ئاۋسترالىيە ئەركىنلىك پارتىيەسىنىڭ قۇرغۇچىسى، ياش سىياسىي پائالىيەتچى درۇ پاۋلوۋ (Drew Pavlou ) نىڭ ئىسىمى ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خوڭكۇڭلۇقلارغا ناتونۇش ئەمەس. 2020-يىلى ئاۋسترالىيە كۋېنىسلەند ئۇنىۋېرسىتېتى پەلسەپە فاكۇلتېتىنىڭ 4-يىللىق ئوقۇغۇچىسى بولغان درۇ پاۋلوۋ ئۆزىنىڭ تۋىتتېر ھېسابى ئارقىلىق كۋېنىسلەند ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ئالاقىسىنى ئۈزۈشنى تەلەپ قىلغانلىقى، شۇنداقلا ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خوڭكوڭلۇقلارنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن مەكتەپتىن توختىتىپ قويۇلغانىدى.
ئۇ شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خووكۇڭلۇقلار ئۈچۈن ئاۋسترالىيەنىڭ ھەر خىل ئورۇنلىرىدا ئۈزلۈكسىز نامايىش قىلىپ كەلگەن، ئاۋسترالىيە خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىنى خىتاي تەھدىتىدىن ئاگاھلاندۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن.

24-ئىيۇن كۈنى خىتاينىڭ ئاۋسترالىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى شياۋ چيەن ئاۋسترالىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ئىنستىتۇتى تەرىپىدىن سىدنېي تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت پروگراممىسىغا تەكلىپ قىلىنغان. ئاشۇ كۈنى درۇ پاۋلوۋ ۋە ئۇنىڭ گورۇپپىسىدىكىلەر نەق مەيدانغان بېرىپ، ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خوڭكۇڭلۇقلار ئۈچۈن ئادالەت تەلەپ قىلىپ شوئار توۋلىغان. ئۇلارنىڭ شۇئارلىرى خىتاي باش ئەلچىسى شياۋ چيەننىڭ يېرىم سائەتلىك نۇتۇقىنى 8 قېتىم توختىتىشقا مەجبۇر قىلغان. بۇ ۋەقە «نىيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» دىمۇ خەۋەر قىلىنغان.
30-ئىيۇن كۈنى «خەلقئارا ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى» (FIBA) نىڭ دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسى ئاۋسترالىيەنىڭ مېلبۇرن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن. مۇسابىقە جەريانىدا درۇ پاۋلوۋ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا سېلىۋاتقان زۇلۇملىرىنى توختىتىش ۋە خوڭكوڭنىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللاش ھەققىدە شوئار توۋلىغان. شۇ سەۋەبتىن ئۇ ساقچىلار تەرىپىدىن مۇسابىقە مەيدانىدىن چىقىرىۋېتىلگەن.

درۇ پاۋلوۋ مۇسابىقە مەيداندىن چىقىرىۋېتىلگەندىن كېيىنمۇ مەيدان سىرتىدا نامايىشىنى داۋام قىلغان. ئۇ رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ تۈردىكى نارازىلىق نامايىشلىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا ۋە باشقا مىللەتلەرگە سېلىۋاتقان زۇلۇملىرىنى توختاتمىغىچە، قەتئىي داۋاملاشتۇرۇىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۆۋەندە درۇ پاۋلوۋ بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبېتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.