دولقۇن ئەيسا: «ماڭا بېرىلگەن بۇ مۇكاپات، خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېرىلگەن كەسكىن بىر جاۋابتۇر»

0:00 / 0:00

ب د ت دا كۆزەتكۈچىلىك سالاھىيىتى بولغان، د ئۇ ق بىلەن ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئىزچىل ۋە يېقىندىن ھەمكارلىشىپ كېلىۋاتقان مەركىزى گېرمانىيەنىڭ گۆتىنگېن شەھىرىدىكى خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى بۇ يىللىق «پەخرىي ئەزالىق شەرەپنامىسى» نى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىگە بېرىشنى لايىق كۆرگەن. 15-ئۆكتەبىر كۈنى مەزكۇر تەشكىلات ئۆزىنىڭ باش شىتابىدا مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنى مۇكاپاتلىغان.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ خۇسۇستا بۈگۈن، يەنى 17-ئۆكتەبىر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ ئۆزىنىڭ ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى سېپىدە ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىگە قارىتا يۇقۇرى باھا بەرگەنلىكىنى ۋە مەزكۇر مۇكاپاتنى ئۆزىگە لايىق كۆرۈش ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنى قوللاش ئىرادىسىنى يەنە بىر قېتىم نامايەن قىلىش نىيىتىگە كەلگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى بۇ يىللىق «پەخرىي ئەزالىق شەرەپنامىسى» نى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىگە تەقدىم قىلدى. 2022-يىلى 15-ئۆكتەبىر، گېرمانىيە.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆزىدە يەنە مەزكۇر مۇكاپاتنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكەتنى ئۇجۇقتۇرۇش ئۈچۈن تۈرلۈك ئويۇنلارنى ئويناۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېرىلگەن كەسكىن ۋە قەتئىي بىر جاۋاب بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، گېرمانىيەدە يۈكسەك نوپۇزى بولغان، گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ۋە پارلامېنتىغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ بۇ مۇكاپاتنى د ئۇ ق رەئى دولقۇن ئەيساغا بەرگەنلىكىنىڭ ئالقىشقا سازاۋەر بىر ھادىسە بولغانلىقىنى، خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغاداش تەشكىلاتىنىڭ ھازىرغا قەدەر ب د ت ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى كۆزەتكۈچىلىك سالاھىيىتىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىشتە زور تۆھپىسى بارلىقىنى بايان قىلدى. د ئۇ ق بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى غەيۇر قۇربان ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى ئىپادە قىلىپ ئۆتتى.

خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى بۇ يىللىق «پەخرىي ئەزالىق شەرەپنامىسى» نى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىگە تەقدىم قىلدى. 2022-يىلى 15-ئۆكتەبىر، گېرمانىيە.

مەلۇم بولغىنىدەك، 2018-يىلى 4-ئايدا خىتاي ھاكىمىيىتى ب د ت نىڭ نيۇ-يوركتىكى مەركىزىدە خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ ب د ت دىكى كۆزەتكۈچىلىك سالاھىيىتى بىكار قىلىش ئۈچۈن، ب د ت غا ئەرز سۇنغان ۋە مەزكۇر تەشكىلات ئۈستىدىن ئومۇمىي يىغىندا شىكايەتلەر قىلغان ئىدى. ئەمما ئامېرىكا باشلىق غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ قەتئىي قارشى تۇرۇشى بىلەن خىتاينىڭ بۇ سۈيقەستى ئەمەلگە ئاشمىغان ئىدى.