ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ پاناھلىق ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇن لايىھەسى تونۇشتۇرۇلدى

0:00 / 0:00

6-ئاينىڭ 7-كۈنى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتا ئەزاسى جېنىفېر ۋېكستون (Jennifer Wexton)، مارىيا ئېلۋىرا سالازار (Maria Elvira Salazar)، گرىگورى مېكس (Gregory Meeks)، دون بېيېر (Don Beyer)، گېرى كونولى (Gerry Conolly) قاتارلىقلار ئۇيغۇرلارنىڭ پاناھلىق ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرۇلۇق بىر قانۇن لايىھەسىنى تونۇشتۇرغان. بۇ قانۇن لايىھەسى ئامېرىكادىكى ھەر ئىككى پارتىيە ماقۇللىغان «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» نىڭ مۇناسىۋەتلىك ماددىلىرى ئاساسىدا تۈزۈلگەن بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇشىغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنى پاناھلىق بېرىشكە ئەڭ لايىق كىشىلەر دەپ بېكىتىش ۋە ئۇلارنى ئامېرىكاغا قوبۇل قىلىشنى ئاسانلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىكەن.

جېنىفېر ۋېكستون ئۆزىنىڭ ھۆكۈمەت تور بېتىدە ئاخبارات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: «ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دەھشەتلىك باستۇرۇشىغا ئۇچرىشى ھازىر دۇنيادىكى ئەڭ جىددىي مەسىلە بولۇپ قالدى. ئامېرىكا بۇ زىيانكەشلىكتىن قېچىپ قۇتۇلغان كىشىلەرگە كۆڭۈل بۆلمىسە بولمايدۇ».

بۇ ئاخباراتتا بېرىلگەن بايانلارغا قارىغاندا، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئەزالىرىدىن مارىيا ئېلۋىرا سالازار، گرىگورى مېكس قاتارلىقلارمۇ بۇ قانۇن لايىھەسى ھەققىدە پىكىر بايان قىلىپ، خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى ئەڭ قورقۇنچلۇق جىنايەت ئىكەنلىكىنى، ئامېرىكانىڭ پەقەت ئۇنى ئەيىبلەش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، بۇ جىنايەتنىڭ قۇربانىغا ئايلانغانلارنى قوغداش ۋە زۇلۇمدىن قېچىپ چىققانلارغا پاناھلىق بېرىشنى تېزلىتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئىگىلىشىمىزچە، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ سۇنۇلۇشى ئۈچۈن ئالاھىدە كۈچ سەرپ قىلغان بولۇپ، روشەن ئابباس خانىم ھەقتە رادىيومىزغا مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلارغا ئالاھىدە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى ھېسابلىنىدىغان بۇ قانۇن لايىھەسى 2020-يىلىلا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى كېرەك ئىدى. ھېلىھەم بولسىمۇ ئۇنىڭ دۆلەت مەجلىسىگە سۇنۇلۇشى بۇ يولدا بېسىلغان مۇھىم بىر قەدەمدۇر».

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى خەلقئارا ئىشلار بۆلۈمى مۇدىرى لۇيىسا گرېۋ (Loisa Greve) بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ ئەھمىيىتى توغرۇلۇق مۇنداق دېدى:

«نۇرغۇن دۆلەتلەر ئۇيغۇرلارنى نومۇس قىلماستىن خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىۋاتىدۇ. بۇ ناھايىتى جىددىي مەسىلىدۇر. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ جىنايىتىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دەپ بېكىتكەندىن كېيىن ئىككىنچى قەدەمدە چوقۇم ئاشۇ خەتەردە قالغانلارنى، قۇتۇلدۇرۇش تەس بولغانلارنى، پاسپورتىنى يېڭىلىيالمىغانلارنى ۋە خىتاينىڭ دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشىغا ئۇچراۋاتقانلارنى قۇتۇلدۇرۇشى كېرەك. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى بۇ قانۇن لايىھەسىنى قوللايدۇ ۋە ئۇنىڭ دۆلەت مەجلىسىدىن ئۆتۈشىگە تۈرتكە بولىدۇ».

ئامېرىكادىكى ھەر ئىككى پارتىيە تۈزگەن بۇ قانۇن لايىھەسىدە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قورقۇنچلۇق باستۇرۇشى ۋە زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارغا «2-دەرىجىلىك پاناھلىق» (P2) بېرىش تەلەپ قىلىنغان.

2-دەرىجىلىك ئالاھىدە ئېتىبارغا ئېلىنىدىغان پاناھلىق تىلىگۈچىلەر سىياسىي قارىشى، دىنىي ئېتىقادىنى ئىپادىلىگەنلىكى، سىياسىي، دىنىي، مەدەنىي پائالىيەتلەرگە قېتىلغانلىقى سەۋەبىدىن خىتاينىڭ باستۇرۇشىغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلار ياكى خىتايدىن قېچىپ چىقىپ چەت ئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار، خىتاي تەرىپىدىن قامالغان ۋە ئاتالمىش جىنايىتى بېكىتىلگەن ئۇيغۇرلار، ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ھەققىدە سۆز قىلىپ: «ئەگەر بۇ قانۇن لايىھەسى ماقۇللۇقتىن ئۆتۈپ قالسا باشقا دۆلەتلەرگىمۇ ئىلھام بولىدۇ، ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقان دۆلەتلەرمۇ پەيلىدىن يېنىشى مۇمكىن» دېدى.

لاگېر شاھىتى تۇرسۇنئاي زىياۋدۇن رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، ئامېرىكادا پاناھلىق ئىلتىماسى ھەل بولماي كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىنىڭ تولىمۇ مۇھىملىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكادا «2-دەرىجىلىك پاناھلىق» قا ئېرىشكۈچىلەر ئالاھىدە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىگە ئېرىشىدىغانلار بولۇپ، تەلەپ بويىچە ئۇلارنى ئامېرىكادا يېڭىدىن ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە پاناھلىق رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىش كېرەك ئىكەن. بۇ قانۇن لايىھەسىدە يەنە ئامېرىكادىن باشقا دۆلەتلەرگە قېچىپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنى قوغداش تەلەپ قىلىنغان بولۇپ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خىتاينىڭ بېسىمىغا ئۇچرىغان دۆلەتلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇيغۇرلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرمەسلىككە چاقىرىدىكەن.

تۇرسۇنئاي زىياۋدۇن خانىم ھازىر چەت ئەلدىمۇ خاتىرجەم بولالماي، ئامېرىكىغا كېلىشنى ئارزۇ قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ چوڭ رول ئوينايدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ماقۇللىنىپ رەسمىي قانۇنغا ئايلىنىشى ۋە ئىجرا قىلىنىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.