ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى روبېرت ئوبرايېن: شىنجاڭدا بىر مىليوندىن ئارتۇق ئادەم يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا ياتماقتا. بۇ بىر قەبىھلىك

0:00 / 0:00

كانادادا چاقىرىلغان «خالىفاكس خەلقئارا خەۋپسىزلىك مۇنبىرى» جەريانىدا ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى خىتاينىڭ 1 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماش مەسىلىسىگە قارىتا دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ قۇلاق يوپۇرۇۋالغانلىقىنى ئەيىبلىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى باشقا يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار تەرىپىدىنمۇ تىلغا ئېلىندى.

2009-يىلىدىن بېرى ھەر يىلى بىرى قېتىم ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىنىۋاتقان «ھالىفاكس خەلقئارا خەۋپسىزلىك مۇنبىرى» بۇ يىل 22-نويابىردىن 24-نويابىرغىچە، كانادانىڭ نوۋا كوستىيا ئۆلكىسى ھالىفاكس شەھىرىدە ئېچىلدى.

بۇ نۆۋەتلىك يىغىننىڭ يىللاردىكىدىن ئالاھىدە پەرقلىنىدىغان بىر يېرى بولسا، يىغىنغا ئۇيغۇرلارنىڭمۇ چاقىرىلىشى ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى پىكىر-قاراشلارنىڭ ئوخشىمايدىغان سورۇنلاردا، ئوخشىمايدىغان شەكىلدە تىلغان ئېلىنىشى ئىدى.

يىغىننىڭ شەنبە كۈنىدىكى سۆھبەت شەكلىدىكى قىسمىدا سۆزگە چىققان ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى روبېرت ئوبرايېن ئۇيغۇرلار قامالغان لاگېرلارنى «يىغىۋېلىش لاگېرى» دەپ ئاتىدى ۋە بۇنىڭ بىر قەبىھلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز 2019-يىلىدا تۇرۇۋاتقان شارائىتتا شىنجاڭدا بىر مىليوندىن ئارتۇق ئادەم يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا ياتماقتا. بۇ بىر قەبىھلىك. مەنچە، بۇ قەبىھلىكلەرگە قارىتا دۇنيا مۇۋاپىق ئىنكاس قايتۇرمىدى. بۇ مەسىلىگە ئىنكاس قايتۇرۇشتا ئامېرىكا ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ.»

ئۇ بۇ سۆزلەرنى سۆھبەتنىڭ رىياسەتچىسى ھەمدە PBS ئاخباراتىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر مۇخبىرى رىك شىفېرنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە ئوتتۇرىغا قويدى.

ئوبرايېن ئەپەندى يەنە رىياسەتچىنىڭ سوئاللارغا جاۋابەن بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ قامىلىشىدا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ بىۋاسىتە مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى ئىما قىلدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «شى جىنپىڭ خىتاي رەئىسى، ھەممە ھوقۇق ئۇنىڭ قولىدا، شۇڭا خىتايدا ئۇنىڭ دېگىنى ھېساب.»

ئۇ يەنە ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ خىتاي 1 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا تاشلىغان شارائىتتا دۇنيانىڭ بۇنىڭغا سۈكۈت قىلىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «غەربىي خىتاينىڭ ۋەزىيىتى ئىنتايىن دەھشەتلىك. ياد ۋەشەم ئابىدىسى، ياكى كىگالىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق موزىيىغا بارغان ھەر قانداق بىر كىشى، بۇنداق ئىش يەنە ھەرگىز بولمىسۇن دەيدۇ. مەن ئۇ يەردە كىشىلەرنى ئۆلتۈرۈلۈۋاتىدۇ دېمەكچى ئەمەسمەن، بەلكى بىر زامانىۋى دۆلەتتىكى قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرىدا مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنىڭ قامىلىشى قەبىھلىكتۇر. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن غەزەپلەندى، ئەمما باشقا دۆلەتلەر ئۇنداق ئەمەس. ئىسلام ئەللىرىنىڭ بۇ ئىشقا كەلگەندە جىم تۇرۇۋېلىش تېخىمۇ ھەيران قالارلىق. ب د ت دا خىتايغا قارشى بىر قارا لايىھەسى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا ئەللەردىن پەقەت بىرلا دۆلەت خىتايغا قارشى بىلەت تاشلىدى.»

يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان «ياد ۋەشەم ئابىدىسى» ئىسرائىلىيەگە جايلاشقان بولۇپ، ئابىدە گىتلېر گېرمانىيەسى دەۋرىدە قىرغىن قىلىنغان 6 مىليون بىگۇناھ كىشىلەرنى خاتىرىلەش ئۈچۈن 1953-يىلى تىكلەنگەن.

«كىگالى ئىرقىي قىرغىنچىلىق موزىيى» 1994-يىلى رىۋاندادا يۈز بەرگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن 1999-يىلى قۇرۇلغان ئىدى. رىۋاندادىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقتا 250 مىڭ ئادەمنىڭ ئۆلتۈرگەنلىكى مەلۇم. ئەمما بەزى سانلىق مەلۇماتلاردا ئۆلتۈرۈلگەنلەر سانىنىڭ ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

ئامېرىكىنىڭ ھىندى تىنچ ئوكيان قوماندانلىق شتابىنىڭ قوماندانى ئادمىرال فىلىپ داۋىدسون ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە توختالغان ۋە ئۇيغۇرلار قامالغان لاگېرلارنى «يىغىۋېلىش لاگېرى» دەپ ئاتىغان يەنە بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئامېرىكا ئەمەلدارى.

23-نويابىر شەنبە كۈنى يىغىننىڭ يەنە بىر بۆلىكىدە سۆزگە چىققان ئامېرىكىنىڭ ھىندى تىنچ ئوكيان قوماندانلىق شتابىنىڭ قوماندانى ئادمىرال فىلىپ داۋىدسون خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىگە چىداپ تۇرغىنى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا تاشلىنىش ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلىۋاتقانلىقىدا شەك يوق. ئۇلار بۇ ۋەزىيەتنىڭ يەنە داۋام قىلىشىغا قاراپ تۇرمايدۇ. بىز خىتاينىڭ قىلىۋاتقانلىرىنىڭ بىز كۈرەش قىلغان ئەركىنلىك قىممەت قارىشىغا زىت رەزىل قىلمىش دەپ، جاكارلاشنى داۋاملاشتۇرىمىز.»

«يىغىۋېلىش لاگېرى» ئاتالغۇسى پەقەت گىتلېر گېرمانىيەسى 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە يەھۇدىيلارنى يىغىپ جازالىغان لاگېرلارنىڭ مەخسۇس ئاتالغۇسى بولۇپ، بۇنى دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا يۈز بەرگەن ئىرقىي جازالاشلارغا قارىتا ئىشلىتىش كەم ئۇچرايدىغان ئەھۋاللارنىڭ بىرى.

«ھالىفاكس خەلقئارا خەۋپسىزلىك مۇنبىرى» كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى گېرمان مارشال فوندى جەمئىيىتى قارمىقىغا 2009-يىلى تەسىس قىلىنغان. مەزكۇر مۇنبەر 2011-يىلى مۇستەقىل ھۆكۈمەتسىز تەشكىلات بولۇپ قۇرۇلغان ئىدى.

مۇنبەرنىڭ بۇ يىلقى يىغىنغا 80 دۆلەتتىكى نوپۇزلۇق دۆلەت ئەربابلىرى، تەتقىقاتچىلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 300 نەپەر ئادەم قاتناشقان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسامۇ مۇنبەرگە تەكلىپ قىلىنغان شەخسلەرنىڭ بىرى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ مۇنبەرگە تۇنجى قېتىم چاقىرىلىشى.

ئۇنىڭ قارىشىچە، مەزكۇر خەۋپسىزلىك مۇنبىرى دۇنياۋى خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنىدىغان مۇھىم يىغىن بولسىمۇ، ئەمما بۇ نۆۋەتلىك مۇنبەردە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئالاھىدە ئورۇن بېرىلگەن.