18-سېنتەبىر كۈنى تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۈچىنچى قېتىم دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنى «دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ» دېگەن باھانە بىلەن تۈركىيەگە كىرگۈزمەي قايتۇرۇۋەتكەن ئىدى. ئارقىدىنلا تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 21-سېنتەبىر كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نيۇ-يوركتىكى باش شىتابىدا ئېچىلغان 76-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى شەرتلىك رەۋىشتە تىلغا ئالدى. بۇ بىر قاتار ئەھۋاللار كىشىلەرنىڭ كاللىسىدا «تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى زادى نېمە؟ ئۇيغۇرلار ھازىر ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتسا، تۈركىيە نېمە ئۈچۈن تېخىچە سۈكۈتتە تۇرىدۇ؟» دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارنى پەيدا قىلدى. بىز بۇ مەسىلىلەر بويىچە تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ باش مەسلىھەتچىسى يالچىن توپچۇ ئەپەندى بىلەن ئۇنىڭ پرېزىدېنت سارىيىدىكى ئىشخانىسىدا مەخسۇس سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
بىز ئۇنىڭدىن «سىزگىمۇ مەلۇم بولغىنىدەك، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى بەك ئېغىر، بەزى دۆلەتلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتىنى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەپ قوبۇل قىلدى. تۈركىيەنىڭ سۈكۈتتە تۇرۇۋېلىشى ئۇيغۇرلارنى ئەنسىرىتىۋاتىدۇ؟ سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟» دېگەن سوئالنى سورىدۇق.
ئۇ مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: «ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز ھەرگىز ئەنسىرىمىسۇن. ئۇلارنىڭ يېنىدا ئاۋال ئاللاھ، ئۇنىڭدىن قالسا تۈركىيە دۆلىتى ۋە تۈرك خەلقى بار. تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تېخى بىر قانچە كۈن بۇرۇن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھەق ۋە ھوقۇقىنى قوغداش كېرەكلىكىنى ئېيىتتى. ئۇ بۇ سۆزنى پۈتۈن دۇنيادىكى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ ئالدىدا دېدى. ئۇيغۇرلار ‹تۈركىيە بىزنى قوللىماسمۇ، بىزگە ئىگە چىقماسمۇ؟› دەپ ئەنسىرىمىسۇن. تۈركىيە ھۆكۈمىتى خەلقئارا قانۇنلارغا ئاساسەن ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ھەر دائىم خىتايغا دەۋاتىدۇ، بۇندىن كېيىنمۇ دەيدۇ. پرېزىدېنت رەجەپ تاييىپ ئەردوغان خىتاي رەھبەرلىرىگە ھەر دائىم ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەكلىكىنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ھەقىقىي ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى بېرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە.»
بىز يەنە ئۇنىڭدىن «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ تۈركىيەگە كىرىش چەكلىمىسىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق سوت قارارى بار تۇرۇقلۇق، تۈركىيە ھۆكۈمىتى 18-سېنتەبىر كۈنى ئۇنى ئەنقەرەدىكى ئەسەنبوغا ئايرودرومىدىن قايتۇرىۋەتتى، بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟» دېگەن سوئالنى سورىدۇق.
ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى: «كىشىلەر ھەققىدە قانۇنىي ۋە مەمۇرىي جەھەتتىن بەزى خاتا مۇئامىلىلەر بولغان بولۇشى مۇمكىن. دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ ئەركىن ئالپتېكىننى يوقلاپ تۈركىيەگە كەلگەندە ئوتتۇرىغا چىققان بۇ مەسىلىدىن تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە بىزنىڭمۇ خەۋىرىمىز بولدى. بۇ ئىشنى كۆزىتىۋاتىمىز، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا تىرىشىۋاتىمىز. دولقۇن ئەيسانىڭ تۈركىيەگە كىرىش چەكلىمىسىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقى توغرىسىدىكى ھۆججەتلەرنىڭ ھەممىسى قولىمىزدا، ئەگەر بۇ ئىش بەزى شەخسىي خاتالىقلار تۈپەيلىدىن بولغان بولسا، بۇنى ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تۈزىتىمىز.»
يالچىن توپچۇ ئەپەندى تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە تۈركىيەنىڭ خىتايدىكى ئەلچىخانىسىنىڭ ئىزچىل ھالدا خىتاينى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھەق ۋە ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلىكى ۋە باشقا جەھەتلەردە نازۇك مەسىلىلىرى بولۇشى مۇمكىن. بىز بۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىمىز. لېكىن بىز خىتايغا ئىزچىل ھالدا شۇنى دەپ كېلىۋاتىمىز: خىتاي چوڭ دۆلەت، بىز تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ياخشى بولۇشىنى ئارزۇ قىلىمىز. بۇ مۇناسىۋەت رايونىمىزغىمۇ تىنچلىق ئېلىپ كېلىدۇ. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دەپ ئاتالغاچقا ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى ئىجرا قىلىشىڭلار كېرەك، ئەگەر ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقىنى بەرسەڭلار، خىتاينىڭ باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگىمۇ پايدا ئېلىپ كېلىدۇ. خىتاي چوڭ دۆلەت، چوڭ دۆلەتلەر خەلقىنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقىنى بېرىشى كېرەك. بۇ سۆزلەرنى پرېزىدېنتىمىز رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىكىمىز ۋە بېيجىڭدىكى ئەلچىلىرىمىز خىتايغا داۋاملىق دەپ كېلىۋاتىدۇ. دۇنيادا تىنچىق بەرپا قىلىنسا، ھەممىمىز ئۈچۈن پايدىلىق بولىدۇ. جىدەلنىڭ، قانۇنسىزلىقنىڭ، ئادالەتسىزلىكنىڭ ھېچكىمگە پايدىسى يوق، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ كۈچلۈك دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىۋاتقان دۆلەتلىرىگىمۇ پايدىسى يوق. دۇنيادا تىنچلىق بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئىنسانلارنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىنىشى كېرەك.»
بىز يەنە ئۇنىڭدىن «سىز تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھەق ۋە ھوقۇقىنى قوغداشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى، پرېزىدېنت رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ھازىرغىچە 2 قېتىم خىتايغا قاتتىق ئىنكاس قايتۇرغانلىقىنى دەپ ئۆتتىڭىز. سىزگىمۇ مەلۇم، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى بەك ئېغىر، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارباشقا دۆلەتلەرگە قېچىۋاتىدۇ؟ بۇلارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تۈركىيە نېمىلەرنى قىلىشى كېرەك؟» دېگەن سوئالنى سورىدۇق.
يالچىن توپچۇ ئەپەندى مۇنداق جاۋاب بەردى: «كىم نېمە دېسە دېسۇن، تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى قوللايدۇ، 84 مىليون تۈرك خەلقى ئۇيغۇرلارنى قوللايدۇ. ئۇيغۇرلار خاتىرجەم بولسۇن، بىراز سەبىر قىلسۇن. ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنىڭ ناھايىتى ئېغىر ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ قاتتىق سىياسەتلىرىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقان كىشىلەرنىڭ بارلىقىنى بىلىمىز. بىز بۇلارنىڭ ھەممىسىنى كۆزىتىۋاتىمىز. بىز بىر دۆلەت، بىز خەلقئارا قانۇنلار ئاساسىدا بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتىمىز. دۆلىتىمىزنىڭ ئەڭ ئالىي رەھبىرى خىتاينىڭ ئەڭ ئالىي رەھبىرىگە ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتىنى دەۋاتىدۇ. شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ قوياي، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تۈرك پۇقرالىقىغا ئۆتۈش تەلىپىنىمۇ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئەمەلىيلەشتۇرىمىز.»
بۇرۇن بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى، ئارقىدىن تۈركىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستېرىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن يالچىن توپچۇ ئەپەندى، 2016-يىلىدىن تارتىپ پرېزىدېنت رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ باش مەسلىھەتچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىمەكتە.