دولقۇن ئەيسا: «كىتابىمدا خىتاينىڭ پەقەت ئۇيغۇرلارغىلا ئەمەس، بەلكى دېموكراتىك دۇنياغا سوزۇلغان قارا قولى يورۇتۇلدى»

0:00 / 0:00

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ ۋەتەن ئىچى ۋە چەت ئەلدىكى سىياسىي كۈرەش ھاياتى تېما قىلىنغان «خىتاينىڭ ئەركىنلىك تۇزىقى--بىر ئۇيغۇرنىڭ ئىنتېرپول (خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى) نىڭ تۇتۇش بۇيرۇقىغا ۋە خىتاينىڭ زوراۋانلىقىغا قارشى ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرى» ناملىق كىتابى ئۆتكەن يىلى 8-ئايدا ھىندىستاننىڭ ھارئاناند نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغانىدى. مەزكۇر كىتاب يېقىندا كانادادىكى داڭلىق نەشرىيات ئوپتىمۇم نەشرىياتى (Optimum Publishing International) تەرىپىدىن «خىتاينىڭ ئەركىنلىك تۇزىقى: قاچقۇنلۇقتا ئۆتكەن ھاياتىم» دېگەن نام بىلەن قايتىدىن تولۇقلىنىپ نەشر قىلىنغان.

2023-يىلى 18-ئۆكتەبىر كۈنى ئەنگلىيە پارلامېنتىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ ۋەتەن ئىچى ۋە چەت ئەلدىكى سىياسىي كۈرەش ھاياتى تېما قىلىنغان «خىتاينىڭ ئەركىنلىك تۇزىقى: قاچقۇنلۇقتا ئۆتكەن ھاياتىم» دېگەن كىتابنى تۇنجى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش.2023-يىلى 18-ئۆكتەبىر، لوندون
2023-يىلى 18-ئۆكتەبىر كۈنى ئەنگلىيە پارلامېنتىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ ۋەتەن ئىچى ۋە چەت ئەلدىكى سىياسىي كۈرەش ھاياتى تېما قىلىنغان «خىتاينىڭ ئەركىنلىك تۇزىقى: قاچقۇنلۇقتا ئۆتكەن ھاياتىم» دېگەن كىتابنى تۇنجى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش.2023-يىلى 18-ئۆكتەبىر، لوندون (X@Dolkun_Isa)

مەزكۇر كىتابنى تۇنجى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى 18-ئۆكتەبىر كۈنى ئەنگلىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن. كىتاب تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىگە ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزاسى، خىتايغا قارشى خەلقئارا پارلامېنتلار بىرلىكىنىڭ ئەزاسى دانكىن سىمىت، «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ باش سوتچىسى سىر جېففېرى نايىس ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىشتا ئاكتىپ رول ئويناۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ۋە ژۇرنالىست بېنېدكىت روجىرىس قاتارلىق مۇھىم شەخسلەر ۋە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى قاتناشقان.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى كىتابى ھەققىدە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، كىتابىنىڭ يېڭىدىن نەشر قىلىنىش ئەھۋالى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بەردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى لوندون ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى رەھىمە مەھمۇت خانىم مەزكۇر پائالىيەتنىڭ ئەنگلىيە پارلامېنتىدا روياپقا چىقىشىدا ئاساسلىق رول ئوينىغان بولۇپ، ئۇ پائالىيەت ھەققىدە رادىيومىزغا تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.

ئوپتىمۇم نەشرىياتى ۋە مەزكۇر نەشرىياتنىڭ باشلىقى دىين بەكسېندېيل (Dean Baxendale) ئۆزلىرىنىڭ X (بۇرۇنقى تۋىتتېر) ھېساباتىدىن دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ كىتابىنىڭ نەشر قىلىنغانلىقى ۋە بۇ كىتاب ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنى پۈتۈن دۇنياغا ئاڭلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

2023-يىلى 18-ئۆكتەبىر كۈنى ئەنگلىيە پارلامېنتىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ ۋەتەن ئىچى ۋە چەت ئەلدىكى سىياسىي كۈرەش ھاياتى تېما قىلىنغان «خىتاينىڭ ئەركىنلىك تۇزىقى: قاچقۇنلۇقتا ئۆتكەن ھاياتىم» دېگەن كىتابنى تۇنجى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش.2023-يىلى 18-ئۆكتەبىر، لوندون

دىين بەكسېندېيل پائالىيەتتە سۆز قىلىپ مۇنداق دېگەن: «بۈگۈنكى بىزنىڭ تېمىمىز ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن ئادالەت تەلەپ قېلىش. بىز تېخى بۇ يولنىڭ بېشىدا تۇرۇۋاتىمىز. يازغۇچى ۋە نەشرىياتچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن (مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەرنىڭ) دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش ھەرىكىتى يېقىندىن بۇيان مەن ئەڭ دىققەت قىلىۋاتقان تېما بولماقتا. خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ يەر شارىنىڭ ھەر قايسى يەرلىرىدىكى تەتقىقاتچى، ژۇرنالىست، ئۆكتىچىلەرنى باستۇرۇش ھەرىكىتى دۇنيا مىقياسىدا ئەۋج ئالماقتا. نەشرىياتچى ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى تەشەببۇس قىلغۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، خىتاينىڭ باستۇرۇشىغا قارشى تۇرۇش قانچىلىك قېيىن بولسىمۇ، بۇنىڭغا قارىتا بىر ئىش قىلىشنى ئۆزۈمنىڭ بۇرچى دەپ قارىدىم. »

رەھىمە مەھمۇت خانىم پائالىيەتنىڭ ناھايىتى قىزغىن داۋام قىلغانلىقىنى، سىر جېففېرى نايىس ئەپەندىنىڭ قىلغان سۆزىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى پاكىتلار ئارقىلىق ئەسكەرتىپ ئۆتكەنلىكىنى بايان قىلدى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئاخىرىدا كىتابىنىڭ ئوقۇرمەنلىرىگە خىتاب قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەزكۇر كىتاب پەقەت شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارغا قىلىنغان زۇلۇمنىلا ئەكس ئەتتۈرمەيدۇ. بۇنىڭدا خىتاينىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دېموكراتىيەگە سوزۇلغان قارا قولىنىڭ تەھدىتىنى نامايان قىلىدۇ. »

2023-يىلى 18-ئۆكتەبىر كۈنى ئەنگلىيە پارلامېنتىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ ۋەتەن ئىچى ۋە چەت ئەلدىكى سىياسىي كۈرەش ھاياتى تېما قىلىنغان «خىتاينىڭ ئەركىنلىك تۇزىقى: قاچقۇنلۇقتا ئۆتكەن ھاياتىم» دېگەن كىتابنى تۇنجى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش.2023-يىلى 18-ئۆكتەبىر، لوندون

دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كىتابىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى داۋام قىلىدىغان بولۇپ، 11-، 12-ئايلاردا ئامېرىكا ۋە كانادادا تونۇشتۇرۇش پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلىدىكەن.