوئال سورىدۇق. ئۇ بۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بەردى: «بىز مۇسۇلمان دۆلەتلەردە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا يىغىنلارغا داۋاملىق قاتنىشىمىز. بۇندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تېخىمۇ ياخشى ئاڭلىتىش پۇرسىتىگە ئىگە بولىمىز. بىز ئىسلام دۆلەتلىرىگە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاڭلىتىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ھۆكۈمەتلىرىنى ھەرىكەتكە ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىمىز.»
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى باش كاتىپى ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى 6-ئاينىڭ 14-كۈنى پارلامېنت ئەزاسى، «يېڭىدىن رەفاھ» پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوغان بېكىن ئەپەندى بىلەن ئۇچراشقانلىقىنى، بۇ پارتىيە ھازىرقى ھۆكۈمەت بىلەن ئىتتىپاقداش پارتىيە بولغاچقا تەلەپلىرىنىڭ جاۋابسىز قالمايدىغانلىقىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
خەۋەر تېپىشىمىزچە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسىنىڭ رەئىسى دىلشات بارىشچى، باشقۇرۇش ھەيئەت ئەزاسى مەھمەت ئالى ھافىز، ئالى ئەكبەر نۇرلۇق، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى باش كاتىپى ئابدۇلھەمىد قاراخان قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان ھەيئەت ئەنقەرەدە بىر يۈرۈش مۇھىم ئۇچرىشىشلارنى پىلانلىغانلىقى مەلۇم.