گرېگ كاسكىي بىلەن سۆھبەت: «يىرتقۇچ دۆلەت ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئاسسىمىلاتسىيە قىلىنىشى»

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى زۇلۇملىرى نۆۋەتتە «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» دېگەن نامدا كۆپلەپ مەلۇم بولۇۋاتقان بولسىمۇ بۇ تارىخىي تىراگېدىيەنىڭ نېمە ئۈچۈن ئەمدىلىكتە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقى يېقىندا ئېلان قىلىنغان «يىرتقۇچ دۆلەت ۋە مەجبۇرىي ئاسمىلاتسىيە: ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى» سەرلەۋھىلىك دوكلاتتا تەپسىلىي بايان قىلىندى. جورج مېيسون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتورى گرېگورىي كاسكىي (Gregory W. Caskey) ۋە پىتتىسبۇرگ ئۇنىۋېرسىتىتېنىڭ پروفېسسورى ئىلىيا مۇرتازاشۋىلى (Ilia Murtazashvili) ئورتاق تەييارلاپ چىققان بۇ دوكلاتتا خىتاي دۆلىتىنىڭ ئۆتكەن يىگىرمە يىللىق ئىقتىسادىي يۈكسىلىشى ماھىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي ۋەزىيىتىگە ئارقا كۆرۈنۈش ھازىرلىغانلىقى كۆپ تەرەپلىمە نۇقتىلاردىن شەرھىلىنىدۇ.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆتكەن 70 يىل مابەينىدە ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن باستۇرۇش كۆلەم ۋە دەرىجە جەھەتتە كىچىكلىكتىن زورىيىش يۆنۈلىشىدە ئېشىپ ماڭغان. بولۇپمۇ دوكلاتنىڭ بىرىنچى بۆلۈكىدە بېرىلگەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى 70 يىللىق سىياسىي ئۆزگىرىش خىتاي دۆلىتىنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، ھەربىي ۋە نوپۇس جەھەتتىكى قەدەم-باسقۇچلۇق كېڭىيىشىنى جانلىق تەسۋىرلەپ بېرىدۇ. دەل شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ھەر جەھەتتىن ئۆزىگە تولۇق ئىشەنچى تىكلەنگەن خىتاي ھۆكۈمىتى 2016-يىلىدىن باشلاپ غايەت زور لاگىر سىستېمىىسى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەكنى ۋۇجۇتقا چىقىرىپ ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇش ئارقىلىق يوق قىلىشتەك يېڭى ئاسمىلاتسىيە ئىستراتېگىيەسىنى باشلىغان. بۇنىڭ بىلەن چېن چۇەنگو تىبەتتە بەش يىلدا قىلغان ئىشنى ئۇيغۇر دىيارىدا بىر يىلدىلا تاماملاپ بولغان. بۇ ئومۇمىي «تەرەققىيات» جەريانىدا خىتاي دۆلىتى مەنپەئەتدار بولغۇچى، ئۇيغۇرلار زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچى بولۇپ كەلگەن. بۇ ھادىسىنى ئاپتورلار «يىرتقۇچ دۆلەت نەزىرىيىسى» بويىچە شەرھىلىگەن. بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىز جەريانىدا بۇ ئاتالغۇ ھەققىدە سۆز بولغاندا دوكتۇر گرېگورىي مۇنداق دەيدۇ:

«بۇ ئىبارە ‹ئاممىۋى ئىختىيارلىق ئىقتىسادى› دەيدىغان ساھەدىكى يىگانە ئەنئەنە ئاساسىدا ئوتتۇرىغا چىققان. بۇنىڭدا ھاكىمىيەت بېشىدىكى ھۆكۈمران گۇرۇھنىڭ مەنپەئەتى بارچە خەلقنىڭ مەنپەئەتىدىن ئ‍ۈستۈن بولىدۇ. دېمەكچى بولغىنىم، مەن بىر ئىقتىسادشۇناس. شۇڭىمۇ ئۆتكەن ئون يىل مابەينىدە دۆلەت بىلەن پۇقرالارنىڭ مۇناسىۋىتىنى كۆزىتىشتە ئومۇملاشقان ئۇسۇللار بويىچە ئەمەس، ئەكسىچە ‹يىرتقۇچ دۆلەت› نىڭ ئالاھىدىلىكى بويىچە كۆزەتتىم. بۇ نەزىرىيە بويىچە بولغاندا دۆلەت ئەسلىدە پۇقرالارنى قوغدايدىغان بىر ماشىنا بولۇشى كېرەك. ئەمما خىتايدىكى ئەندىزە دەل بۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ كەلدى. ھۆكۈمران گۇرۇھ ئىزچىل ھاكىمىيەتكە يۆلىنىپ پۇقرالارنى شىلىپ كەلدى ھەمدە ئۇلارنىڭ بارلىق ھەقلىرىنى ئۆز قولىغا ئېلىۋالدى. مۇنداقچە ئېيتقاندا پۇقرالارنى قوغدايدىغان مەنتىقە مەۋجۇت بولمىدى. خىتايدا بولسا ئ‍ۇيغۇرلار بۇنىڭ تىپىك مىسالى بولۇپ، خىتاي دۆلىتى ئۇيغۇرلارنى شىلىش ھېساۋىغا ئۆز ھەميىنىنى تومپايتىپ كەلدى.»

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى زۇلۇم ھەققىدە سۆز بولغاندا ئۇنىڭ يۇقۇرى پەللىسى شى جىنپىڭنىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىشى بىلەن ئوڭ تاناسىپ كېلىدىكەن. شى جىنپىڭنىڭ ئۆزىنى ماۋ زېدوڭغا ئوخشىتىۋاتقانلىقىمۇ كۆپلەپ مەلۇم بولغان. يەنە كېلىپ بۇ دەۋردە خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى «دىكتاتورا ئورگانلىرى ‹ئۈچ خىل كۈچلەر› گە قارشى تۇرۇشتا قىلچىلىكمۇ رەھىمدىللىق قىلىشقا بولمايدۇ» دېگەن باش يېتەكچى پىرىنسىپنى تىكلەپ بەرگەن. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا گرېگورىي مۇنداق دەيدۇ: «سىز ئېيتقان بۇ نۇقتىلار ئەلۋەتتە ناھايىتى مۇھىم. چۈنكى ئۆتكەن ئون نەچچە يىل مابەينىدە بىز راستلا خىتاي باي بولسا دېموكراتىيەگە ماڭىدۇ، دەپ ئىشەنگەن. ئەمما ھازىرقى رېئاللىق دەل بۇنىڭ تەتۈرىسىچە بولۇۋاتىدۇ. بولۇپمۇ شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن بۇ ھال تېخىمۇ شۇنداق بولدى. خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىر پارتىيەلىك دۆلەت ئىكەنلىكى يېڭى گەپ ئەمەس. بىز دوكلاتتا ئاساسلىق قىلىپ تەكىتلىگەن بىر نۇقتا شى جىنپىڭنىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىشى بىلەن رەئىس سۈپىتىدە ئىجرا قىلغان ئىشلىرىنىڭ مۇناسىۋىتىدۇر. خۇ جىنتاۋ دەۋرىدىمۇ زۇلۇم مەۋجۇت بولغان. ئەمما شى جىنپىڭ دەۋرىدە تېخىمۇ يۇقۇرى دەرىجىدە ھوقۇق مەركەزگە مەركەزلەشكەن سىياسىي سىستېما بارلىققا كەلدى. شى جىنپىڭنىڭ سايىسىدە مەۋجۇت بولۇۋاتقان بىر گۇرۇھ كىشىلەر دەل مۇشۇ سىستېمىدىن پايدىلىنىپ ئۆزلىرىنى سەمرىتمەكتە. بۇ ئەندىزىگە قارشى چىققانلارنىڭ ئاقىۋىتى تولىمۇ پاجىئەلىك بولۇشمۇ شۇ تەرىقىدە مۇقىملاشتى. بۇ خىلدىكى ھوقۇق مەركەزلەشكەن سىستېمىدا زۇلۇمنىڭ تەننەرقىمۇ ئەرزان چۈشىدۇ. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىپ كەلگەن زۇلۇمنىڭ ئەڭ يۇقۇرى پەللىسى شى جىنپىڭ دەۋرىدە ئوتتۇرىغا چىقتى. مەن 2014-يىلى ئۈرۈمچى ۋە قەشقەرگە بارغاندا خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ ھەممىلا جاينى چارلاپ يۈرگەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ چاتاقلىقىنى پەملىگەن. ئەمما ئەھۋال كېيىنكى بىرنەچچە يىلدا بەكلا يامانلىشىپ كەتتى. دېمەكچىمەنكى، شى جىنپىڭ دەۋرىدە سىياسىي جەھەتتىكى ھوقۇقنىڭ مەركەزلىشىشى بۇ ئەھۋاللارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدا مۇھىم رول ئوينىدى، دېسەك خاتا كەتمەيدۇ.»

شى جىنپىڭ ئاجايىپ مەستخۇشلۇق ئىچىدە ئىجرا قىلىۋاتقان مىللىي سىياسەتلەر ماھىيەتتە ھوقۇقنى مەركەزگە مەركەزلەشتۈرۈشنى دۆلەت سىياسىتى قىلغان ھالدا يۇقۇرى پەن-تېخنىكا ئارقىلىق خىتاي بولمىغانلارنى نازارەت قىلىپ تۇرۇش ۋە خىتاينىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن بەكمۇ مۇھىم بولغان «بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى» نى ئوڭۇشلۇق تاماملاشقا شارائىت ياراتقان. خىتاي دۆلىتىنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد ۋە ھەربىي جەھەتتىن كۈچىيىشى «خەۋپلىك بولغان ئۇيغۇرلار» نى يوقىتىشتا زورلۇق بىلەن ئىجرا بولىدىغان ئاسمىلاتسىيەنى تاشقى جەھەتتىن كاپالەتكە ئىگە قىلغان. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا دوكتۇر گرىگورىي مۇنداق دەيدۇ.

«شۇنداق. بۇ ئادەمنى تېخىمۇ چوڭقۇر مەسىلىلەرگە يېتەكلەيدىغان بىر رېئاللىق. ئۇيغۇرلارنى خىتاي دۆلىتىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن تەھدىت دەپ قاراش 2016-يىلى يېڭى گەپ بولۇشتىن قالدى. ئەمما ھازىرقى ئەڭ مۇھىم مەسىلە شۇكى، نېمە ئ‍ۈچۈن بۇ ئىشلار 2016-يىلىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىقىدۇ؟ بەزىلەر بۇنىڭدىكى ئەڭ مۇھىم بىر سەۋەب قاتارىدا شى جىنپىڭنىڭ كاللىسىدا ‹ئۇيغۇرلار ئۆتمۈشتىكى ھەرقانداق ۋاقىتقا سېلىشتۇرغاندا ھازىر ئەڭ چوڭ تەھدىت› دەيدىغان بىر چۈشەنچىنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. بۇ قاراشنى بىزنىڭ مۇتلەق ھەقىقەت سۈپىتىدە قوبۇل قىلىشىمىزمۇ زۆرۈر ئەمەس. چۈنكى شى جىنپىڭنىڭ كاللىسىدا زادى نېمىلەرنىڭ بارلىقىنى بىز بىلمەيمىز. ئەمما بىلىدىغىنىمىز تاشقى دۇنيادىكى ئۆزگىرىشلەر ‹تەننەرق-مەنپەئەت› تەھلىلىگە شارائىت ياراتتى. ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈش ۋە يۇقۇرى پەن-تېخنىكا بولسا يىرتقۇچلۇق سىياسىتىنىڭ تەننەرقىنى تۆۋەنلەتتى. ئاخىرقى بىر نۇقتا بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ‹بىر بەلۋاغ بىر يول› قۇرۇلۇشى ھېساپلىنىدۇ. بۇ قۇرۇلۇشتا خىتاينىڭ غەربىي قىسمىدىن تاكى قازاقىستان ۋە پاكىستانغىچە بولغان جايلار بەكمۇ مۇھىم دائىرە ھېساپلىنىدۇ. غايەت زور مەبلەغ سېلىنغان ھەمدە غايەت زور كۆلەملىك بۇ قۇرۇلۇشنىڭ مۇقىم داۋام قىلىشى ئۈچۈن سىياسىي جەھەتتە بىر قاتار تەدبىرلەرنىڭ ئېلىنىشى زۆرۈر بولىدۇ. ئەلۋەتتە مەن بۇ تەدبىرلەرنىڭ ئېلىنىشى مۇقىملىق پەيدا قىلىدۇ، دېمەكچى ئەمەسمەن. چۈنكى بۇ زورلۇق ۋە مۇتىھەملىكلەر ئاللىقاچان چەكسىز غەزەپ-نەپرەت ۋە دۈشمەنلىككە سورۇن ھازىرلاپ بولدى. ئەمما تاشقى جەھەتتىكى ئۆزگىرىشلەرنى نەزەرگە ئالغاندا خىتاي ئۈچۈن ‹بىر بەلۋاغ بىر يول› قۇرۇلۇشى ناھايىتى مۇھىم ئامىل ھېساپلىنىدۇ.»

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، شى جىنپىڭ ئۆزىنىڭ دىكتاتورلۇق ھاكىمىيەت سىستېمىسىنى پەردازلاش ئۈچۈن 2017-يىلى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ پارتىيە نىزامنامىسىغا شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە «خىتاي چۈشى» نى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ھەققىدىكى بايانلارنى كىرگۈزگەن. بۇنىڭدا خىتاي دۆلىتىنىڭ دۇنياغا خوجا بولۇشتەك «كەلگۈسى ئىستىقبالى» ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ ئارقىلىق شى جىنپىڭغا قارشى ھەرقانداق مۇقاملارغا «ئاغزىڭنى يۇم» دېگەن ئۇچۇر يوللانغان. بۇ جەرياندىكى بىر مۇھىم باسقۇچ خىتاي دۆلىتىنىڭ مىللىي دۆلەت بولۇشى ھەمدە بۇنىڭغا «توسقۇن» بولۇۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ئوخشاشلارنىڭ ئۆزلىرى بىلەن ئوخشاش تىپتىكى ئىنسانلارغا ئايلىنىشى تېگى-تەكتىدىن ئالغاندا ئۇلارنىڭ ئۆزگىچە خەلق سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇشىدىن ئەۋزەل ۋە پايدىلىق، دەپ قارالغان. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا دوكتۇر گرېگورىي مۇنداق دەيدۇ:

«شى جىنپىڭنىڭ رەئىسلىكى ۋە ئۇ ئىجرا قىلىۋاتقان سىياسەتلەر رەڭگا-رەڭ مەدھىيىلەر ئارقىلىق ‹ئالقىشلىنىۋاتىدۇ›. بۇ مەدھىيەلەرنىڭ بىرى دەل ‹خىتاي چۈشى› ھەققىدىكى تەشۋىقاتتۇر. خىتايلار ‹ئالەم› دېگەندە پۈتۈن دۇنيانى كۆزدە تۇتقان ھالدا ئۆزلىرىنىڭ سىياسەتلىرىنى مۇشۇ دائىرىگە كېڭەيتىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئەمما بۇ پەقەت بىر تەشۋىقات، خالاس. 2014-يىللىرىدىكى قارشىلىق ھەركەتلىرى، ھوقۇقنىڭ مەركەزلىشىشى، يۇقۇرى پەن-تېخنىكىلىق قولايلىقلار ۋە ‹بىر بەلۋاغ بىر يول› قۇرۇلۇشى دېگەنلەر خىتاينىڭ دۇنياۋى ھۆكۈمرانلىق چۈشىگە تۈرتكە بولۇۋاتقان ئامىللارغا مەنسۇپ. ئەمما مېنىڭچە بۇنىڭ ئۈنۈمى كۈتكەندىكىدەك بولماسلىقى مۇمكىن. ئۇيغۇرلار ناھايىتى ئەمگەكچان ۋە كەسپچان بىر خەلق بولۇش سۈپىتى بىلەن جەمىيەتنىڭ ھەرقانداق بىر ساھەسىگە ئۆز تۆھپىسىنى قوشۇپ كەلگەن.»

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى زۇلۇمنىڭ باش-ئاخىرىغا مۇناسىۋەتلىك كۆپلىگەن رېئاللىقلار نۆۋەتتە بارغانسېرى كۆپلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇنىڭدىكى بىر مۇھىم يۈزلىنىش بۇ زۇلۇمنىڭ يالغۇز ئۇيغۇرلارنىلا نىشان قىلمايۋاتقانلىقى، ئەكسىچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پۈتۈن دۇنيانى خىتايغا ئوخشاش قىلىپ ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىمۇ كۆپلەپ تەكىتلەنمەكتە ئىكەن.