ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ يىللىق دوكلاتىدا خىتاينىڭ «قىرغىنچىلىق جىنايىتى» نى بېكىتىش تەلەپ قىلىندى

0:00 / 0:00

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى (CECC) 14-يانۋار پەيشەنبە كۈنى، 2020-يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. دوكلاتتا ئۇيغۇر دىيارىدا «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر، بەلكىم ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈز بېرىۋاتقانلىقى» توغرىسىدا يېڭى ئىسپاتلارنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكى كۆرسىتىلدى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا «قىرغىنچىلىقنىڭ سادىر قىلىنغان-قىلىنمىغانلىقى توغرىسىدا رەسمىي قارار چىقىرىشى» تەلەپ قىلىندى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ پەيشەنبە ئېلان قىلغان يىللىق دوكلاتى، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە كومپارتىيەسىنىڭ 2019-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە بولغان بىر يىل مابەينىدىكى باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى تەكشۈرۈش ئاساسىدا تەييارلانغان.

مەزكۇر دوكلاتنىڭ ئۇيغۇر دىيارى ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بۆلەكلىرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئاشقۇنلۇقنى تۈگىتىش» ۋە «كىشىلەرگە كەسپىي ماھارەت ئۆگىتىش» دېگەندەك باھانە-سەۋەبلەر بىلەن تەخمىنەن 1 مىليون 800 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنى خىتاي ئاتالمىش «كەسپىي تەربىيىلەش مەركىزى» دەپ تەسۋىرلەيدىغان، باشقىلار «جازا لاگېرى» دەپ ئاتاۋاتقان مۇرەككەپ ئورۇنلارغا قامىغانلىقى قاتتىق ئەيىبلەنگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەت ئاھالىلىرىگە قاراتقان مەدەنىيىتىنى ۋەيران قىلىش، دىنىي ئېتىقادىنى چەكلەش، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش ۋە تۇغۇت چەكلەش سىياسىتى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋەھشىيلىكلىرى ھەققىدىكى يېتەرلىك دەلىل-ئىسپاتلار ھېسابلىنىدىكەن.

دوكلاتتا ھازىرغىچە ئاشكارىلانغان خىتاي ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرى، سابىق لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ گۇۋاھلىقى، تاراتقۇلارنىڭ دوكلاتى قاتارلىقلارنىڭ خىتايدا لاگېر سىستېمىسىنىڭ تەشكىللەنگەنلىكىنى دەلىللەيدىغانلىقىدىن باشقا ئۇنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىۋاتقانلىقىنىڭ ئىسپاتى بولالايدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

دوكلاتتا بۇ ھەقتە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان ئەھۋاللار خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ رىم نىزامنامىسىنىڭ 7-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىدا كۆرسىتىلگەنلەر بويىچە ئىنسانىيەت قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىك بولىدۇ.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ بىرلەشمە رەئىسى، دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ ۋەكىلى جېيمىس پ. مەكگوۋېرن دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىش باياناتىدا يېڭى نۆۋەتلىك بايدېن ھۆكۈمىتىدىن بېيجىڭنى جاۋابكارلىققا تارتىشنى تەلەپ قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۆتكەن بىر يىلدا، خىتاي ھۆكۈمىتى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ۋە مىسلى كۆرۈلمىگەن ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىپ، كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىشنى خىتايدا تارمار قىلدى. ئامېرىكا چوقۇم خىتايدىكى خەلق بىلەن داۋاملىق بىللە كۈرەش قىلىپ، دۇنيانى يېتەكلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە بىردەك ۋە ماس قەدەمدە تاقابىل تۇرۇشى كېرەك. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە بايدېن ھۆكۈمىتى ھەر ئىككىسى بۇ دوكلاتتىكى تەكلىپ ۋە تەۋسىيەلەرنى قوللىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشى ھەمدە ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدە كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەم قانۇن بىلەن باشقۇرۇشنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشى كېرەك».

دوكلاتتا خىتاي تۈرمىسىدىكى ئەندىشە قوزغاۋاتقان سىياسىي مەھبۇسلار سانلىق ئامبىرىغا، 2017-يىلى 27-يانۋار قولغا ئېلىنغان ۋە 18 يىل كېسىلگەن سائادەت باۋۇدۇن، 2018-يىلى سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلىنىپ 15 يىل كېسىلگەنلىكى تىلغا ئېلىنىۋاتقان رەشىدە داۋۇتنىڭ ئەھۋالى ھەققىدىكى ئارخىپ كىرگۈزۈلگەن. دوكلاتتا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتى يالغۇز ئۇيغۇر دىيارىدىلا ئەمەس ھەتتا ئامېرىكادىكى ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئامېرىكا پۇقرالىرىغىمۇ ۋاسىتىلىك ۋە بىۋاسىتە تەھدىت ۋە پاراكەندىلىك سېلىش بىلەن ئەيىبلەندى.

بۇ كومىتېتنىڭ بىرلەشمە رەئىسى، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو باياناتىدا مۇنداق دېدى: «بۇ دوكلات بىزگە خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھوقۇقنى قالايمىقان ئىشلەتكەنلىكىنىڭ دەھشەتلىك بەدىلى ۋە نېمە ئۈچۈن بىز چوقۇم خىتاي خەلقىنى قوللاشنىڭ يوللىرىنى تېپىشىمىز كېرەكلىكىنى يەنە بىر قېتىم كۆرسىتىپ بەردى».

مەزكۇر دوكلات ئېلان قىلىنىشتىن بىر كۈن ئاۋۋال، يەنى چارشەنبە كۈنى، ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش بەدىلىگە ئىشلەپچىقىرىلغان ئۇيغۇر دىيارىدىن كەلگەن بارلىق پاختا ۋە پەمىدۇر مەھسۇلاتلىرىغا تۇتۇپ قېلىپ بۇيرۇقى ئېلان قىلغانىدى. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ دوكلاتىدا خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە يەنە نۇرغۇن ئامېرىكا، خەلقئارا ۋە خىتاي شىركەتلىرىنىڭ-شېرىك بولۇش خەۋپى بارلىقى ئاگاھلاندۇرۇلغان.

كېڭەش پالاتا ئەزاسى جېف مېركلېي دوكلاتتا مۇنداق دېگەن: «بىز خىتاينىڭ ئاساسىي ھوقۇققا بولغان ھەددىدىن زىيادە چەكلىمىسىگە قارشى تۇرۇش ۋە ئامېرىكالىقلارنىڭ شېرىك بولماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەش خەرىتىسىگە موھتاج».

دۆلەت مەجلىس ئەزاسى كىرىستوفېر سىمىس يىللىق دوكلاتتا: «ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى، خرىستىئانلار، تىبەتلەر، فالۇنگۇڭ ئېتىقادچىلىرى، كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرى ۋە خوڭكوڭ پۇقرالىرى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان باستۇرۇشلار چوقۇم ئىش باشلاش ئالدىدىكى بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىسى بولۇشى كېرەك» دەپ تەكىتلىدى.

كېڭەش پالاتا ئەزاسى ستىۋ دانىس باياناتىدا: «خىتاينى، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ماھىيەتلىك دەپسەندىچىلىكى، دىنىي ئەركىنلىككە دەخلى-تەرۇز قىلىشى ۋە سىياسىي ئەركىنلىكنى باستۇرۇشى بويىچە ئۇنىڭ چېگراسى ئىچىدە ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا جاۋابكارلىققا تارتىش ھەممىدىن مۇھىم» دەپ كۆرسەتتى.

جۇمھۇرىيەتچىلەر ۋەكىلى ۋىكى خارتزلېر: «شۈبھىسىزكى، خىتاي كومپارتىيەسى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلماقتا، بۇ دوكلات ھاكىمىيەتنىڭ ئۆز خەلقىگە قارىتىلغان سىستېمىلىق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى يورۇتۇپ بەردى. خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى تەرىپىدىن سادىر قىلىنغان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ۋەھشىيلىكلەر ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىش، نوپۇسنى مەجبۇرىي چەكلەش ئۇسۇللىرى ۋە بارلىق دىنلارغا زىيانكەشلىك قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىز چوقۇم خىتاينى جاۋابكارلىققا تارتىشىمىز كېرەك» دېدى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ 373 بەتلىك يىللىق دوكلاتىدا، تۇنجى قېتىم خىتاينىڭ پىكىر-ئىنكاس ۋە ئىنتېرنېتنى تەكشۈرۈشتىكى ئۇزۇن قولىنىڭ قانداق قىلىپ يېڭى بىر باسقۇچقا يېتىپ بارغانلىقى ھەققىدىكى تەكشۈرۈشكە مەخسۇس بىر باب ئاجرىتىلغان. دوكلاتقا قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللەردىكى پىكىر بايان قىلىش ئەركىنلىكىنى باستۇرۇشى تېخىمۇ ئومۇملاشقان ۋە ئېغىرلاشقان.

ئۆتكەن يىلى 8-ئايدا، پرېزىدېنت سايلىمىغا تەييارلىق قىلىۋاتقان جو بايدېن سايلام گۇرۇپپىسى باياناتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى باستۇرۇشىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. جو بايدېن پرېزدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋېلىشقا ساناقلىق كۈنلەر قالغاندا ئېلان قىلىنغان ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ يىللىق دوكلاتىدا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىي قارار چىقىرىپ، ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان رەھىمسىز ۋەھشىيلىكنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ياكى ئەمەسلىكىنى بېكىتىشى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى ئىككى پارتىيە ۋە بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە داۋاملىق قاتتىق پوزىتسىيە تۇتىدىغانلىقىنى مۆلچەرلەش ۋە شۇنداق قىلىشىنى تەلەپ قىلىش مەۋجۇت. كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ بۇ ھەپتە ئېلان قىلغان يىللىق دوكلاتىدىمۇ، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ۋە ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىگە خاتىمە بېرىش، بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكنى قوغداشتىكى مەجبۇرىيىتىنى قانداق ئادا قىلىشقا باغلىق» دەپ كۆرسىتىلگەنىدى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ 2020-يىللىق دوكلاتىنى قارشى ئالغان ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى، 15-يانۋار ئۆزىنىڭ تۋىتتېر سەھىپىسى ئارقىلىق ئىنكاس قايتۇرۇپ: «خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ يىللىق دوكلاتىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلىرىغا زىيانكەشلىك قىلغانلىقى قىرغىنچىلىق ۋە ياكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت بولۇشى مۇمكىنلىكى ئىسپاتلاندى. خىتاينىڭ بۇ قىلمىشى پۈتكۈل دۇنيا جامائەتچىلىكى تەرىپىدىن ئەيىبلىنىشى ۋە تەكشۈرۈلۈشى كېرەك» دەپ چاقىرىق قىلغان.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» جىنايىتى رەسمىي بېكىتىلگەن تەقدىردە بۇ، دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە ۋە ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزاسى بولغان خىتاي ئۈچۈن زور زەربە ھېسابلىنىدىكەن. شۇڭا خىتايمۇ پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۆزىنىڭ جازا لاگېرلىرى، ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قاتتىق باستۇرۇش ۋە قىرغىنچىلىق قىلمىشلىرىنى ئاقلاشقا تىرىشماقتىكەن.