ھەر يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى باش كىيىمى بولغان «دوپپا» لىرىنى كىيىشىپ «ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى» نى تەبرىكلىشىدۇ. ئەمما يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان قاراتمىلىق باستۇرۇشى ۋە دۇنيانىڭ ھەممە يېرىگە تارقالغان كورۇنا ۋىرۇسى تۈپەيلىدىن بۇ بايرامنى تەبرىكلەش شەكىللىرى بۇرۇنقىدىن كۆپ پەرقلىق بولغان.
مەلۇم بولۇشىچە، 2016-يىلىدىن ئىلگىرى بۇ كۈندە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلار دوپپا بايرىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا ھەر خىل مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ كەلگەن. 2016-يىلىدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى مىليونلىغان ئۇيغۇرنى مىللىي ۋە دىنى كىملىكى تۈپەيلىدىن لاگېرلارغا سولىغان بولغاچقا ئۇيغۇر ئېلىدە بۇ بايرامنى تەبرىكلەش تۈگۈل تىلغا ئىلىشقىمۇ ئىمكانىيەت بولمىغان. شۇڭلاشقا بۇ خىل مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى پەقەت ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىرتىدا داۋام قىلماقتىكەن.
شىۋېتسىيەدە تۇرۇشلۇق مۇستەقىل تەتقىقاتچى زۇلھايات ئۆتكۈر خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى باش كىيىمى بولغان دوپپا ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ مۇنداق دېدى: «دوپپا بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلارنىڭ سىموۋلى بولۇپ قالدى. دوپپا ھەققىدىكى تەتقىقاتلىرىم جەريانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ دوپپنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىش جەريانى ۋە ماتېرىياللىرىدا خىتاينىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغانلىقىنى بايقىدىم».
زۇلھايات ئۆتكۈر خانىم ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلغان «ئۇيغۇر باش كىيىملىرىنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتى ناملىق ماقالىسىدە» دوپپا ھەققىدە مۇنداق دەپ يازغان: «ئۇيغۇرلار تارىختىن بۇيان باش كىيىم مەدەنىيىتىگە ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن ۋە شانلىق سەمەرىلەرنى ياراتقان مىللەت بولۇپ، تارىخىي تەرەققىياتلار جەريانىدا شەكىل، نۇسخا ۋە ماتېرىيال جەھەتتە ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلەرنى ياراتقان. قىز-ئاياللار چېكىسىگە گۈللەرنى قىسىپ، باشلىرىغا پەر-مامۇقتىن ئوتۇغاتلارنى تاقىسا، ئەرلەر قالپاقلىرىغا چاغىر-تۇغرۇل قۇشلارنىڭ پەيلىرىنى قادىۋالىدىغان ئادەتلەر بولغان. مەسىلەن، ‹كروران گۈزىلى› دەپ ئاتالغان يىل دەۋرى مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 2000-يىلىغا توغرا كېلىدىغان ئايال جەسەتنىڭ بېشىدا يۇڭ توقۇلما باشلىق بولۇپ، ئىككى دانە غاز پېيى قىستۇرۇلغان. بەزى تەتقىقاتچىلار دوپپا تۆپە دېگەن سۆزدىن تۈرلىنىپ كەلگەن بولۇشى مۇمكىن دېگەن كۆزقاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان. ھازىرقى زاماندا باش كىيىملىرىنىڭ سانى 50 خىلدىن ئاشىدىغان بولۇپ، دوپپىلاردىن مامپۇ دوپپا، بادام دوپپا، تاشكەنت دوپپا، گىلەم دوپپا، ئۈنچە دوپپا، كالاتۇن دوپپا، شاپاق دوپپا قاتارلىق نۇرغۇن تۈرلىرى بار. تۇماقلاردىن كۆرپە تۇماق، سالۋار تۇماق، داۋغان تۇماق، تەلپەك، كېرىيە تەلپىكى، كاچۇڭ تۇمىقى، سۆسەر تۇماق قاتارلىق تۈرلىرى بار. خۇلاسىلىگەندە، ئەجدادلىرىمىزنىڭ باش كىيىملىرىگە ئۇيغۇرلار تارىختا ئېتىقاد قىلغان ئەقىدە ۋە گۈزەللىك قاراشلىرى، تارىخىي ئەنئەنىسى مۇجەسسەملەشكەن بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇدۇم بولۇپ كەلگەن ئۆرپ-ئادەتلىرى ۋە مىللىي خاسلىقى مۇجەسسەملەنگەن».
دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار «ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى» نى بۇ يىل تور ئارقىلىق تەبرىكلەشكەن بولۇپ، ھەر خىل ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىدىغان پائالىيەتلەرنى ئەۋج ئالدۇرغان. پائالىيەتلىرى ئارقىلىق مۇشۇ مەدەنىيەتكە ئىگە بولغان مىللەتنىڭ شۇئان «ئىرقى قىرغىنچىلىق» قا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئاڭلاتقان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى قاتارلىق تەشكىلاتلار ئىنگلىز تىلى، فىرانسۇز تىلى، گېرمان تىلى قاتارلىق نەچچە خىل تىلدا «ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى» نى تەبرىكلەش ئارقىلىق خەلقئارانى ئۇيغۇرلارنى قوللاشقا ۋە قوغداشقا چاقىرغان.
دوپپا بايرىمىنى ئۇيغۇرلاردىن باشقا ئۇيغۇرلارنى ياخشى كۆرىدىغان باشقا مىللەت كىشىلىرىمۇ تەبرىكلىگەن بولۇپ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا «دوپپا كۈنى» خەشتەگى ئارقىلىق ھەمبەھىرلەنگەن چەتئەللىكلەرنىڭ دوپپا كىيىپ يوللىغان سۈرەتلىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ.
ئامېرىكا فوكۇس تېلېۋىزىيەسىنىڭ داڭلىق مۇخبىرى بىنجامىن خال، ئۇيغۇرلار ئىشلىتىدىغان كۆك بايراقنىڭ ئۈستىگە دوپپا قويۇلغان سۈرەت بىلەن ئۇيغۇر دوپپا بايرىمىنى تەبىرىكلىگەن بىر «تۋىتى» نى شۇ سۆزلەرنى يېزىپ ئۆزىنىڭ تۋىتتىر ھېسابىدا ھەمبەھىرلىگەن: «بۈگۈن ئۇيغۇرلارنىڭ دوپپا بايرىمى. ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بىر كۈن. خىتاينىڭ ئۇلارغا بولغان زىيانكەشلىكى داۋام قىلىۋاتقان بۇ كۈن، ئۇلارنى قوللايدىغان ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا خاتىمە بېرىشكە چاقىرىق قىلىدىغان بىر كۈن».
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى لوندون ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى رەھىمە مەھمۇت خانىم دوپپا بايرىمى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «دوپپا بايرىمىمۇ بىزنىڭ خىتايغا قارشى كۈرىشىمىزنىڭ بىر بۆلىكى».
ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئىنكاسلارغا قارىغاندا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار «دوپپا بايرىمى-ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مۇستەملىكىچىلىكىگە، تاجاۋۇزچىلىقىغا، مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىغا قارشى قايتۇرغان جاۋابى»، دەپ قارايدىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى 2016-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ، لاگېرلارغا قاماشقا باشلىغاندىن بېرى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر خىل مىللىي بايرام ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىگە چەك قويۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا بولسا، ئورتاق «جۇڭخۇا مىللىتى» ئېڭىنى تىكلەش نامىدا خىتاي مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىنى دەسسىتىشكە كىرىشكەنلىكى مەلۇم.