دولقۇن ئەيسانىڭ كۈرەش ھاياتى يورۇتۇلغان كىتاب -«خىتاينىڭ ئەركىنلىك توزىقى»

0:00 / 0:00

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ ئۆز كەچمىشى، يەنى ۋەتەن ئىچى ۋە چەت ئەلدىكى سىياسىي كۈرەش ئەسلىمىسى بايان قىلىنغان «خىتاينىڭ ئەركىنلىك توزىقى -- بىر ئۇيغۇرنىڭ خىتاي ئىشقا سالغان ئىنتېرپول (خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى) نىڭ تۇتۇش بۇيرۇقىغا ۋە خىتاينىڭ زوراۋانلىقىغا قارشى ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرى» ناملىق كىتابى ھىندىستاننىڭ ھارئاناند نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، بۇ كىتابنىڭ دولقۇن ئەيسادەك بىر ئىنقىلاپچىنىڭ چەت ئەلدە ئەركىنلىك ۋە ئادالەت يولىدا ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرى، خىتاينىڭ دۇنياغا سوزغان قارا قولىنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلۇش جەريانىدا باشتىن كەچۈرگەن ئەگرى-توقاي كەچمىشلىرىنىڭ بىر خاتىرىسى ئىكەنلىكىنى تونۇشتۇرغان. بۇ كىتاب دولقۇن ئەيسادەك بىر سىياسىي پائالىيەتچى ۋە يېتەكچىنىڭ ھاياتى بىلەن تونۇشۇپ چىقىشتا، چەت ئەلدىكى ئۇيغۇر دەۋاسىنى چۈشىنىشتىلا ئەمەس، بەلكى يەنە خىتاينىڭ خەتەرلىك توزاقلىرىنى بىلىش ۋە ئۇنىڭدىن ھۇشيار بولۇشتىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.

دولقۇن ئەيسا 8-ئاۋغۇست كۈنى ئۆزىنىڭ تىۋېتتېر ھېسابىدا بۇ كىتابى ھەققىدە مۇنداق دەپ يازغان: «بۇ كىتاب مېنىڭ ئۆز كەچمىشلىرىمگە ئاساسەن يېزىلدى؛ بۇنىڭدىكى مەقسەت، كىشىلەرنى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ خەتىرىدىن ھۇشيار بولۇشقا ئۈندەش. گەرچە مەن ئەركىن دۇنيادا ياشاۋاتقان بولساممۇ داۋاملىق ئادالەتسىزلىكلەرگە ئۇچراپ كەلدىم؛ ئەركىنلىكىم تارتىۋېلىندى، غۇرۇرۇم دەپسەندە قىلىندى، تۇتۇلدۇم، سوئال-سوراق قىلىندىم».

دولقۇن ئەيسانىڭ «خىتاينىڭ ئەركىنلىك توزىقى» ناملىق كىتابىدىن كۆرۈنۈش، دولقۇن ئەيسانىڭ تۋىتتېر ھېسابىدا ئېلان قىلىنغان.
دولقۇن ئەيسانىڭ «خىتاينىڭ ئەركىنلىك توزىقى» ناملىق كىتابىدىن كۆرۈنۈش، دولقۇن ئەيسانىڭ تۋىتتېر ھېسابىدا ئېلان قىلىنغان.

دولقۇن ئەيسانىڭ ئېيتىشىچە، بۇ كىتابتا ئۇنىڭ 80-يىللاردىن باشلاپلا ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدا ئېلىپ بارغان سىياسىي كۈرەش ھاياتى، چەت ئەلدىكى ئەركىن، دېموكراتىك دۇنيادا ياشاپ تۇرۇپمۇ خىتاينىڭ خىلمۇ تەھدىت ۋە چەكلەشلىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى، خىتاينىڭ 1997-يىلدىن باشلاپلا ئىنتېرپول (خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى) ئارقىلىق ئۆزىگە قانچە قېتىملاپ قارا قولىنى سوزغانلىقى ۋە بۇ جەرياندا ئامېرىكا، كورىيە، ئىتالىيە، ھىندىستان، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن دىپلوماتىك كۈرەشلەر تەپسىلىي بايان قىلىنغان.

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ باشلىقى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس، دولقۇن ئەيسانىڭ ئۇزۇن يىللىق سەپدىشى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ كىتابتا بايان قىلىنغان ئىشلارنىڭ بەزىلىرىگە ئۆزىنىڭ بىۋاسىتە شاھىد بولغانلىقىنى ئېيتتى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئۆزىنىڭ بۇ كىتابىنى يېزىشىغىمۇ ھىندىستانغا كىرەلمىگەن بىر ۋەقەنىڭ سەۋەبچى بولغانلىقىنى، بۇ كىتاب 2018-يىل يېزىلىشقا باشلىغاندىن تارتىپ تاكى تاماملانغىچە ھىندىستاندىكى بىر نەشرىياتنىڭ ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

دولقۇن ئەيسانىڭ بۇ كىتابىدا ئۇنىڭ 80-يىللاردىكى ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىگە باشلامچىلىق قىلغانلىقى، 90-يىللارنىڭ بېشىدا بېيجىڭدا پائالىيەت قىلغانلىقى، 96-يىل گېرمانىيەگە كېلىپ چەت ئەلدىكى دەۋا ئىشلىرىغا ئاكتىپ قاتناشقانلىقى، دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرى قۇرۇلتىيىنى قۇرغاندىن تارتىپ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى بولغىچە بېسىپ ئۆتكەن كۈرەش مۇساپىلىرى، بۇ جەرياندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇ قۇرغان تەشكىلاتنى «تېررورلۇق تەشكىلاتى»، ئۇنىڭ ئۆزىنى بولسا «تېررورچى» دەپ قارىلاپ، ئىنتېرپول ئارقىلىق تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىپ، نەگە بارسا شۇ يەرگە توزاق قۇرۇپ، سىياسىي پائالىيەتلىرىنى چەكلىگەنلىكى، ئەمما ئۇنىڭ بۇ توسقۇنلۇقلارغا ئىزچىل باش ئەگمەي كېلىۋاتقانلىقى تولۇق يورۇتۇپ بېرىلگەن.

ئابلىكىم ئىدرىس ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى دولقۇن ئەيساغا 20 نەچچە يىلدىن بۇيان چەكلىمە قويۇپ كەلمىگەن بولسا، ئۇ يەنە كۆپلىگەن سىياسىي نەتىجىلەرگە ئېرىشىشى مۇمكىن ئىكەن. ئەمما ئۇ يەنىلا بوشاشماي بۈگۈنگىچە داۋاسىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.

دولقۇن ئەيسا بۇ كىتابنى يېزىش جەريانىدا ئويلىغانلىرى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «بۇ كىتابتا خىتاينىڭ ياۋروپادەك ئەركىن دۇنيادا ياشاۋاتقان ماڭىلا ئەمەس، ماڭا ئوخشاش كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنى ئۆز چاڭگىلىغا ئېلىشقا، چەكلەشكە ۋە زىيانكەشلىك قىلىشقا ئۇرۇنۈپ كەلگەنلىكىنى، ئەمما ئۇنىڭغا قارشى بوشاشماي كۈرەش قىلغاندىلا نەتىجە قازانغىلى بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىشكە تىرىشتىم».