دۇنيا ئانا تىل كۈنى ۋە  يوقىتىلىۋاتقان ئۇيغۇر تىلى

0:00 / 0:00

«21-فېۋرال دۇنيا ئانا تىل كۈنى» بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت ئورگىنى تەرىپىدىن 1999-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى «خەلقئارا ئانا تىل كۈنى» دەپ ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، 2000-يىلى 21-فېۋرالدىن باشلاپ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ھەر يىلى دېگۈدەك خاتىرىلىنىپ كەلمەكتە. بۇ قارار باڭلادېش (ئەينى ۋاقىتتىكى شەرقىي پاكىستان رايونى) دا 1952-يىلى 21- فېۋرال كۈنى يۈز بەرگەن بېنگال تىلىنى قوغداش ھەرىكىتىگە ھۆرمەت بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويۇلغان. جۈملىدىن ھەرقايسى دۆلەتلەردە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ بۇ كۈننى خاتىرىلەپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بولۇپمۇ 2017-يىلى 9-ئايدىن باشلاپ، خىتاي ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇر تىلى مائارىپى مەكتەپلەردە ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۇيغۇر ئانا تىلىنى قوغداش تەشەببۇسى بارغانچە كۈچەيگەن.

يېقىنقى يىللاردا چەت ئەللەردە قۇرۇلغان «ئانا تىل مەكتەپلىرى» ۋە ئۇيغۇرچە تور مەكتەپلىرى تېزلىكتە كۆپەيگەن ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى. ئەمما ئۇيغۇر ئانا تىلىنى قوغداشنى تەشەببۇس قىلىپ كېلىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەر ۋە ئانا تىل مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇر تىلى مائارىپى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ھەتتا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئىشلىنىشى چەكلىنىپ، ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتى يوقىتىلىش ئوبيېكتىغا ئايلانغان نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە، ئۇيغۇر ئانا تىلىنى ۋە قوغداش ۋە ساقلاپ قېلىشتا، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىپىسى تېخىمۇ ئېغىر ئىكەن.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن نورۋېگىيەدىكى ئانا تىل تەشەببۇسچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى، غەرب دۆلەتلىرىدە قۇرۇلغان شەنبە-يەكشەنبىلىك «ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتەپلىرى»،«ئۇيغۇر تىلىنى تور ئارقىلىق ئوقۇتۇش مەكتەپلىرى» ھەققىدە مەخسۇس تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز قاراشلىرىنى ئورتاقلاشتى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئېيتقاندا ياش ئەۋلادلارغا ئۇيغۇر تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۇيغۇر كىملىكىنى ساقلاپ قېلىشتىكى ئەڭ مۇھىم ئاساسلارنىڭ بىرى ئىكەن.

ئاۋسترالىيەنىڭ ئادېلايد شەھىرىدىكى ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپىنىڭ مۇدىرى يۇلتۇز تېيىپجان خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنىمۇ ئەينى چاغدىكى باڭلادىشتا ئانا تىل چەكلەنگەن ۋەزىيەتكە ئوخشاشتۇر. نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلى مائارىپ ۋە باشقا ھەر ساھەدە چەكلىمىگە ئۇچراۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇرلا ئۈچۈن ئېيتقاندا 21-فېۋرال ئانا تىل كۈنىنى خاتىرىلەش تېخىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.

يۇلتۇز تېيىپجان خانىم يەنە ئۇلارنىڭ مەكتىپىگە ئوخشاش مۇھاجىرەتتىكى «ئانا تىل مەكتەپلىرى» نىڭ ھەر يىلى دېگۈدەك «21-فېۋرال ئانا تىل كۈنى» نى خاتىرىلەپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ يىلمۇ مەكتەپ ئىچىدە پائالىيەت ئۇيۇشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئانا تىلنىڭ يوقىتىلىش ۋەزىيىتى، ئەينى يىللىرىدىكى باڭلادېشلىقلارنىڭ ۋەزىيىتىدىن پەرقلىق ھەتتا تېخىمۇ ئېغىر ئىكەن.

ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 1952- يىلى تېخى شەرقىي پاكىستان رايونىدا، يەنى باڭلادېشتا ياشاۋاتقان خەلق پەقەت ئانا تىلىنىڭ مائارىپ ساھەسىدە قوللىنىشىنى تەلەپ قىلغان بولسا، خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە مىللىي ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىدە ئېزىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر كىملىكىمۇ يوقىتىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇر ئانا تىلىنىڭ يوقىتىلىشى ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم باسقۇچلىرىنىڭ بىرى ئىكەن.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2017-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان «قايتا تەربىيەلەش» نامىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرى شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارغا يېتەكچىلىك قىلالايدىغان دىنىي ئۆلىمالار ۋە ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ لاگېر- تۈرمىلەرگە قامالغانلىقى دۇنياغا ئاشكارىلانغان. دەل شۇ مەزگىلنىڭ ئۆزىدە يەنە شۇ يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئۇيغۇر دىيارىدىكى بارلىق مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلىدا دەرس ئۆتۈش بىردەك ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.

ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە،ئۇيغۇر تىلى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مائارىپ سىستېمىسى ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان نۆۋەتتىكى شارائىتتا، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئۈچۈن ئۇيغۇر تىلىنى قوغداش ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىلەرنىڭ بىرى بولۇشى كېرەك ئىكەن.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزى ياشاۋاتقان دۆلەتلەردە، شۇ دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ياردىمىدە، ياكى ئاۋام خەلقنىڭ پۇل چىقىرىشى بىلەن، باشقا كۆچمەن خەلقلەر قۇرغان ئانا تىل مەكتەپلىرىگە ئوخشاش تېخىمۇ مۇنتىزىملاشقان ئۇيغۇر ئانا تىلى مەكتەپلىرىنى قۇرۇش ئىمكانىيىتى بار ئىكەن.

ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا، ھەرقايسى دۆلەتلەردە قۇرۇلغان ئانا تىل مەكتەپلىرى ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ تىرىشچانلىقىدا ئۇيغۇر تىلىنى ياش ئەۋلادلار ئارىسىدا ئومۇملاشتۇرۇش داۋام قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئۇيغۇر تىلىنى قوغداشتا تېخىمۇ كۆپ خىزمەتلەرنى ئىشلىشى كېرەك ئىكەن. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە بولۇپمۇ ب د ت غا ئوخشاش خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ۋە ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا بولغان دىققىتى ۋە قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش خىزمىتى كۈچەيتىلىشى كېرەك ئىكەن.