دولقۇن ئەيسا: «كاناداغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زىيارىتىمىزنىڭ بىرىنچى باسقۇچى غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى»

0:00 / 0:00

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ كاناداغا ئېلىپ بېرىۋاتقان 15 كۈنلۈك زىيارىتىنىڭ بىرىنچى باسقۇچى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشقان.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى باشچىلىقىدىكى ھەيئەت كانادانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تۇرۇۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇچرىشىش ئېلىپ بېرىش، كانادا ھۆكۈمىتى بىلەن پارلامېنت ئەزالىرىغا رەھمەت ئېيتىش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ بەزى تەلەپلىرىنى ئۇلارغا يەتكۈزۈش، كانادادىكى ئۇنىۋېرسىتېت، تەتقىقات مەركەزلىرى ھەم ئاممىۋى تەشكىلاتلاردا دوكلات بېرىش مەقسىتىدە 22-مارت كۈنى كاناداغا يېتىپ بارغان ئىدى. د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، كاناداغا ئېلىپ بارغان بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەنلىكىنى بايان قىلدى.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ كاناداغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زىيارىتى 23-مارت كۈنى تورونتودىكى ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىكتە نورۇز پائالىيىتىگە ئىشتىراك قىلىش بىلەن باشلانغان ئىدى. ئۇ، 26-مارت كۈنى مونترېئال كونكوردىئا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئىنسان ھەقلىرى تەتقىقات مەركىزىدە دوكلات بەرگەن بولۇپ، ئۇ دوكلاتىدا نۇقتىلىق ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا توختالغان ئىدى.

27-مارت كۈنى مونترېئالدىكى پائالىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىس دولقۇن ئەيسا باشچىلىقىدىكى ھەيئەت، 28-مارت كۈنى ئامېرىكا قوشما شتاتىنىڭ بوستون شەھىرىدىكى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىغا بېرىپ دوكلات بېرىش يىغىنىغا قاتناشقان. يىغىندا بىر خىتاي ئوقۇغۇچىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىگە «يالغان گەپ قىلدىڭ» دەپ سوئال سورىغىنىدا، ئۇيغۇرلار پاكىت بىلەن جاۋاب بەرگەندىن كېيىن ئۇ مات بولۇپ چىقىپ كەتكەن. د ئۇ ق تەتقىقات كومىتېتى مۇدىرى ئەنۋەر ئەخمەت ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.

دولقۇن ئەيسا 3-ئاينىڭ 29-كۈنى بولسا كانادانىڭ ۋانكوۋېر شەھىرىدە بىر قانچە پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغان. تۇيغۇن ئابدۇۋېلى ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالدى.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، مۇھاجىرلار كومىتېتى مۇدىرى مەمەت توختى ئەپەندى، د ئۇ ق باش تەپتىشى ئابلېكىم ئىدرىس ئەپەندى، د ئۇ ق تەتقىقات كومىتېتى مۇدىرى ئەنۋەر ئەخمەت، د ئۇ ق ئاياللار كومىتېتى مۇدىرى ئامانگۈل خانىم ۋە ئۇيغۇر زىيالىيسى رۇشەن ئابباس خانىملاردىن تەركىب تاپقان ھەيئەت كانادانىڭ ئادمىنتو، كالگارى قاتارلىق جايلىرىدا ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇچرىشىش ئېلىپ بارغان. تۇيغۇن ئابدۇۋېلى ئەپەندى بۇ سۆھبەتلەرنىڭ دەۋا ئۈچۈن پايدىلىق بولغانلىقىنى بايان قىلدى.

كانادا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكىنىڭ كانگارىدىكى ۋەكىلى غەيرەت ئاتۇش ئەپەندى تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ كانگارىدىكى ئۇيغۇرلارغا دوكلات بېرىپ، ئۇلارنىڭ كاللىسىدىكى قايمۇقۇشلارنى يوق قىلغانلىقىنى، دەۋانىڭ كۈچىيىشى ئۈچۈن پايدىلىق بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.

د ئۇ ق رەئىسىنىڭ كانادا زىيارىتى 4-ئاينىڭ 5-كۈنىگە قەدەر داۋاملىشىدىكەن. ئۇ، 4-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن باشلاپ كانادانىڭ پايتەختى ئوتتوۋادا كانادانىڭ بەزى مۇھىم سىياسىي ئەربابلىرى بىلەن ئايرىم-ئايرىم ئۇچرىشىشلار ئېلىپ بارىدىكەن ۋە مەركىزى ئوتتوۋادا بولغان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن جازا لاگېرلىرىغا قارشى 2019-يىلى بىرلىكتە ئېلىپ بارىدىغان پائالىيەتلىرىنىڭ كۈنتەرتىپىنى ئورتاق مۇزاكىرە قىلىدىكەن.