«جەنۇبىي گېرمانىيە گېزىتى» دىكى «رەئىس ۋە شاھزادە» ناملىق ماقالىدە دولقۇن ئەيسا بىلەن شۆھرەت زاكىر توغرىسىدا توختالغان
2021.08.16
مەزكۇر گېزىتتە ئېلان قىلىنغان ماقالىدە، دولقۇن ئەيسا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۆرەش قىلغۇچى، شۆھرەت زاكىر ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكىنى دەپنە قىلغۇچى سۈپىتىدە تەسۋىرلەندى.
گېرمانىيەدىكى مەشھۇر گېزىتلەردىن بىرى بولغان «جەنۇبىي گېرمانىيە گېزىتى» 8 - ئاينىڭ 14 - 15 - كۈنلىرىگە تەۋە سانىدا «رەئىس ۋە شاھزادە» ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلىپ، د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىرنى سېلىشتۇرۇپ چىققان. مەزكۇر ماقالىدە بىرىنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۆرەش قىلغۇچى قەھرىمان ئىكەنلىكىنى، يەنە بىرىنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ ئەركىنلىكىنى دەپنە قىلغۇچى ئاسىي ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
قوشۇمچە «ئۇيغۇرلار: ئەركىنلىك ۋە جازا لاگېرى» دەپ نام بېرىلگەن، گېزىت يۈزىدە تولۇق بىر بەتنى ئىگىلىگەن بۇ زور ھەجىملىك بۇ ماقالىنى «جەنۇبىي گېرمانىيە گېزىتى» نىڭ ئۈرۈمچىدىكى مۇخبىرى كىرىستوف گىزېن بىلەن مەزكۇر گېزىتنىڭ ئوبزورچىلىرىدىن گېئورگى ماسكولو ۋە يوسېف ۋىرنىشوفېر قاتارلىقلار بىرلىكتە يازغان. ماقالىدە«د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا بىلەن شى جىنپىڭنىڭ ئەتىۋارلىق شاھزادىسى شۆھرەت زاكىر» نىڭ كىملىكى، ئۇلارنىڭ ئۆز مىللىتىگە تۇتقان مۇئامىلىسى، ئۆز مىللىتىنىڭ جازا لاگېرلىرىدىكى پاجىئەلىك ھاياتىغا نىسبەتەن پوزىتسىيەسى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېچىنىشلىق ھاياتى تەسۋىرلەنگەن.
د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «جەنۇبىي گېرمانىيە گېزىتى» نىڭ بۇ مۇخبىرلىرى ئۇيغۇر دىيارىغا زىيارەتكە بېرىشتىن ئىلگىرى د ئۇ ق ئىشخانىسىغا كېلىپ، ئۇنىڭ ھايات ھېكايىلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات ئىگىلىگەن.
«رەئىس ۋە شاھزادە» ناملىق ئەسەرنىڭ كىرىش سۆزىگە مۇنداق يېزىلغان: «دولقۇن ئەيسا بىلەن شۆھرەت زاكىردىن ئىبارەت بۇ ئىككى ئۇيغۇردا ئەسلىدە زىتلىق كۆرۈلمەسلىكى كېرەك ئىدى، بىرى ئۆز خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۆرەش قىلىدۇ، يەنە بىرى ئۆز خەلقىنىڭ ئەركىنلىكىنى دەپنە قىلىدۇ».
ماقالىدە خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ جاسۇسلىرىنى «ئاپپارات» دەپ ئاتىغان. بۇ «ئاپپارات» لار ئۇيغۇر دىيارىغا زىيارەت ئۈچۈن بارغان «جەنۇبىي گېرمانىيە گېزىتى» مۇخبىرلىرىنىڭ جازا لاگېرلىرىغا يېقىنلىشىشىغا يول قويمىغان. شۇنداقتىمۇ ئۇلار كۆپلىگەن جازا لاگېرلىرىنىڭ ئورنىنى تاپقان ۋە ئەسەردە بۇ لاگېرلار جايلاشقان پاراللېلنىڭ كودىنى ئاشكارىلىغان. بەزى لاگېرلارنىڭ ئۇزۇنلىقىنىڭ 1 كىلىمېتىردىن ئاشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. «ئاپپارات» نىڭ بۇ لاگېرلاردا قانچە يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇرلارنى قاماپ تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.
ماقالىدە بەكرەك ئېتىبار بىلەن تەسۋىرلەنگىنى «د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا بىلەن شى جىنپىڭنىڭ ئەتىۋارلىق شاھزادىسى شۆھرەت زاكىر» نىڭ كىملىكى بولغان. 1967 - يىلى ئاقسۇدا تۇغۇلغان دولقۇن ئەيسا بىلەن 1953 - يىلى غۇلجادا تۇغۇلغان شۆھرەت زاكىرنىڭ ئەسلىدە بىر مىللەتكە تەۋەلىكى، دولقۇن ئەيسانىڭ 1987 - يىلىدىن تارتىپلا خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى پائالىيەتلەرنى باشلىغانلىقى، 1988 - يىلى ئۈرۈمچىدە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار نامايىشىنى ئۇيۇشتۇرۇپ مەكتەپتىن قوغلانغانلىقى، 1994 - يىلى ۋەتىنىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولغانلىقى، گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان 25 يىلدىن بۇيان ئۆز مىللىتىنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن قىتئەلەر ئاتلاپ، تىنىمسىز كۆرەش قىلىپ كەلگەنلىكى بايان قىلىنغان. ئەكسىچە، شۆھرەت زاكىرنىڭ 80 - يىللاردىن تارتىپلا خىتاي ھاكىمىيىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى باشلىغانلىقى، ئۇنىڭ دادىسى زاكىروفنىڭمۇ زامانىدا خىتايلار ئۈچۈن ئاكتىپ خىزمەت قىلغان بىرى بولغانلىقى، شۆھرەت زاكىرنىڭ نۆۋەتتە خىتاي ھاكىمىيىتىگە ساداقەت بىلەن خىزمەت قىلىپ، «21 - ئەسىردىكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قا ھەسسە قوشۇۋاتقانلىقى تەسۋىرلەنگەن.
ئۇيغۇر سىياسىي ئەربابلىرىدىن ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى بۇ خۇسۇستا پىكىر بايان قىلىپ، بۇ ئەسەرنىڭ «جەنۇبىي گېرمانىيە گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ بەك ياخشى بولغانلىقىنى، ئەسەرنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەم د ئۇ ق نىڭ ياۋروپاغا تېخىمۇ كەڭ تونۇلۇشىغا تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، «رەئىس ۋە شاھزادە» ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ خەلق ئىچىدە زور تەسىر قوزغىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ سۆزىدە، دولقۇن ئەيسا ۋە شۆھرەت زاكىردىن ئىبارەت بىر بىرىگە قارىمۇ قارشى بۇ ئىككى ئوبرازنىڭ ئەسەردە ناھايىتى ئەتراپلىق سېلىشتۇرۇپ ئۆتۈلگەنلىكىنى ئىپادە قىلدى.
ماقالىدە خىتاينىڭ مىللىي سىياسىتى ئۈچۈن كەتمەن چېپىۋاتقان، خىتاينىڭ زۇۋانى بولۇپ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتىنى يالغاندىن ياخشى كۆرسىتىپ، ماختاپ ئۇچۇرىۋاتقان شۆھرەت زاكىرنىڭ ئىككى سىڭلىسىنىڭ گېرمانىيەگە كېلىپ سىياسىي پاناھلىق تىلىگەنلىكى، بۇ رېئاللىقنىڭ ئەمەلىيەتتە شۆھرەت زاكىر ۋە ئۇ خىزمىتىنى قىلىۋاتقان خىتاي ھاكىمىيىتى ئۈچۈن بىر مەسخىرە ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن.
ئەسەردە يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ مەشھۇر شائىرى بولغان لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ قەبرىسىنىڭ چېقىلىپ، ئۇ يەرگە بىر «تەلەي باغچىسى» بەرپا قىلىنغانلىقى، مۈشۈكئېيىقنىڭ كۈلۈپ تۇرغان ھەيكىلى ئورنىتىلغانلىقىمۇ قىستۇرۇپ ئۆتۈلگەن ۋە بۇ باغچىنىڭ سۈرىتى ئەسەرنىڭ باش قىسمىغا بېرىلگەن.