دوكتور رۇنې سىتېنبېرگ بىلەن سۆھبەت (2) : «نىكاھنىڭ يوقىتىلىشى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئەخلاقنى خاراب قىلىدۇ! »

0:00 / 0:00

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى، دىنىي ئېتىقادى، ئۆرپ-ئادىتى ۋە مەدەنىيىتىنى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. ۋاھالەنكى، نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ئەڭ روشەن ئىپادىلىرىنىڭ بىرى ئۇيغۇرلارنىڭ نىكاھ-توي ئادەتلىرىگە قىلىۋاتقان بۇزغۇنچىلىقى ھېسابلىنىدۇ. بۇ خىل سىياسىي باستۇرۇش ۋە ئاسسىمىلياتسىيە ئۆز نۆۋىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئۆرپ-ئادەتلىرىنى، جۈملىدىن ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ئېغىر تەھدىتكە ئۇچرىتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە داۋاملاشتۇرۇشىغا ئېغىر دەرىجىدە خىرىس ئېلىپ كەلمەكتە.

بىز يېتىلىۋاتقان ئۇيغۇرشۇناس، دوكتور رۇنې سىتېنبېرگ بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىزنىڭ 2-بۆلۈمىدە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھەر خىل ئۇسۇل-ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ تويلىشىشىنى سىياسىي خاراكتېرلىك تەشەببۇسقا ئايلاندۇرغاندىن كېيىنكى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە سۆزلەشتۇق.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن بۇ قېتىمقى سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلىي مەزمۇنلىرىنى ئاڭلىغايسىلەر.