خىتاي ساھىبخانىلىق قىلىدىغان 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە 2 ئايچە ۋاقىت قالدى. خىتايغا ئوخشاش ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ۋە دېموكراتىيەنى باستۇرۇۋاتقان بىر ھاكىمىيەتنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە ساھىبخانىلىق قىلىشى زور غۇلغۇلا پەيدا قىلدى. بىراق ئۇنىڭغا قارىماي خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى خىتايدىن يۆتكەش ياكى كېچىكتۈرۈش تەلەپلىرىگە قۇلاق سالمىدى.
شۇنداق بىر پەيتتە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى تەنقىد قىلىش، ئولىمپىك كومىتېتىىنى ئەيىبلەش ۋە خىتاينىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى ئاشكارىلاش ئۈچۈن «ئولىمپىك مەھبۇسلىرى» ناملىق بىر تور ھەرىكىتى باشلىغان.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسلىرىدىن كېڭەش پالاتا ئەزاسى جېف مېركلىي ۋە ئاۋام پالاتا ئەزاسى جېييمىس مىكگوۋرن بۇ ھەقتە بەرگەن مەخسۇس باياناتىدا مۇنۇلارنى دېگەن:
«بىر قانچە ئاي ئىچىدە باشلىنىدىغان بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى تارىختىكى ئەڭ زور ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنى يوشۇرۇش ئالدىدا تۇرماقتا. بىز خىتاي ھۆكۈمىتى ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان، خوڭكوڭدا دېموكراتىيەنى باستۇرۇۋاتقان، ژۇرنالىستلارنى، ئەركىن پىكىر قىلغۇچىلارنى ۋە پۇقرالار جەمئىيىتىنى باستۇرۇۋاتقان، شۇنداقلا چەتئەللەردىكى تەنقىدچىلىرىگە زومىگەرلىك قىلىۋاتقان بىر مەزگىلدە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىىڭ خىتايدا مۇسابىقە ئۆتكۈزۈشىنى بىر خاتالىق، دەپ قارايمىز.»
ئۇلار يەنە ئۆزلىرىنىڭ ئولىمپىك كومىتېتىدىن مۇسابىقىنى يۆتكەشنى ياكى كېچىكتۈرۈشنى ۋە مۇسابىقىنى مالىيە جەھەتتىن قوللايدىغان چوڭ شىركەتلەردىن كۈچىنى قوللىنىپ تۇرۇپ كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن دەس تۇرۇشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ بۇ تەلەپلىرىنى رەت قىلغانلىقىنى ئېيتتىپ، سۆزىنى تۆۋەندىكىدەك داۋام قىلدى: «دۇنيا ھازىر 1936-يىلىدىكى بېرلىن ئولىمپىكىگە ئوخشايدىغان ئولىمپىكنى كۈتۈۋېلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ. بۇ نوپۇزلۇق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئىنسان غۇرۇرىنى دەپسەندە قىلىۋاتقان بىر ھاكىمىيەت تەرىپىدىن يەنە بىر قېتىم تەشۋىقات قورالى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. خىتاينىڭ بۇ مۇسابىقىگە ساھىبخانىلىق قىلىشى خىتايدىكى كىشىلەر تارتىۋاتقان زۇلۇمنى يوشۇرۇش ۋە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى بۇراشنى مەقسەت قىلىدۇ.»
يۇقىرىدىكى دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى دەل مۇشۇ سەۋەبتىن كىشىلەرنىڭ خىتاي ساھىبخانىلىق قىلىدىغان بۇ ئولىمپىكنى تونۇشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى تارقاتقان ئۇقتۇرۇشتىن قارىغاندا، ئۇلار بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكى باشلىنىشقا ئىككى ئايچە ۋاقىت قالغاندا 60 كۈن بويىچە ھەر كۈنى بىردىن سىياسىي مەھبۇسنى گەۋدىلەندۈرۈپ ئۇنى بارلىق ئىجتىمائىي تور بەتلەردە ئېلان قىلىدىكەن.
جېيمىس مىكگوۋرن ۋە جېف مېركىلىي ئەپەندىلەر سۆزىدە مۇنداق دېدى:
«مۇشۇ مىنۇتلاردا بىز ئاشۇ چاقناپ تۇرغان تاشقى كۆرۈنۈش ئارقىسىدا ئازاب تارتىۋاتقان ئىنسانلار بارلىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك. بۈگۈن بىز سىلەرنى تاشقى كۆرۈنۈشنى ئەمەس بەلكى پەردە ئارقىسىدىكى دەل مۇشۇ ئولىمپىككە ساھىبخانىلىق قىلىۋاتقان ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ھەقىسز يەرگە-تۈرمىلەرگە سولانغان ۋە ئولىمپىك روھىدىن مەھرۇم قالغان ئىنسانلارنى كۆرۈشكە دەۋەت قىلىمىز».
مەلۇم بولۇشىچە، 60 كۈن بويىچە گەۋدىلەندۈرۈلىدىغان كىشىلەر ژۇرنالىستلار ۋە پۇقراۋى مۇخبىرلار، تۈرمىدىكى ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، ئەمگەكچىلەر ھوقۇقى پائالىيەتچىلىرى، خرىستىئانلار، فالۇنگۇڭ مۇرىتلىرى، خوڭكوڭلۇقلار، كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرى، ئاياللار ھوقۇقى ۋە دېموكراتىيەنى تەشەببۇس قىلغۇچىلار قاتارلىقلاردىن تەشكىل تاپىدىغان بولۇپ، ئۇلار مەزكۇر كومىتېتنىڭ سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدىكى ئالاھازەل 1500 دىن ئارتۇق دېلونى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە بۇ پائالىيەت ئاۋام خەلقنى خىتاي ھەققىدە ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى سەۋەب بولۇۋاتقان زۇلۇم ھەققىدە ساۋاتقا ئىگە قىلىش ۋە بۇ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ خىتايدا ئۆتكۈزۈلۈشىگە سوئال قويۇشىغا يول ئاچىدىغان ياخشى بىر ھەرىكەت ئىكەن.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرىمۇ ئۆز باياناتلىرىدا ھەر بىر كىشىنى بۇ ھەرىكەتكە ئاۋاز قوشۇپ، ئولىمپىك كومىتېتىنى خىتايغا بېسىم ئىشلىتىپ ۋىجدان مەھبۇسلىرىنى ئازاد قىلىشقا مەجبۇرلاشقا چاقىردى ۋە «ھەممىمىز بىرلىكتە ئولىمپىك روھىنىڭ ھەقىقىي تۈردە ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا تۈرتكە بولايلى» دېگەن.
ئېلشات ھەسەن ئەپەندىمۇ سۆزىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى تېزلىكتە ئولىمپىكنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىشنى ئېلان قىلىپ خەلقئارادا باشلامچىلىق رول ئويناشقا چاقىردى.