«ئۇيغۇر دوپپا بايرىمى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلار» ناملىق تور يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2021.05.07
«ئۇيغۇر دوپپا بايرىمى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلار» ناملىق تور يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى 2009-يىلى 5-ئاينىڭ 4-كۈنى ئۈرۈمچىدىكى نازنا رېستۇرانىدا 5-ماي كۈنىنى «دوپپا بايرىمى» قىلىشقا تەشەببۇس قىلغان 30 غا يېقىن زىيالىينىڭ بىرى تاھىر ئىمىن ئەپەندى. 2021-يىلى 5-ماي.
RFA/Arslan

5-ماي ئۇيغۇر دوپپا بايرىمى كۈنى مۇناسۋىتى بىلەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۆزلىرىنىڭ دوپپىلىرى بىلەن چۈشكەن سۈرەتلىرىنى تارقىتىپ، ئۆزئارا بىر-بىرلىرىنىڭ دوپپا بايرىمىنى تەبرىكلەشمەكتە. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن «ئۇيغۇر دوپپا بايرىمى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلار» دېگەن تېمىدا تور يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

تور يىغىنغا ئۇيغۇر ئاكادېميەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوكتۇر مەغپىرەت كامال خانىم رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى پروفېسسۇر دوكتۇر ئالىمجان ئىنايەت ۋە ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن تاھىر ئىمىن سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ھەمدە ئۇيغۇر دوپپا بايرىمى توغرىسىدا پىكىر بايان قىلدى.

مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇر دوپپا بايرىمى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلار» دېگەن تېمىسىدىكى تور يىغىنىدا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ رەئىسى پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت سۆزلىمەكتە. 2021-يىلى 5-ماي.

رىياسەتچى دوكتۇر مەغپىرەت خانىم ئالدى بىلەن سۆز باشلاپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ نامايەندىسى بولغان دوپپا توغرىسىدا قىسقىچە توختالدى. ئۇ دوپپىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكى ۋە مەدەنىيتى بىلەن بىرلىشىپ كەتكەنلىكىنى، شۇنداقلا دوپپىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسىغا ئايلىنىپ كەتكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

پروفېسسۇر ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى ئۇيغۇر دوپپىسىنىڭ قىسقىچە تارىخى توغرىسىدا توختالدى. ئۇ دوپپىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكى، كىيىم-كىچەك مەدەنىيىتىدىكى ئۆزگىچىلىكى ۋە گۈزەللىك قاراشلىرىنىڭ يارقىن بىر سىمۋولى ئىكەنلىكىنى تەكىتلدى.

يىغىندا سۆز قىلغان تاھىر ئىمىن ئەپەندى ئالدى بىلەن بۇ بايرامنىڭ كېلىپ چىقىش جەريانى توغرىسىدا توختالدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر دوپپا بايرىمىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى تەشەببۇسى 2009-يىلى 5-ئاينىڭ 4-كۈنى ئۈرۈمچىدىكى نازنا رېستۇرانىدا 30 غا يېقىن ئۇيغۇر زىيالىيىسىنىڭ باش قوشۇشى بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىكەن. شۇ قېتىملىق يىغىلىشتا ھەر يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى «ئۇيغۇر دوپپا بايرىمى» ئۆتكۈزۈش مۇزاكىرە قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلىرىدىن بۇ توغرىسىدا تەستىق ئالالمىغان ئىكەن. ئەمما شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، 2010-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن باشلاپ «ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيىتى بايرىمى» ئاۋام ئارىسىدا تەبرىكلىنىشكە باشلىغان.

مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇر دوپپا بايرىمى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلار» دېگەن تېمىسىدىكى تور يىغىنىدا ئاكادېميەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور مەغپىرەت كامال خانىم رىياسەتچىلىك قىلماقتا. 2021-يىلى 5-ماي.

پروفېسسۇر ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ نۆۋەتتە خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن يوق قىلىنىش نىشانىغا ئايلانغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مىللىي مەدەنىيەتنى قوغداپ قىلىشنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن، بولۇپمۇ ئەركىن دۇنيادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن چوڭ بىر مىللىي ۋەزىپە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيىتى توغرىسىدا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ تور بېتىدە يېزىلغان مەخسۇس ماقالىدە مۇنداق يېزىلغان: «دوپپا بىز ئۇيغۇر خەلقنىڭ تەسەۋۋۇرغا باي، گۈزەللىكنى سۆيىدىغان، شۇنداقلا چوڭقۇر مەنىۋىي دۇنيايىمىزنىڭ ئەڭ گۈزەل ئىجادىيىتى. ئۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ماددىي كەشپىياتلىرىنىڭ بىرى. دوپپا ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ مول تەسەۋۋۇرى، سۆيگۈ مۇھەببىتى، چىۋەر قوللىرىدىن پۈتۈپ چىققان سۆيگۈ ناماياندىسى. دوپپىلارغا چېكىلگەن گۈل-نەقىشلەرنىڭ خىلمۇ خىللىقى، نەپىسلىكى، تەكرارلانماسلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ تەبىئەتنى سۆيۈش، شۇنداقلا ئىستېتىك ئېڭىنىڭ يۇقىرىلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇنداق ئېسىل مەدەنىيەت مىراسىمىزنى ساقلاپ قېلىش، ئۇنى كەلگۈسى ئەۋلادلارغا نەمۇنە قىلىپ قالدۇرۇش ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئىش.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.