دولقۇن ئەيسا بىلەن خىتاي باش ئەلچىسى ئوتتۇرىسىدىكى كەسكىن تارتىشما بىرازىلىيە مەتبۇئاتلىرىدىن ئورۇن ئالغان
2023.05.31

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بىلەن خىتاينىڭ بىرازىلىيەدىكى باش ئەلچىسى جۇ فېڭچياۋ ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن بىر مەيدان تەشۋىقات ئۇرۇشى، بىرازىلىيەدىكى ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىغان.
بىرازىلىيەنىڭ ئەڭ نوپۇزلۇق ۋە ئەڭ چوڭ مەتبۇئاتلىرىدىن «سان-پاۋلو خەۋەرلىرى» گېزىتى 27-ماي كۈنى بىرازىلىيەدە زىيارەتتە بولغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزگەن «ئۇيغۇر رەھبىرى: خىتاينىڭ ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى شى جىنپىڭ دەۋرىگە كەلگەندە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئايلاندى» ماۋزۇلۇق چوڭ ھەجىملىك زىيارەت خاتىرىسىنى ئېلان قىلغان. مەزكۇر زىيارەت خاتىرىسىدە دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىن بۇيان مۇستەقىل دۆلەتلەرنى قۇرغان شانلىق تارىخ ۋە مەدەنىيەتكە ئىگە بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى؛ ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدا ئىرقىي، ئۆرپ-ئادەت، مەدەنىيەت ۋە دىنىي ئېتىقاد جەھەتلەردە ھېچقانداق بىر ئوخشاشلىقىنىڭ يوقلۇقىنى؛ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغان 1949-يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا پىلانلىق ۋە سىستېمىلىق ھالدا ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقىتىش ھەمدە بايلىقلىرىنى تالان-تاراج قىلىشتەك تىپىك مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ كەلگەنلىكىنى پاكىتلار بىلەن بايان قىلغان. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، خىتاينىڭ بۇ خىل مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتىنىڭ تەرەققىي قىلىپ 2017-يىلىغا كەلگەندە زور كۆلەملىك بىر ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئايلانغانلىقىنى، مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ جازا لاگېرلىرىغا، تۈرمىلەرگە ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك ئورۇنلىرىغا قامىلىپ، ئېغىر قىيىن-قىستاق ھەم ۋاقىتسىز ئۆلۈمگە يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى ئەمەلىي مىساللار بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ يەنە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئەزاسى بولغان بىرازىلىيەنىڭ ئۆز مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىپ، خەلقئارا مەسىلىلەردە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى ئاكتىپ ھەرىكەتكە ئۆتۈشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئىپادە قىلغان.
«سان-پاۋلو خەۋەرلىرى» گېزىتىنىڭ مەزكۇر زىيارەت خاتىرىسى بىرازىلىيە بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتلەردە بولۇپ كەلگەن خىتاي ھاكىمىيىتىنى قاتتىق چۆچۈتۈۋەتكەن.
29-ماي كۈنى خىتاينىڭ بىرازىلىيەدىكى باش ئەلچىسى جۇ فېڭچياۋ دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بايانلىرىغا قارشى يەنە شۇ گېزىتتە «شىنجاڭدا ئاتالمىش ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› مەۋجۇت دېگەن سۆز تامامەن يالغاندۇر» ناملىق مەخسۇس ئوبزور ئېلان قىلىپ، «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا بىرازىلىيەدە شىنجاڭ ھەققىدە بىر ئەسىرلىك يالغاننى تارقىتىۋاتىدۇ» دەپ يازغان.
خىتاي باش ئەلچىسىنىڭ مەزكۇر ئوبزورى خىتاينىڭ بىرازىلىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ تور بېتىدىمۇ كۆچۈرۈپ تارقىتىلغان. مەزكۇر ئوبزوردا مۇنداق دېيىلگەن: «يېقىنقى كۈنلەردە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا بىرازىلىيەدە شىنجاڭ ھەققىدە ئىغۋا تارقىتىپ، خىتاينىڭ مىللەتلەر ۋە دىن سىياسىتىنى قارىلىدى. ئۇنىڭ بايانلىرى ئاق بىلەن قارىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىپ، ھەقىقەتنى بۇرمىلىغان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى سېپى ئۆزىدىن بۆلگۈنچى تەشكىلات بولۇپ، ئۇزۇن مەزگىللەردىن بۇيان شىنجاڭ ھەققىدە ئىغۋاگەرچىلىك قىلىپ ھەم دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەلەرنى تەشۋىق قىلىپ، زوراۋانلىق-بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللانماقتا. دولقۇن ئەيسا بولسا چەت ئەللەردىكى خىتايغا قارشى كۈچلەر ياساپ چىققان بىر ئارتىس، ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ‹تېررورچى ئۇنسۇر› دەپ بېكىتىلگەن بىر بۆلگۈنچى. ئۇ، خىتاي چېگراسى ئىچىدە زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى تەشكىللەپ، ئېغىر جىنايەتلەرنى سادىر قىلغان. ئۇ، قەستەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى بولۇۋېلىپ، ئاممىنى ئالداپ ۋە خىتاينى قارىلاپ، خىتاي بىلەن دوست دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى بۇزۇشقا ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە. بىز بىرازىلىيە خەلقىنىڭ دولقۇن ئەيسانىڭ يالغانلىرىغا ئىشەنمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمىز.»
خىتاينىڭ بىرازىلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جۇ فېڭچياۋ مەزكۇر ئوبزورىدا خىتاينىڭ داۋاملىق بازارغا سېلىپ كېلىۋاتقان «شىنجاڭ ئەزەلدىن خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى، شىنجاڭدا ئاتالمىش مەجبۇرىي ئەمگەك، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە خالىغانچە تۇتقۇن بار دېگەنلىك، ئەسىرلىك يالغانچىلىقتىن ئىبارەتتۇر» دەپ جار سالغان.
ھازىر ئارگېنتىنادا زىيارەتتە بولۇۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەيئىتىنىڭ بىرازىلىيەدە زىيارەتتە بولۇشى ۋە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ بىرازىلىيە مەتبۇئاتلىرىدا ئورۇن ئېلىشى، خىتاينى نېمە ئۈچۈن بۇ قەدەر چۆچۈتتى؟ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئەنقەرەدىكى ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «لاتىن ئامېرىكاسىدا چوڭ دۆلەت بولغان، بولۇپمۇ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي تەسىرى زور بولغان بىرازىلىيەنىڭ خىتاي بىلەن يېقىن مۇناسىۋىتى بار. بۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى پەقەتلا تىجارىي جەھەتتىنلا ئەمەس، بىرازىلىيە سىياسىي جەھەتتىنمۇ خىتاينى قوللاپ كەلگەن بىر دۆلەتتۇر. ئۇ ھازىر رۇسىيەنىمۇ قوللاپ كەلمەكتە. بۇلار ھەر ئىككىسىلا بىرىكىس تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى. بىرازىلىيە بىلەن خىتاينىڭ 170 مىليارد دوللارلىق تىجارەت توختامى بار. بىرازىلىيە خىتايغا 100 مىلياد دوللارلىق مال ساتىدۇ. بىرازىلىيە، خىتاي، رۇسىيە ۋە ئىران بىر گۇرۇھ بولۇپ، غەرب دۆلەتلىرىگە قارشى چىقىۋاتىدۇ. لېكىن خىتايغا سېلىشتۇرغاندا، بىرازىلىيە دېموكراتىك دۆلەت بولغاچقا، خىتاي ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ بۇ يەردە نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىدىن بەكمۇ ئەنسىرەيدۇ. ئەگەر بىرازىلىيە خەلقى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى بىلىپ كەتسە، بىرازىلىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ياخشى بولماسلىقى مۇمكىن. شۇڭا خىتاي دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ زىيارىتىدىن ناھايىتى ئەنسىرىگەن.»
ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى د ئۇ ق نىڭ لاتىن ئامېرىكاسىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىغا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «دۇنيانىڭ كۆپ ساندىكى دۆلەتلىرى ھازىر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇشلىرىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەۋاتىدۇ. بۇ پەقەتلا ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان زۇلۇم بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئىنسانىيەتكە قارشى ئىشلەنگەن جىنايەتتۇر. لوندوندىكى ئۇيغۇر سوتىمۇ مۇشۇنداق قارار چىقارغان. شۇڭا بۇ مەسىلە پەقەتلا غەرب ئەللىرىدىلا ئەمەس، بەلكى لاتىن ئامېرىكاسى ۋە ئافرىقا دۆلەتلىرىدىمۇ ئاڭلىتىلىشى كېرەك. بۇ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بۇندىن كېيىن داۋاملاشتۇرىدىغان مۇھىم خىزمەتلىرىدىن بىرى. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا قىلىۋاتقانلىرى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت بولغاچقا، لاتىن ئامېرىكاسى دۆلەتلىرىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان پائالىيەتلەرنىڭ پايدىسى بولىدۇ، دەپ ئويلايمەن.»
23-ماي كۈنىدىن تارتىپ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا، قۇرۇلتاي ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ دىرېكتورى ئۆمەر قانات، قۇرۇلتاينىڭ باياناتچىسى ۋە قۇرۇلتاي ئاياللار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەتئاي ئەركىنلەردىن تەركىب تاپقان مەخسۇس ھەيئەت لاتىن ئامېرىكاسى دۆلەتلىرىگە قاراتقان 2 ھەپتىلىك زىيارىتىنى باشلىغان ئىدى. 25-ماي كۈنى بۇ ھەيئەت بىرازىلىيە پارلامېنتى بىلەن بىرازىلىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنى زىيارەت قىلىپ، بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى ۋە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇناسىۋەتلىك خادىملىرى بىلەن كۆرۈشكەن، شۇنداقلا ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەتلەر ئېلىپ بارغان. ئۇلارنىڭ بىرازىلىيەدىكى زىيارىتى ۋە پائالىيەتلىرى بىرازىلىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىغان.