دولقۇن ئەيسا: «ياۋروپا ‹قايتا يۈز بەرمەيدۇ› دېگەن ئىدى، ئەمما ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا نېمىشقا سۈكۈت قىلىدۇ؟»

0:00 / 0:00

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ «ياۋروپا ‹قايتا يۈز بەرمەيدۇ› دېگەن ئىدى، ئەمما ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا نېمىشقا سۈكۈت قىلىدۇ؟» ناملىق ئوچۇق خېتى ئېلان قىلىندى.

بۈگۈن 14-سېنتەبىر خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسلىكىنى ئۆتەۋاتقان گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانجىلا مېركىل، ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى چارلېس مىچېل، ياۋروپا كومىسىيۇنىنىڭ رەئىسى ئۇرسۇلا ۋون دېر لايىن قاتارلىقلار تور سۆھبىتى ئۆتكۈزۈپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاينىڭ كەلگۈسى مۇناسىۋەتلىرىنى مۇزاكىرە قىلىش كۈنتەرتىپكە قويۇلغان ئىدى.

«ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يېڭى خىتاي سىياسىتى ئۈستەلگە تاشلىنىدىغان مۇھىم ئۇچرىشىش» دەپ تەرىپلىنىۋاتقان بۇ سۆھبەت ئۆتكۈزۈلۈشتىن ئىلگىرى، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ بىرقىسىم ئەزالىرى، بەزى دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتلىرى ۋە خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تۈرلۈك بايانات، ئوچۇق خەتلەرنى ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقلىرىنى بۇ يىغىندا ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويۇشنى، خىتاينى تىزگىنلەش ئۈچۈن چوقۇم ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرگە مۇراجىئەت قىلىشنى تەلەپ قىلىشقان ئىدى. 14-سېنتەبىر كۈنى د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ ياۋروپا مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلىنغان «ياۋروپا ‹قايتا يۈز بەرمەيدۇ› دېگەن ئىدى، ئەمما ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا نېمىشقا سۈكۈت قىلىدۇ؟» ناملىق ئوبزورى شۇلارنىڭ جۈملىسىدىن بىرى بولۇپ قالدى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، ئۆزىنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى يەھۇدىي قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن ياۋروپا تەرىپىدىن «ئەمدى ھەرگىز يۈز بەرمەيدۇ» دەپ ئاتالغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ بۈگۈن ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئاشكارا يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى، ئەمما ياۋروپالىقلارنىڭ بۇنىڭغا سۈكۈت قىلىۋاتقانلىقىنى يورۇتۇپ بېرىش ئۈچۈن مەزكۇر ئوبزورىنى ئېلان قىلغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ سۆزىدە يەنە بۇ ئوبزوردا ئالغا سۈرۈلگەن ئىدىيەنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى «ياۋروپا سىياسىتى» ناملىق ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغان بۇ ئوبزورىدا مۇنداق بايانلارغا ئورۇن بەرگەن: «خىتاي ھاكىمىيىتى 1 مىليوندىن 3 مىليونغىچە بولغان ئۇيغۇرلارنى جازا لاگېرلىرىغا بەند قىلىپ، زاماۋىي قۇللارغا ئايلاندۇرماقتا. ئۇيغۇرلارنىڭ تىلىنى، دىنىنى چەكلىمەكتە. مەسچىت، مازارلىرىنى، قەبرىستانلىقلىرىنى ۋەيران قىلماقتا. بالىلارنى ئاتا-ئانىلىرىدىن ئايرىپ ئېلىپ، ئۇلارنىڭ مېڭىسىنى يۇيماقتا. ئاياللار تۇغماسلىققا مەجبۇرلانماقتا. ۋەھالەنكى، ياۋروپا ئىتتىپاقى دەسلەپكى ئىنكاسلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، بۇ پاجىئەلەرگە قارىتا ھېچنېمە دېمىدى ۋە ھېچ ئىشمۇ قىلمىدى. ئەگەر ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ۋەدىسى يالغان بولمىسا، ئۇ ھالدا بىزنىڭ كىملىكىمىزنى ۋە پائالىيەتلىرىمىزنى ئۆز ھىمايىسى ئاستىغا ئېلىشى لازىم!»

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ خۇسۇستا توختالغاندا، نۆۋەتتە ياۋروپا ئىتتىپاقىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئانجىلا مېركىل باشلىق رەھبەرلەرنى ئەمەلىي ھەرىكەتلىرى بىلەن خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقلىرىغا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن تەدبىر ئېلىشقا چاقىرغانلىقىنى تەكىتلىدى.

10-سېنتەبىر ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزالىرىدىن رافائىل گلۇكىسمان، رايىنخارد بۇتىكوفېر، ئەنگېن ئەرئوغلۇ، مىرىيام لېكىسمان قاتارلىقلار خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن سۆھبەتتە بولىدىغان گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانجىلا مېركىل، ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى چارلېس مىچېل، ياۋروپا كومىسىيۇنىنىڭ رەئىسى ئۇرسۇلا ۋون دېر لايىن ۋە فىرانسىيە پىرىزدېنتى ماكرونغا ئوچۇق خەت يېزىپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئېغىر پاجىئەلەرگە جىددىي كۆڭۈل بۆلۈشىنى تەلەپ قىلشقان ئىدى.

ئۇلارنىڭ «ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە خوڭكوڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە جىددىي مۇئامىلە قىلىشى لازىم» دېگەن جۈملە بىلەن باشلانغان مەزكۇر خېتىدە مۇنداق بايانلار يەر ئالغان: «بىز خىتاينىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى يۇقىرى سۈرئەتتە ناچارلىشىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدىن ئەنتايىن زور ئەندىشە قىلماقتىمىز. يېقىنقى 3 يىلدىن بۇيان خىتاينىڭ كەڭ كۆلەمدە مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنى خالىغانچە تۇتۇپ لاگېرلارغا قامىغانلىقى، ئۇيغۇر ئاياللارىنى تۇغماسلىققا مەجبۇرلايدىغان تەدبىرلەرنىڭ يولغا قويۇلغانلىقىغا دائىر كۆپلىگەن پاكلىتلار ئاشكارىلاندى. خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ تۇغۇتىنى چەكلەش، مەسچىت ۋە قەبرىستانلىقلارنى كەڭ كۆلەمدە ۋەيران قىلىش، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، تارىخى، ئۇيغۇر كىملىكى ۋە فىزىكىلىق ئالاھىدىلىكلىرىگە زىيانكەشلىك قىلىش، ئۇيغۇر تىلىنى يوقىتىشقا تېرىشىش، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە زامانىۋى قۇللۇق، دىنىي جەھەتتىكى ئېغىر دەپسەندىچىلىك، بالىلارنى ئاتا-ئانىلىرىدىن ئايرىپ تاشلاش، مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى ئېغىر دەرىجىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىدۇر. ۋەزىيەتنىڭ كۆلىمى ۋە ئېغىرلىق دەرىجىسى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جىددىي ھەم كۈچلۈك تەدبىرىگە موھتاجدۇر.»

بۇ خەتتە يەنە خىتاينىڭ ھازىرغا قەدەر ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ياخشىلاش توغرۇلۇق بەرگەن ۋەدىلىرىنىڭ ھېچ بىرىنىڭ ئەمەلگە ئاشمىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.