ھەر يىلى بىر قېتىمدىن ئېچىلىدىغان ب د ت نىڭ يەرلىك مىللەتلەر مەسىلىسى مۇنبىرى يىغىنى بۇ يىل 23-ئاپرېل بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نيۇ-يوركتىكى باش شتابىدا ئېچىلدى. مەزكۇر يىغىن 5-ئاينىڭ 3-كۈنىگىچە داۋام قىلىدىغان بولۇپ، دولقۇن ئەيسا ئەپەندى «تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى» غا ۋەكىل بولۇپ قاتناشتى. ئۇ بۈگۈن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، يىغىننىڭ راۋاجى ھەققىدىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەردى.
ئۇ مەزكۇر مۇنبەردە مۇزاكىرە قىلىنىدىغان ئاساسلىق تېما ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بەردى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تۇپرىقى مۇستەملىكىگە ئۇچرىغان مىللەتلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقى ۋە شۇنىڭغا قارىتا ئېلىنىدىغان تەدبىرلەر مۇھىم مۇزاكىرە تېمىسى بولغان ئىكەن.
يىغىندا دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا يەرلىك مىللەتلەرنىڭ نۆۋەتتە ئۇچراۋاتقان ئىنسانىي خورلۇقلىرى، تىل ۋە مەدەنىيەت چەكلىمىلىرى، خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامالغان ئىككى مىليوندىن ئارتۇق بىگۇناھ ئىنساننىڭ چېكىۋاتقان ئازابلىرى ھەققىدە سۆز قىلغان شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتتىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغا جىددىي مۇئامىلە قىلىشنى ۋە جازا لاگېرلىرىنىڭ تاقىلىشى ھەققىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشىنى تەلەپ قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىۋاتقىنىدا ب د ت دىكى خىتاي دېپلوماتلىرى ئۇنى «تېررورچى» دېگەن نام بىلەن ئۇنىڭ سۆزلىرىگە رەددىيە بەرگەن ۋە سۆز ئەركىنلىكىگە ئاشكارا ھۇجۇم قىلغان.
زىيارەت داۋامىدا دولقۇن ئەيسا ئەپەندى مەزكۇر يىغىندا ھەرقايسى دۆلەت ۋەكىللىرىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە تېخىمۇ قىزىققانلىقىنى بىلدۈرگەچ، بۇ مۇنبەرنىڭ كەلگۈسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈشى، خەلقئارادا غۇلغۇلا قوزغىشى ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈشى قاتارلىق جەھەتلەردىن ئوينايدىغان رولىنىڭ ئىنتايىن چوڭ بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يەرلىك مىللەتلەر مەسىلىسى مۇنبىرى ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي كېڭەشنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەسلىھەتچىلەر ئورگىنى بولۇپ، 2000-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى قۇرۇلغان. مەزكۇر مۇنبەر يەرلىك مىللەتلەر مەسىلىسىگە چېتىشلىق ئىقتىساد ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات، مەدەنىيەت، مۇھىت، مائارىپ، سەھىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق قاتارلىقلارنى ئاساسلىق كېڭىشىش نىشانى قىلغان ئىكەن.