مۇتەخەسسىسلەر: دونالد ترامپ خىتايغا بېسىم قىلىشتا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇشى كېرەك

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2025.01.06
lager-yepiq-terbiyelesh-sim-tusuq.jpg لوپ ناھىيەسىدىكى 4-يىغىۋېلىش لاگېرىدىكى تۇتقۇنلار سىياسىي ئۆگىنىشتە. 2017-يىلى مارت، خوتەن.
bitterwinter.org

پىرېزىدېنت دونالد ترامپ بىرىنچى قېتىم ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلنىڭ ئاخىرىدا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن قەبىھ باستۇرۇش سىياسىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ جاكارلىغانىدى. پىرېزىدېنت جوۋ بايدېنمۇ بۇنى ئىنكار قىلمىدى، بەلكى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» غا ئىمزا  قويدى. يۇقىرىقى قارار، قانۇن ۋە ئىجرائاتلارنىڭ خەلقئارادا سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە دىپلوماتىيە جەھەتتە تەسىرىنىڭ خېلىلا كۈچلۈك بولغانلىقى مەلۇم. نۆۋەتتە ئىككىنچى قېتىملىق ۋەزىپىسىنى باشلاش ئالدىدا تۇرغان پىرېزىدېنت دونالد ترامپ خىتاي ماللىرىغا 60 پىرسەنت تاموژنا بېجىنى قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ كەلمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىرگە دونالد ترامپنىڭ خىتايغا بېسىم قىلىشتا، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىمۇ بىر چەتكە قايرىپ قويالمايدىغانلىقى، بەلكى ئۇنى يېڭىدىن كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىشىنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكى ھەققىدە مۇلاھىزىلەر ئوتتۇرىغا چىقماقتا.

يېقىندا، ئامېرىكانىڭ ھۆكۈمەت ۋە ئىچكى سىياسەت ساھەسىدە نوپۇزلۇق تاراتقۇلاردىن بىرى بولغان DC ژۇرنىلى (DC Journal) دا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە، پىرېزىدېنت دونالد ترامپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن دەرھال ھەرىكەت قوللىنىپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىپ خىتايغا بېسىم قىلىشى كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئامېرىكا دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى (NED) نىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى جوسېف ھامموند (Joseph Hammond) يازغان بۇ ماقالىدە، ياۋروپا دۆلەتلىرىدە سېتىلىۋاتقان «ئىتالىيە شوخلا قىيامى» نىڭ ئەسلىدە «شىنجاڭ شوخلىسى» دىن كەلگەنلىك سەتچىلىكى دۇنياغا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنىڭ ھەرگىز سەل قاراشقا بولمايدىغان مەسىلە ئىكەنلىكى، ئۇ جايدىكى قەبىھ سىياسەتنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ بۇ مەسىلىدە خىتايغا قايتا بېسىم قىلىشى كېرەكلىكى بايان قىلىنغان. 

ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: «2020-يىل جوۋ بايدېن ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا غەلىبە قىلغاندا، 3 مىليوندىن كۆپ ئۇيغۇر يەنىلا يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا سولاقلىق ئىدى، مىليونلىغان ئۇيغۇر قۇللۇق مۇئامىلىسىگە ئۇچراۋاتاتتى. مۇشۇنداق ئەھۋالدىمۇ جو بايدېن ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ بىر نەچچە ئايدىن كېيىنلا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىن ئىمپورت قىلىنىدىغان كۈنتاختا زاپچاسلىرىدىن ئالىدىغان باجنى بىكار قىلدى؛ خىتاي كارخانىلىرى بۇ يوچۇقتىن پايدىلىنىپ، باشقا دۆلەتلەردە كۈنتاختا ياسىمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئامېرىكانىڭ تاموژنا بېجىدىن قاچتى. يەنى جوۋ بايدېننىڭ بۇ بۇيرۇقى خىتاي كارخانىلىرىغا نەپەس ئېلىۋېلىش پۇرسىتى ياراتتى. خىتاي كارخانىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئەقلىي مۈلۈك ئوغرىلىرى بولۇپ، ئۇلار ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى ئېكسپلاتاتسىيە قىلىش، ئۇلارنىڭ قان-تەرىنى سۈمۈرۈش ئارقىلىق رىقابەتتە ئۈستۈنلۈك قازاندى، ئەمەلىيەتتە ئۇلار بىر تەرەپتىن ئامېرىكالىقلارنىڭ خىزمەت ئورنىنى تارتىۋالغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن زامانىۋى قۇللۇقتىن مەنپەئەت ئالدى».

ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى گوردون چاڭ خىتايدىكى بۇ زامانىۋى قۇللۇقنى ئاياغلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئامېرىكادا كۈچلۈك بىر رەھبەرنىڭ بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: «ھازىر ھەممە ئادەم پىرېزىدېنت دونالد ترامپ خىتايغا قويىدىغان يۇقىرى تاموژنا بېجىغا دىققەت قىلماقتا. ھالبۇكى خىتايغا تېخىمۇ قاتتىق زەربە بېرىدىغان يەنە بىر سودا تەدبىرى بار، ئۇ بولسىمۇ 1930-يىلدىكى «سودا قانۇنى» نى ئىجرا قىلىش، چۈنكى بۇ قانۇن مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى قەتئىي چەكلەيدۇ. 2021-يىل ماقۇللانغان ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى› ئەمەلىيەتتە مەزكۇر قانۇننىڭ كېڭەيتىلگەن نۇسخىسىدۇر. نۇرغۇن خىتاي مەھسۇلاتلىرى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ مەھسۇلى، بىراق ئۇ يەنىلا ئامېرىكانىڭ بازىرىغا كىرىۋاتىدۇ. ھازىر دەل بۇنى چەكلەيدىغان، خىتاينىڭ ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرگە يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە ياردەم بېرىشنى توختىتىدىغان بىر ئادەم چىقىشى كېرەك».

ماقالىدە قەيت قىلىنىشىچە، دونالد ترامپ بىرىنچى قېتىم پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسى ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن قەبىھ جىنايىتى رەسمىي ھالدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ جاكارلانغان. بۇنىڭ خەلقئارالىق كۈچلۈك تەسىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بۇ مەسىلىنى تەكشۈرۈپ، ئېنىق دەلىللەر بىلەن يەكۈن چىقىرىشىغا تۈرتكە بولغان. پىرېزىدېنت بايدىن گەرچە بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جاكارنامىسىنى بىكار قىلمىغان بولسىمۇ، ئۇيغۇر ئېلىدە داۋاملىق يۈز بېرىۋاتقان ھەر تۈرلۈك قورقۇنچلۇق ئىشلارنى كۆرمەسكە سالغان. دونالد ترامپ نۆۋەتتە ئاقسارايغا قايتا كىرگەندىن كېيىن بۇ مەسىلىنى ۋە باشقا كۆپلىگەن مەسىلىلەردىكى يېتەكچىلىك ئورنىنى جىددىي ئەسلىگە كەلتۈرۈشى كېرەك ئىكەن.

ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى دونالد ترامپنىڭ يېقىنقى سۆز-ھەرىكىتىدىن، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇشىغا گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 

گوردون چاڭ ئەپەندى دونالد ترامپنىڭ خىتايدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە مەجبۇرىي ئەمگەكنى توختىتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «جوۋ بايدېن ھۆكۈمىتى مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىگە يول قويدى، ئەگەر ھۆكۈمەت ئالماشسا، بۇنداق مەھسۇلاتلارنى چەكلەش قانۇنىنى ئىجرا قىلىشتا ئۆزگىرىش بولۇشى مۇمكىن. ھېچكىم بۇ قانۇننىڭ قاتتىق ئىجرا قىلىنىشىغا بىر نەرسە دېيەلمەيدۇ. شۇڭا يېڭى پىرېزىدېنتنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەنگەن خىتاي مەھسۇلاتلىرىنى چەكلىشىنىڭ ئەھمىيىتى بار. مەن پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ كەلگۈسىدە نېمە ئىشلارنى قىلىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن، ئەمما شۇنى بىلىمەنكى، بىز خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە ياردەم بېرىشنى توختىتىش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىشىمىز كېرەك».

ماقالە ئاپتورىنىڭ قارىشىچە، پىرېزىدېنت دونالد ترامپ مەجبۇرىي ئەمگەكنى توختىتىش ئۈچۈن خىتايغا بېسىم قىلىشتا، تاموژنا بېجىدىن باشقا يەنە كۆپلىگەن چارە-تەدبىرلەرنى قوللانسا بولىدىكەن. مەسىلەن، ئۇ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نىڭ چەكلەش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئۈچىنچى دۆلەتتە پىششىقلاپ ئىشلەنگەن خىتاي ماللىرىنى كىرگۈزۈشنى مەنئى قىلسا بولىدىكەن؛ ئۇ ئامېرىكا چېگرا ۋە تاموژنا قوغداش ئىدارىسىگە تېخىمۇ كۆپ كۈچ ۋە مەبلەغ ئاجراتسا، مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق ھەر قانداق مالنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىدىغان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىلغار تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ ئامېرىكانىڭ مال تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ تېگى-تەكتىنى ئايدىڭلاشتۇرالايدىغان دۆلەت ھالقىغان بىر خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرسا بولىدىكەن.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ: «پىرېزىدېنت دونالد ترامپ خىتايغا بېسىم قىلىشتا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەشتىن باشقا يەنە، كۆپلىگەن تەدبىرلەرنى قوللىنالايدۇ. ئەمما ئۇ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ياكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تىلغا ئالغىنى يوق، ئۇ كۆپرەك ئامېرىكانىڭ مەنپەئەتىنى ئويلايدۇ» دېدى.     

ماقالە ئاپتورىنىڭ قارىشىچە، دونالد ترامپنىڭ 2024-يىللىق پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا غەلىبە قىلىشىدىكى مۇھىم سەۋەبلەردىن بىرى، ئۇنىڭ ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ قوللىشى ۋە ھىمايىسىگە ئېرىشكەنلىكى بولۇپ، ئامېرىكالىقلارنىڭ ئەركىنلىك، دېموكراتىيە ئېڭى ۋە كىشىلىك قىممەت قارىشى ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش، جۈملىدىن ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە خىتايغا بېسىم قىلىش جەھەتتە  تېخىمۇ دادىل سىياسەتلەرنى يۈرگۈزۈشىگە ئىشەنچ ۋە مەدەت بېرەلەيدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.