خىتاينىڭ دۇبەيدە مەخپى قاماقخانا قۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى قامىغانلىقى مەلۇم بولدى

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ دۇبەي شەھىرىدە مەخپىي قاماقخانا قۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى قامىغانلىقى ئاشكارلانغان. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ دۇبەيدىكى كونسۇلخانا خادىملىرىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى بۇ مەخپىي قاماقخانا ئەسلى بىر داچا بولۇپ، قاماقخانىغا ئۆزگەرتىلگەن ئىكەن. نۆۋەتتە بۇ قاماقخانىدا ئاز دېگەندە ئىككى نەپەر ئۇيغۇر ئايالنىڭ تۇتۇپ تۇرۇقلۇق ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلار خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان «قارا تۈرمە» قۇرۇپ، مەشغۇلات ئېلىپ بارغانلىقىغا ئائىت تۇنجى دەلىل ئىكەن. خىتاينىڭ دۇبەيدە مەخپىي قاماقخانا قۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى سولىغانلىقىغا ئائىت بۇ ئۇچۇرنى بۇ يىل 5-ئ‍ايدا دۇبەي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، مەزكۇر مەخپىي قاماقخانىغا سولانغان بىر خىتاي ئۆكتىچى قىز ئاشكارلىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خىتاي قىزى دۇبەيدە تۇتۇلۇپ قالغان يىگىتى ۋاڭ جىڭيۈنى قۇتقۇزۇشقا بارغاندا تۇتقۇن قىلىنغان ئىكەن. ۋۇ خۇەن ئىسىملىك 26 ياشلىق بۇ خىتاي قىزى بىرلەشمە ئاگېنتلىققا بەرگەن ئۇچۇرىدا، ئ‍ۆزىنىڭ بۇ مەخپىي قاماقخانىغا 8 كۈن سولاپ قويۇلغانلىقى، بۇ يەردە سولاقلىق 2 ئۇيغۇر ئايالنى ئۇچراتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ ئىككى ئۇيغۇر ئايالنىڭ نېمە ئ‍ۈچۈن سولانغانلىقى، ئۇلارنىڭ كىملىكى ۋە جەمئىي قانچە ئۇيغۇرنىڭ بۇ مەخپىي قاماقخانىدا سولاقلىق ئىكەنلىكى مەلۇم ئەمەس.

ئانالىزچىلارنىڭ ئېيتىىشىچە، خىتاينىڭ دۇبەيدە مەخپىي قاماقخانا قۇرۇشى ئۇنىڭ ئىچكىي قانۇنىنى چېگرا ھالقىپ ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن. بۇ سۆزلەرنى گوللاندىيەدە تۇرۇشلۇق پائالىيەتچى ئاسىيە ئۇيغۇر 17-ئاۋغۇست بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا تىلغا ئالدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ۋەقە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ياكى ئوتتۇرا-شەرقتىكى دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قانچىلىك خەتەرلىك جايغا ئايلانغانلىقىنىڭ كۈچلىك بىر سىگنالى ئىكەن.

«قارا تۈرمە» لەر خىتايدا كەڭ ئومۇملاشقان خىتاي ئەدلىيە سىستېمىسىنىڭ سىرتىدىكى قانۇن ھالقىغان بىر خىل تۇتۇپ تۇرۇش مېخانىزىمى بولسىمۇ، بىراق خىتاي قىزى ۋۇ خۇئەننىڭ گۇۋاھلىقى خىتاينىڭ قانۇن ھالقىغان بۇ مېخانىزىمنى باشقا دۆلەتتىمۇ ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارلاپ بېرىدۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭ چەت ئەللەردىكى مەيلى ئۇيغۇر بولسۇن مەيلى خىتاي ئۆكتىچىسى بولسۇن، خىتاي تەۋەلىكىدىكى كىشىلەرنى خىتايغا قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن ئ‍ۆزىنىڭ خەلقئارا تەسىر كۈچىنى ئىشقا سېلىشنى كۈنسېىرى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

بىز 17-ئاۋغۇست ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا تېلېفون قىلىپ، بۇ ۋەقەنى يەنىمۇ ئىلگىرلەپ دەلىللەشكە تىرىشقان بولساقمۇ، بىراق مەزكۇر ئەلچىخانا سىياسىي ئىشلار بۆلۈمىنىڭ بىر خادىمى سۇئاللىمىزغا تېلېفوندا جاۋاپ بەرمەيدىغانلىقى، سۇئالىمىز بولسا ئېلخەت ئارقىلىق ئەلچىخانىنىڭ ئاخبارات ئىشخانىسىغا ئەۋەتىشىمىزنى ئېيتتى. بىز ئۇنىڭ ئېيتقىنىدەك قىلغان بولساقمۇ، بىراق ھازىرغا قەدەر جاۋاپ كەلمىدى. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىكى ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخبارات ئىشخانىسى بۇنىڭ ئالدىدا بىرلەشمە ئاگېنتلىققا ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ چېگراسى ئىچىدە چەت ئەل ھۆكۈمەتلىرىنىڭ قاماقخانىسى بارلىقىنى رەت قىلغان ئىدى.

لېكىن خىتاينىڭ 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇنىدا، ئۇنىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا-شەرق ئەللىرىدىكى نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي خىتايغا قايتۇرۇپ كەتكەنلىكى مەلۇم. خىتاينىڭ ھازىرغا قەدەر ئ‍ەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىن قانچە ئۇيغۇرنى قايتۇرۇپ كەتكەنلىكى ئېنىق ئەمەس. «ئۇيغۇر يار فوندى» نىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار خىتاي قايتۇرۇپ كەتكەن 10 ئۇيغۇرنىڭ تىزىملىكىنى تۇرغۇزغان بولۇپ، ئۇلاردىن 5 كىشىنىڭ كىملىكىنى دەلىللىگەن.

كورلالىق ئەخمەتجان تالىپ ئەنە شۇ كىشىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ 2018-يىلى 2-ئايدا تۇتقۇن قىلىنغان. ئەينى چاغدا دۇبەي شەھرىنىڭ قازىسى ئەخمەتجان تالىپنى گۇناھسىز، دەپ ئېلان قىلىپ، ئۇنى قويۇپ بېرىشنى بۇيرىغان بولسىمۇ، بىراق دۇبەي ئامانلىق دائىرىلىرى ئۇنى يەنىلا خىتايغا ئ‍ۆتكۈزۈپ بەرگەن ئىدى.

ھازىر ئۇنىڭ ئىككى پەرزەنتى بىلەن تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئايالى ئاماننىسا شۇنىڭدىن بېرى يولدىشىنىڭ ئىز-دېرىكىنى ئالالمىغان. ئۇ 17-ئاۋغۇست كۈنى بۇ ھەقتىكى زىيارتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئ‍ۆزىنىڭ بۇ خەۋەرنى كۆرگەنلىكى، بۇ خەۋەرنى كۆرۈپ يولدىشىنى ھازىرغا قەدەر بۇ قاماقخانىدا قاماقلىقتەك تۇيغۇدا بولغانلىقىنى بىلدۈردى. بىراق ئاماننىسانىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ خىتاينىڭ دۇبەيدە مەخپىي قاماقخانا قۇرغانلىقى، ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئۇنىڭغا ھەمكارلاشقانلىقىغا ھەيران قالمىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ دۇبەيدە قاماقخانا قۇرغانلىقىغا ئائىت ئۇچۇرنى ئاشكارلىغان خىتاي قىزنىڭ يىگىتى ۋاڭ جىڭيۈ ئىلگىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا خىتاينىڭ 2019-يىلى خوڭكوڭ نامايىشنى باستۇرۇشىغا، شۇنداقلا خىتاينىڭ ھىندىستان بىلەن بولغان چېگرا توقۇنىشىدىكى ھەرىكىتىگە سۇئال قويغانلىقى ئ‍ۈچۈن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلىپ، چەت ئەلگە قاچقان ئىكەن. ئۇ بۇ يىل 4-ئايدا دۇبەيدە تۇتقۇن قىلىنغان بولۇپ، ۋۇ خۇەن 5-ئايدا يىگىتىنى قۇتقۇزۇش ئ‍ۈچۈن دۇبەيگە بارغان ئىكەن.

ۋۇ خۇەن 27-ماي كۈنى ئ‍ۆزىنىڭ چۈشكەن مېھمانخانىدا خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن سوراق قىلىنغانلىقى، ئاندىن دۇبەي ساقچىلىرى تەرىپىدىن بۇر دۇبەي ساقچى پونكىتىغا ئېلىپ بېرىلغانلىقى، بۇ يەردە 3 كۈن تۇتۇپ تۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، 3-كۈنى خىتاينىڭ دۇبەيدىكى باش كونسۇلخانىسىنىڭ خادىملىرى ئۇنى ساقچى پونكىتىدىن ئېلىپ، 3 قەۋەتلىك ئاق رەڭلىك بىر داچىغا ئېلىپ كەلگەن.

ئۇ بۇ داچىنىڭ ئىچىدىكى ئ‍ۆيلەرنىڭ كىچىك كامېرلارغا ئ‍ۆزگەرتىلگەنلىكى، ئ‍ۆزىنىڭ بىر كۈنى ھاجەتخانىغا كىرمەكچى بولۇپ بىر ئۇيغۇر قىزنى ئۇچراتقانلىقى، باشقا بىر كۈنى يەنە بىر ئۇيغۇر قىزنىڭ «مەن خىتايغا قايتمايمەن، مەن تۈركىيەگە كېتىمەن» دەپ ۋاقىرغانلىقىنى ئاڭلىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ۋاڭ جىڭيۈ بىلەن ۋۇ خۇەن ئىلگىرى-كېيىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، ئۇلار ئۇكرائىنادا ئۇچراشقان، شۇنداقلا ئامېرىكاىكى بىر خىتاي دىنىي تەشكىلاتىنىڭ ياردىمىدە گوللاندىيەگە كېلىپ سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن.