دولقۇن ئەيسا: «رىم پاپاسى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تونۇشى كېرەك!»

0:00 / 0:00

ئاۋسترىيەنىڭ «كاتولىك ئاخبارات ئاگېنتلىقى» 23-سېنتەبىر كۈنى «دۇنيا ئۇيغۇرلىرىنىڭ رەھبىرى: پاپا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تونۇشى كېرەك» ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلدى. ماقالىدە د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ 22-سېنتەبىر ئاۋسترىيە پارلامېنتىدا سۆزلىگەن نۇتۇقىدا رىم پاپاسىنى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تونۇشقا ۋە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئاكتىپ ئاۋاز چىقىرىشقا چاقىرغانلىقى مەركىزى تېما سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى.

ماقالىدە بايان قىلىشىچە، «دۇنيا ئۇيغۇرلىرىنىڭ رەئىسى بولغان دولقۇن ئەيسا ئەپەندى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن، ھەرقايسى دۆلەتلەردە ھۆكۈمەتلەر ۋە جەمئىيەتلەر ئورتاق كۈچ چىقارغاندىن تاشقىرى، كاتولىك دىنىنىڭ پاپاسى بولغان فرانسىسكۇسنىڭمۇ سۈكۈتلىرىنى بۇزۇپ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تونۇش ۋە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئاكتىپ ئاۋاز چىقىرىش لازىملىقىنى چاقىرىق قىلغان.»

ماقالىدە رىم پاپاسى فرانسىسكۇسنىڭ ئەمەلىيەتتە 2020-يىلىنىڭ ئاخىرى ئېلان قىلغان «چۈش كۆرۈشكە جۈرئەت قىلايلى» ناملىق كىتابىدا «بىچارە ئۇيغۇرلار» ھەققىدە توختالغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھالىنىڭ روھىنگا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھالىغا سېلىشتۇرۇلغانلىقى ئەسكەرتىپ ئۆتۈلگەن. ماقالىدە «شىنجاڭ» ئاتالغۇسىنىڭ ئارقىسىغا «شەرقىي تۈركىستان» دېگەن ئىزاھات قوشۇلغان ئىدى.

gulzire-rim-papa.jpg

بۈگۈن 23-سېنتەبىر ۋېنادىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئۇلار 20-سېنتەبىر جەنۋەدىكى پائالىيەتلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 21-سېنتەبىر ئاۋسترىيە پارلامېنتىنىڭ تەكلىپى بىلەن ۋېناغا يېتىپ كەلگەن بولۇپ، لاگېر شاھىتى سايراگۈل ساۋۇتبايلار بىلەن بىرگە پارلامېنتتا جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا گۇۋاھلىق بەرگەن.

22-سېنتەبىر كۈنى ئاۋسترىيە پارلامېنتىدا يەنە ئاممىغا ئوچۇق بولغان ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر يىغىن بولۇپ ئۆتكەن. د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا مۇشۇ يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان دىنىي ساھەدىكىلەرنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە، رىم پاپاسى فرانسىسكۇسنى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تونۇش ۋە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئاكتىپ ئاۋاز چىقىرىشقا دەۋەت قىلغان.

23-سېنتەبىر كۈنى يەنە ئاۋسترىيەنىڭ «ئاخبارات» ناملىق كۈندىلىك گېزىتى «خىتاينىڭ قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرىنىڭ ئارقىغا نېمە يوشۇرۇنغان؟» ناملىق ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاي ھاكىمىيىتى «قايتا تەربىيەلەش ئورگىنى» دەپ ئاتاۋاتقان بۇ جازا لاگېرلىرىنىڭ ئارقا پەردىسىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتكەن.

ماقالىدە ئاپتور ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلار توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: «‹شىنجاڭ› دېگەن بۇ ئىسىم خىتاينىڭ غەربىي-شىمالىدىكى بايلىقى مول بولغان بىر ئۆلكىنىڭ خىتايچە ئاتىلىشىدۇر. ئۇنىڭ مەنىسى ‹يېڭى چىگرا› دېگەنلىك بولىدۇ، بىراق بۇ يەردىكى مۇسۇلمان خەلقلەر ئۈچۈن ئۇ يەنىلا شەرقىي تۈركىستاندۇر. پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە باشقا قوشنا مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ 90 پىرسەنتى مۇشۇ تۇپراقتا ياشايدۇ.»

مەزكۇر ماقالە لاگېر شاھىتى سايراگۈل ساۋۇتباينىڭ بايانلىرى بىلەن تولغان بولۇپ، بۈگۈن جەنۋەدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان سايراگۈل ئالدى بىلەن 21-سېنتەبىردىكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتتى. ئۇ يەنە 22-سېنتەبىر پارلامېنتتا ئۆتكۈزۈلگەن چوڭ يىغىندا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە يېڭىدىن ئالىي كومىسسار بولۇپ تەيىنلەنگەن ئاۋسترىيەلىك ۋولكېر تۈركنى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى ئاكتىپ ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرغان. سايراگۈل ساۋۇتباي ۋېنادا تۇرغان بۇ بىرقانچە كۈندە، ئاخبارات ساھەسىنىڭ زىيارەتلىرىنىمۇ قوبۇل قىلغان.