ئۇيغۇر خەلقى خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئانا تىلىدا سۆزلىشىش، ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ئىتىقادى، مىللىي مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرى بىلەن ياشاشتا چەكلىمىگە ئۇچراپ، ئاسسىملاتسىيە بولۇپ كېتىش خەۋپىگە دۈچ كېلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈنلەردە، چەت ئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار 5-ماي دوپپا بايرىمىنى تەبرىكلەپ، مىللىي كىملىكى ھەم مەدەنىيىتىنى ساقلاشتا تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كەلمەكتە.
دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار 5-ماي دوپپا بايرىمى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن بىر بىرلىرىنى تەبرىكلەپ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇچۇر يوللاپ دوپپا كىيگەن رەسىملەرنى ھەمبەھىرلىشىپ، تەنتەنە قىلىشماقتا. بۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ مىللىي مەدەنىيەتلىرىنى نامايەن قىلماقتا.
ئىستانبۇلدىكى زەيتىنبۇرنۇ رايونىغا جايلاشقان ئۇيغۇر ئانا تىلى يەسلىسى ۋە قۇرئان كۇرسى مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ 5-ماي دوپپا بايرىمىنى تەبرىكلەپ ئىككى پارچە سىنئالغۇ تارقاتقان. سىنئالغۇدا ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى ئۆزلىرىنىڭ چىرايلىق دوپپا ۋە ئەتلەس كۆينەكلىرىنى كىيگەن ھالدا دوپپا بايرىمىنى تەبرىكلەپ شېئىر ئوقۇغان ۋە ناخشا ئېيتىشقان.

ئۇيغۇر ياشلىرىدىن ئىستانبۇل تىجارەت ئۇنىۋېرىستىتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى مەردان ئۇيغۇر، دوپپا بايرىمىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەدەنىيىتى ۋە كىملىكىنى قوغداش كۈرىشىنىڭ بىر سىمۋولى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ، مۇنداق دېدى: «ئالدى بىلەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ دوپپا بايرىمى مۇبارەك بولسۇن! دوپپا شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بېشىغا كىيىدىغان ئەنئەنىۋىي مىللىي كىيىملىردىن بىرىدۇر. دوپپىمىز ھەم ئەرلەرگە ھەم ئاياللارغا خاس بولۇپ، ئوخشىمايدىغان رەڭ ۋە پاسونلاردىكى تۈرلۈك دوپپىلىرىمىز بار. مەن بادام دوپپىنى ياخشى كۆرىمەن، ياشلارمۇ بادام دوپپىنى ياخشى كۆرۈشى مۇمكىن. ئۇيغۇرلار ھەر يىلى 5-ماي كۈنى دوپپا بايرىمى تەنتەنىسى ئېلىپ بارىدۇ ۋە بۇ ئارقىلىق مىللىي مەدەنىيىتىنى نامايەن قىلىدۇ. دوپپا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىنى ۋە كىملىكىنى قوغداش كۈرىشىنىڭ بىر سىمۋولىدۇر. بىز مىللىي مەدەنىيىتىمىز ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزنى قەتئىي قوغدايمىز، شۇنداقلا ئۇنىڭ يوقىلىپ كېتىشكە ھەرگىز يول قويمايمىز. بىز چەت ئەللەردە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركسىتانلىقلار بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئۆزىمىزنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىنى، مىللىي مەدەنىيىتىنى قوغدىشىمىز كېرەك، چۈنكى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى سەۋەبلىك مىللىي مەدەنىيىتىمىز، ئۆرپ-ئادەتلىرىمىز يوق بولماقتا. بىز چەت ئەللەردە بولسىمۇ ئۆزىمىزنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىمىزنى قەتئىي قوغدىشىمىز كېرەك. مەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دوپپا بايرىمىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن، ئۇيغۇرلارنىڭ دوپپا بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن!»
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئۆسمۈر فاتىمە ئالدى بىلەن پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دوپپا بايرىمىنى تەبرىكلىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ دوپپا كىيگەن ۋاقتىدا ئۇيغۇر مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغدىغاندەك ھېس قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇھەممەد ئىسىملىك يەنە بىر ئۇيغۇر ئۆسمۈر ئۆزىنىڭ دوپپا كېيىشنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى، دوپپا كىيىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىدە مىللىي كىملىكىنى باشقىلارغا نامايەن قىلالايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
نەزىرە ئارسلان ئىسىملىك يەنە بىر ئۇيغۇر قىزى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ دوپپا بايرىمىنى تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىمۇ ئۇيغۇر دوپپا بايرىمىنى تەبرىكلەپ ئۆزىنىڭ رەسمى فېيسبۇك سەھىپىسىدە بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «5-ماي ئۇيغۇر دوپپا بايرىمى كۈنى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆز مەدەنىيتىگە ۋە مىللىي كىملىكىگە بولغان ھۆرمەت، خىتاي ئىشغالىيىتىگە ۋە ئۇلارنىڭ ئاسسىمىلاتسىيە سىياسىتىگە قارشى تەۋرەنمەس بىر روھنىڭ نامايەندىسىدۇر.»
مەركىزى ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركسىتان ۋەخپىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ دوپپا بايرىمىنى تەبرىكلەپ ئۆزىنىڭ فېيسبۇك سەھىپىسىدە تەبرىكنامە ئېلان قىلدى. تەبرىكنامىدە مۇنداق دېيىلگەن: «دوپپا-ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كىملىك كۈرىشىنىڭ سىمۋولىدۇر، ئۇيغۇرلارنىڭ دوپپا بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن!»
5-ماي دوپپا بايرىمى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن مەركىزى ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن «ئۇيغۇرلارنىڭ ئاسسىملاتسىيەگە قارشى قۇرالى: 5-ماي ئۇيغۇر دوپپا بايرىمى» دېگەن تېمىدا تور سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. تور سۆھبەت يىغىنىدا سۆز قىلغان ئىلشات ھەسەن ئەپەندى، دوپپىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيتىدىكى مۇھىم ئورنى توغرىسىدا توختالدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «دوپپا بايرىمى يولغا قويۇلۇپ خەلق ئىچىگە ئومۇملاشقاندىن كېيىن، بۇ بايرام ئۇيغۇرلارغا ئۆز كىملىكىنى ھېس قىلدۇرغان بولسا، خىتاينىڭ كۆزىگە يىڭنە كەبى قادالغان بىر مىخ بولدى. شۇنىڭ ئۈچۈن دوپپا بايرىمىنىڭ ئەھمىيىتى زور.»
ئىگىلىنىشىچە، ئۇيغۇر دوپپا بايرىمىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى تەشەببۇسى 2009-يىلى 5-ئاينىڭ 4-كۈنى 30 غا يېقىن ئۇيغۇر زىيالىيىسىنىڭ ئۈرۈمچىدە يىغىلىپ باش قوشۇشى بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىكەن. شۇ قېتىملىق يىغىلىشتا ھەر يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنىدە «ئۇيغۇر دوپپا بايرىمى» ئۆتكۈزۈش مۇزاكىرە قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلىرىدىن بۇ توغرىسىدا تەستىق ئالالمىغان ئىكەن. شۇنداق بولسىمۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ تەسىرى نەتىجىسىدە 2010-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن باشلاپ «ئۇيغۇر دوپپا بايرىمى» ئاۋام ئارىسىدا ئومۇملىشىپ ھەر يىلى تەبرىكلىنىدىغان بولغان.