مۇتەخەسسىسلەر: ترامپنىڭ قايتىپ كېلىشى خىتاي ئۈچۈن داۋالغۇشقا تولغان 4 يىلدىن دېرەك بېرىدۇ
2024.11.08
ئامېرىكانىڭ سابىق پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ قايتا سايلىنىشى بىلەن ئۇنىڭ بۇ يېڭى بىر نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتلىق مەزگىلىدىكى سىياسەتلىرىنىڭ قانداق بولۇشى مۇمكىنلىكى دىققەت قوزغىماقتا. بولۇپمۇ بىرىنچى نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتلىق مەزگىلىدە خىتاي بىلەن سودا ئۇرۇشىنى باشلاپ، ئامېرىكالىقلارنىڭ خىتاي ھەققىدىكى كۆز قارىشىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ھۇل سالغان بۇ رەھبەرنىڭ كېلەر يىلى 1-ئايدا ئاقسارايغا قايتىپ كېلىشى ئۇنىڭ بۇ نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتلىق مەزگىلىدە خىتايغا قارىتىدىغان سىياسەتلىرىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ۋە خىتاينىڭ بۇ سايلام نەتىجىسىگە قانداق قارايدىغانلىقىغا قارىتا قىزىقىش قوزغىماقتا.
ئامېرىكادىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئېلان قىلىنىۋاتقان خەۋەرلەردە سابىق پىرېزىدېنتنىڭ قايتا سايلىنىشىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى يەنە بىر نۆۋەتلىك داۋالغۇش ۋە مۆلچەرلەش قېيىن بولغان مەزگىلگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقى دېيىلمەكتە.
ئامېرىكادىكى راند تەتقىقات مەركىزىنىڭ خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى رايموند كونىڭ بىزگە دېيىشىچە، خىتاي خەلقئارالىق شېرىكلىك مۇناسىۋەتلىرىنى ياخشى كۆرمەيدىغان ترامپنىڭ ئاقسارايغا كېلىشىنى ئۆزىنىڭ خەلقئارادىكى تەسىرىنى كۈچلەندۈرۈشىگە بىر پۇرسەت، دەپ قارىسىمۇ بىراق ئۇنىڭ جازا تەدبىرلىرىدىن ئەندىشە قىلىدىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:
«بىلگىنىڭىزدەك دونالد ترامپ خەلقئارالىق شېرىكلىك مۇناسىۋەتلىرىنى ياخشى كۆرمەيدىغان بىر رەھبەر. خىتاي بۇنى ئۆزىنىڭ خەلقئارادىكى تەسىرىنى زورايتىشتىكى بىر پۇرسەت دەپ قارىشى مۇمكىن. بىراق، يەنە بىر جەھەتتىن ترامپ خىتايغا ناھايىتى يۇقىرى تاموژنا بېجى قويىدىغانلىقىنى دەپ كەلگەن. شۇڭا خىتايغا ئوخشاش، ئىقتىسادنىڭ ئاساسلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ئېكسپورتتىن كېلىدىغان بىر دۆلەت ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا بۇ ھەقىقەتەنمۇ ئەندىشە پەيدا قىلىشى مۇمكىن. شۇڭا بۇ ئىككى ئامىلنى سېلىشتۇرغاندا، خىتاينى سايلام نەتىجىسىدىن بەك خۇشال ئەمەس، دەپ قاراشقا بولىدۇ.»
سايلام نەتىجىسى ئېنىق بولغاندىن كېيىن، خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى ماۋنىڭ ئىنكاس قايتۇرۇپ: «خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى» تەكىتلىگەنىدى. 7-نويابىر كۈنى بولسا، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭمۇ تەبرىك سۆزى ئەۋەتىپ، دونالد ترامپنىڭ سايلامدىكى غەلىبىسىنى تەبرىكلىگەن. ئۇ تەبرىك سۆزىدە: «تارىخ بىزگە خىتاي بىلەن ئامېرىكانىڭ ھەمكارلىقتىن نەپكە ئېرىشىدىغانلىقىنى ۋە قارشىلىشىشتىن زىيان تارتىدىغانلىقىنى ئۆگەتكەن. مۇقىم، ساغلام مۇناسىۋەت ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە مۇلازىمەت قىلىدۇ ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭمۇ ئارزۇسىغا ماس كېلىدۇ» دېگەن.
تۈركىيەدىكى ھاجەتتە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم خىتاينىڭ پوزىتسىيەسىنى ئانالىز قىلىپ، ئامېرىكادا مەيلى قايسى پارتىيە ھۆكۈمەت بېشىغا چىقىشىدىن قەتئىينەزەر خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنىڭ ئەسلىگە كېلىشى مۇمكىن ئەمەسلىكى تۈپەيلىدىن خىتاينىڭ ترامپنىڭ قايتىپ كېلىشىدىن تېخىمۇ بەكرەك ئەندىشە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:
«ھازىر ئامېرىكادا مەيلى قايسى پارتىيە ھاكىمىيەت بېشىغا چىقسۇن خىتاي ئوخشاشلا خۇشال ئەمەس. چۈنكى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ھازىر ياخشىلىنىدىغان مەزگىلدىن ئۆتۈپ كەتتى. چۈنكى ئامېرىكا خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن رىقابەتلىشىشتەك نىيىتىنى بىلىپ بولدى. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلگىرى بايدېن سايلىنىپ پىرېزىدېنت بولغاندا قىلغان تەبرىك سۆزى بىلەن ھازىر بۇ ترامپقا قىلغان تەبرىك سۆزلىرىنى سېلىشتۇرساق، خىتاينىڭ ترامپنىڭ كېلىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلغانلىقىنى، ھەتتا قورققانلىقىنى ھېس قىلالايمىز.»
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ترامپ ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن سودا مۇناسىۋىتى، سىياسىي مەسىلىلەر ۋە تەيۋەن مەسىلىلىرى بويىچە داۋالغۇشلارنى باشتىن كەچۈرۈشى مۇمكىن ئىكەن. گەرچە بۇ ئىككى دۆلەت بىر-بىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى بىراقلا كېسىۋېتەلمىسىمۇ، ئەمما ئالدىن پەرەز قىلىش قېيىن بولغان، كۆپ قىرلىق ۋە مۇرەككەپ بىر 4 يىلنىڭ ئىككى دۆلەتنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى مۆلچەرلىمەكتە.
دەرۋەقە، شاڭخەي فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر پىروفېسسورى تاڭ شىپىڭ ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتكە تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «مېنىڭچە بۇ يەردىكى ھۆكۈمەت ۋە نۇرغۇن كىشىلەر ھازىر مەلۇم داۋالغۇش ياكى بوران-چاپقۇنغا تەييارلىق قىلماقتا، ھېچكىم نېمە بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. ترامپنىڭ ئىككىنچى پىرېزىدېنتلىق مەزگىلىنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقى ھېچكىمگە ئايان ئەمەس.»
دوكتور رايموند كونىڭ بىزگە دېيىشىچە، يېقىنقى يىللاردا خىتاي ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يىرىكلىشىشىدىن كېيىن، كەڭ كۆلەملىك زاپاس ساقلاش ھەرىكىتىنى باشلىغان بولۇپ، بۇ يېمەكلىك، سۇ، ھالقىلىق ئۇل ئەسلىھە، ئېنېرگىيە قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:
«خىتاي ھەتتا ئۆزەك، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ قاتارلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بۇنداق يۇقىرى تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىدا ئامېرىكاغا بېقىنىپ قېلىشقا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن ئالدىراۋاتىدۇ. چۈنكى ئۇلار بۇ ئارقىلىق ئامېرىكانىڭ جازا تەدبىرلىرىگە بەرداشلىق بېرىش كۈچىنى ئاشۇرماقچى.»
دەرۋەقە، دونالد ترامپ سايلام مەزگىلىدىكى سۆزىدە ئۆزى ئەگەر پىرېزىدېنت بولغان تەقدىردە خىتايغا قويىدىغان تاموژنا بېجىنىڭ دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىدىغانلىقىنى ۋە ئېغىرلىتىدىغانلىقىنى دېگەنىدى. شۇڭا كۆزەتكۈچىلەر خىتايدا ئىقتىساد ئومۇميۈزلۈك ناچار تۇرۇۋاتقان بىر مەزگىلدە، ئەگەر ترامپ يۇقىرىدىكى دېگەنلىرىنى بەجا كەلتۈرسە ئۇ ھالدا خىتاي ئىقتىسادىغا تېخىمۇ ئېغىر زەربە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:
«ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ باج سىياسىتى خىتايغا ئىنتايىن زىيانلىق. بۇ، ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ خىتايدىن ئايرىلىشىنى يەنىمۇ تېزلەشتۈرىدۇ. بۇ، خىتاي ئۈچۈن تېخىمۇ چوڭ زەربە. جۇمھۇرىيەتچى پارتىيەنىڭ سىياسەت ئۇسلۇبىدىن قارىغاندا ئۇلارنىڭ خىتايغا ئالدىراپ يول بەرمەيدىغانلىقىنى پەرەز قىلغىلى بولىدۇ. يىغىپ ئېيتقاندا بىز بۇ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى تولىمۇ مۇرەككەپ بىر باسقۇچنىڭ كۈتۈپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى دېيەلەيمىز.»
2018-يىلى دونالد تىرامپ پىرېزىدېنت بولغاندا تۇنجى بولۇپ، ئامېرىكانىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسىتىدە زور بۇرۇلۇش ھاسىل قىلغانىدى. ئۇ، خىتاينى ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ناچارلىشىشى، ئامېرىكالىق ئىشچىلارنىڭ ئىشسىز قېلىشى ۋە ئامېرىكا زاۋۇتلىرىنىڭ تاقىلىپ قېلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب دەپ كۆرسىتىپ، خىتاي ماللىرىغا تاموژنا بېجى قويغان ۋە خىتاينىڭ بىرقىسىم تېخنىكا شىركەتلىرىگە ئىقتىسادىي جازا يۈرگۈزگەنىدى. يۇقىرىدىكى مۇتەخەسسىسلەر بولسا يېڭى ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا تاقابىل تۇرۇش بىلەن ماس قەدەمدە، باشقا شېرىك دۆلەتلەر بىلەن بولغان كەڭ كۆلەملىك ھەمكارلىقىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسەتلىرىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشتىكى ئەھمىيىتىنىمۇ تەكىتلەشتى.