دولقۇن ئەيسا: «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» نى خاتىرىلەش ئارقىلىق ياش ئەۋلادلارنى تەربىيەلىمەكچىمىز

0:00 / 0:00

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ 24-يىللىقىنى خاتىرىلەش» نامىدا يىغىنى چاقىردى. يىغىندا «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى، ئېچىنىشلىق جەريانى ۋە يېڭى ئوتتۇرىغا چىققان مەلۇماتلار ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن سىرت، مۇتەخەسسىسلەر مەزكۇر ۋەقەگە يۇقىرى باھا بېرىپ ئۆتتى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ قېتىمقى دوكلات بېرىش يىغىنىدا «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» دە ھاياتىدىن ئايرىلىپ قالغان شېھىتلارنىڭ روھى بىلەن ياش ئەۋلادلارنى تەربىيەلەش مەقسىتىدە بۇ يىغىننى ئاچقانلىقىنى، مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

5-فېۋرال كۈنى د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات يۇرۇڭقاش ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلغان مەزكۇر تور مۇھاكىمە يىغىنىدا د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، ۋەقەنىڭ شاھىتلىرىدىن بەختىيار شەمشىدىن ئەپەندى، ئابدۇشۈكۈر تاشئوغلى ۋە يازغۇچى گۈلشەن ئابدۇقادىر خانىم قاتارلىق كىشىلەر غۇلجا ۋەقەسى توغرىسىدا دوكلات بەردى.

پەرھات يۇرۇڭقاش ئەپەندى ئېچىلىش نۇتقى سۆزلەپ، «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نىڭ 24 يىلدىن بۇيان يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تارىخىدىكى مۇھىم ۋەقە سۈپىتىدە خەلقئارادىكى ئورنىنى قوغداپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

«5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» يۈز بەرگەن مەزگىلدە غۇلجىدا ساقچى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن بەختىيار شەمشىدىن ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 1995-يىلى غۇلجىدا مەشرەپنى چەكلىگەندىن كېيىن غۇلجا ياشلىرىنىڭ 1995-يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەنلىكى، بۇ ۋەقەنىڭ چەتئەلدە ياخشى بىلىنمەيدىغانلىقىنى، بۇنى خىتاينىڭ قاتتىق قوللۇق بىلەن باستۇرغانلىقىنى بايان قىلدى.

بەختىيار شەمشىدىن ئەپەندى 1995-يىلى مەشرەپ چەكلەنگەندىن كېيىن كىشىلەرنىڭ مەخپىي ھالدا مەشرەپ ئۆتكۈزۈشكە باشلىغانلىقىنى، 1997-يىلى يېڭى يىلدىن باشلاپ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىنى تۇتقۇن قىلىشقا باشلىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نىڭ پارتلىغانلىقىنى بايان قىلدى.

يىغىندا ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى مۇتەخەسسىسى زۇبەيرە شەمشىدىن خانىممۇ سۆزلىدى. ئۇ، غۇلجا ۋەقەسىدە شېھىت بولغان ھەدىسىنىڭ ئوغلى خالمەت مۇھاممەت بىلەن ئۇكىسى سەدىردىننىڭ تېخى 20 ياشقا توشماي تۇرۇپ ھاياتىدىن ئايرىلىپ قېلىشىنىڭ ئۆزىگە ئېغىر كەلگەنلىكىنى، لېكىن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

كانادادىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى يازغۇچى گۈلشەن ئابدۇقادىر خانىمنىڭ «5-فېۋرال غۇلجا ئارخىپلىرى» ناملىق كىتابى نەشردىن چىققان. گۈلشەن خانىم دوكلاتىدا ئالدى بىلەن يازغان كىتابى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

غۇلجا ۋەقەسى شاھىتلىرىدىن ئابدۇشۈكۈر تاشئوغلى ئەپەندى غۇلجا ۋەقەسىگە يۇقىرى باھا بەردى.

1997-يىلى «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» توغرىسىدىكى سىنئالغۇ كۆرۈنۈشى تۈركىيەدىكى ئا ت ۋ قانىلىدا كۆرسىتىلگەندىن كېيىن تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل ۋە ئەنقەرە شەھەرلىرىدە مىڭلىغان كىشى قاتناشقان نارازىلىق نامايىشلىرى ئۆتكۈزۈلگەنىدى. مەزكۇر سىنئالغۇ كۆرۈنۈشى ياۋروپا دۆلەتلىرىدىمۇ كۆرسىتىلگەندىن كېيىن خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىغا ئوخشاش كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا مەخسۇس دوكلاتلار تەييارلىغان ئىدى. مۇتەخەسسىسلەر «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى تۈركىيەدە يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرگەنلىكىنى، دەۋانىڭ خەلقئارالىشىشىنى تېزلەتكەنلىكىنى بايان قىلىشماقتا.