مەلۇمكى، ئۇيغۇرلار خىتاي بويىچە باشقا دىندىكى مىللەتلەر، بولۇپمۇ خىتايلار بىلەن تويلىشىش نىسبىتى ئەڭ تۆۋەن ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن بىر خەلق ئىدى. ھالبۇكى، يېقىنقى 10 يىل مابەينىدە ئۇيغۇرلارنى مىللەت ۋە دىن ھالقىغان نىكاھقا رىغبەتلەندۈرۈش، بولۇپمۇ ئۇلارنى خىتايلار بىلەن تويلىشىشقا مەجبۇرلاش ھادىسىسى، خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن سىياسەت خاراكتېرلىك تەشەببۇس سۈپىتىدە كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىنىپ كەلمەكتە.
ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتىنى ئىزچىل تۈردە كۆزىتىپ كېلىۋاتقان چەت ئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى 6 يىلدىن بۇيان ئىنتايىن رەزىل ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئۇلار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقات ماشىنىلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ باشقا مىللەتلەر بىلەن، بولۇپمۇ خىتايلار بىلەن تويلىشىشىنى تەشەببۇس قىلىشى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى مىللىي ئاسسىمىلياتسىيە ۋە ئىرقىي تازىلاش سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە.
دوكتور رۇنې سىتېنبېرگ، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىش، ئۇيغۇر دىيارىدا نەق مەيدان تەكشۈرۈشلىرىدە بولۇش ۋە ئۇيغۇرلار بىلەن بىلەن بىرلىكتە ياشاش جەريانىدا، نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتى ھەققىدە چوڭقۇر چۈشەنچە ھاسىل قىلغان ئىلمىي تەتقىقاتچىلارنىڭ بىرىدۇر. ئۇ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايلار بىلەن تويلىشىشقا تەشەببۇس قىلىشى، ئۇيغۇرلارنى ئېرىتىپ ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ مىللىي كىملىكى ۋە قارشىلىق كۆرسىتىش كۈچىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان، دەپ كۆرسەتتى.
مەزكۇر سۆھبەتنىڭ 3-قىسمىنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىز.
