دۇنيا گېزىتى: «جازا لاگېرلىرىنىڭ يېنىغا زاۋۇت قۇرغانلار، خەتىرىگە ئۆزى مەسئۇل!»

0:00 / 0:00

گېرمانىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى ئانجىلا مەركىل ھوقۇقىدىن ئايرىلىپ، يېڭى بىرلەشمە ھۆكۈمەت ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىنكى گېرمانىيەنىڭ خىتاي سىياسىتىدە يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەر «گېرمانىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئالتۇن دەۋرى» نىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى نامايان قىلغان بولسىمۇ، خىتاي بىلەن تىجارىي مۇناسىۋەتلەردە بولۇۋاتقان بەزى گېرمان شىركەتلىرى يەنىلا ھېچ ئىش بولمىغاندەك ئۆز سودىسىنى داۋام قىلدۇرۇپ كەلمەكتە ئىدى. ئالدىنقى ھەپتە گېرمانىيە مالىيە مىنىستىرى ھابەكنىڭ خىتايدا تىجارەت قىلىۋاتقان ئاممىباب ئاپتوموبىل شىركىتى (ۋ ۋ) غا دۆلەت نامىدىن كېپىل بولۇشنى رەت قىلىشى گېرمانىيە سودا-سانائەت ساھەسىنى قاتتىق چۆچۈتكەن. كۆزەتكۈچىلەر بۇنى «گېرمانىيەنىڭ خىتاي بىلەن سودا ئالاقىسىدا بولۇۋاتقان گېرمان شىركەتلىرى ئۈچۈن سىزغان قىزىل سىزىقى» دەپ قارىغان ھەمدە گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تۇنجى قېتىم «كىشىلىك ھوقۇق تۈپەيلى گېرمانىيە شىركەتلىرىگە بەرگەن قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇشى» دەپ باھالىغان.

«گېرمانىيە دولقۇنلىرى» رادىيوسىنىڭ «دۇنيا گېزىتى» دا ئېلان قىلىنغان «خىتايغا مەبلەغ سالغۇچىلار خەتىرىگە ئۆزى مەست´ئۇل» ناملىق ماقالىدىن نەقىل ئېلىپ بايان قىلىشىچە، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن ئىش بىرلىكىنى داۋام قىلدۇرۇۋاتقان ۋولكسۋاگېن، يەنى ئاممىباب ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ «دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىك سۇغۇرتا سوممىسى بىلەن تەمىنلەش» تەلىپىنى رەت قىلىشىنى «كىمكى خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىنىڭ يېنىغا زاۋۇت قۇرۇشقا مەبلەغ سالسا، ئۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغان يامان ئاقىۋەتكە ئۆزى مەست´ئۇل بولىدۇ» دەپ چۈشىنىشكە بولىدىكەن. بۇ يالغۇزلا ۋ ۋ شىركىتىگە قارىتىلغان ئاگاھلاندۇرۇش بولۇپلا قالماي، خىتايدىكى بارلىق گېرمان شىركەتلىرىگە بېرىلگەن ئاگاھلاندۇرۇش بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. ئەلۋەتتە، دۆلەتنىڭ بۇ ئاگاھلاندۇرۇشى جازا لاگېرلىرىدىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە چېتىلىدىكەن.

مەلۇماتلاردا تىلغا ئېلىنىشىچە، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2021-يىلى ماقۇللىغان «يېڭى تەمىنلەش زەنجىرى قانۇنى» ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى نەزەرگە ئالغان ھالدا تۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ قانۇن خىتايدا تىجارەت قىلىۋاتقان گېرمان شىركەتلىرىگە قارىتا؛ ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ سانى 1000 دىن تۆۋەن بولغان شىركەتلەرگە 2022-يىلى 1-ئايدىن باشلاپ، ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ سانى 1000 دىن يۇقىرى بولغان شىركەتلەرگە 2023-يىلىدىن باشلاپ تەدبىقلىنىدىكەن. بۇ سەۋەبتىنمۇ ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ سانى 1000 دىن تۆۋەن بولغان شىركەتلەر تەمىنلەش زەنجىرىدە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلىپ قېلىشتىن قاتتىق ئېھتىيات قىلىدىغان ۋەزىيەتكە قىستالغان ھەمدە بىر قىسىم شىركەتلەر خىتايدىكى تىجارەتلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مەبلەغلىرىنى چېكىندۈرۈپ چىقىشقا ياكى باشقا ئاسىيا ئەللىرىگە يۆتكەشكە باشلىغان. ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ سانى 1000 دىن يۇقىرى بولغان شىركەتلەر ئېغىر بېسىم ئاستىدا قالغان.

ۋەزىيەت ئانالىزچىسى، د ئۇ ق بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى غەيۇر قۇرباننىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە يەھۇدىيلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا شېرك بولغان ۋ ۋ ئاپتوموبىل شىركىتىگە قارىتا گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ پوزىتسىيەسىنىڭ «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ئەمدى سەل قاراشقا بولمايدۇ!» دېگەن يەرگە يېتىپ كەلگەنلىكىنىڭ بىر ئىپادىسى ئىكەن. د ئۇ ق نىڭ رەئىس ۋەكىلى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدىن ئەپەندى بولسا، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشنىڭ چارە-تەدبىرلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بايان قىلىشىچە، گېرمانىيەدىكى يېڭى بىرلەشمە ھۆكۈمەت ئۆتكەن يىلى 9-ئايدا ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن بۇيان خىتايغا قارىتا قاتتىق پوزىتسىيەلىرىنى تەدرىجىي ھالدا نامايان قىلىشقا باشلىغان ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا قارىتا بىرقىسىم كەسكىن چاقىرىقلاردا بولغان. بۇلارنى تۆۋەندىكى نۇقتىلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدىكەن:

بىرى، «كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ھېچبىر دۆلەتنىڭ ئىچكى مەسىلىسى ئەمەس. كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى دۇنيانىڭ نەرىدە يۈز بەرمىسۇن، ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈش ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ، جۈملىدىن گېرمانىيەنىڭ ۋەزىپىسى». بۇ سۆزنى گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاننالېنا بايېربوك يېڭىدىن ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندا، خىتايغا قارىتا پوزىتسىيەسىنى ئىپادە قىلىش ئۈچۈن قوللانغان. بۇ كەلىمە ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ تاشقى مۇناسىۋەتتىكى 5 پىرىنسىپىنىڭ بىرى بولغان «خىتاينىڭ ئىچكي ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق» پىرىنسىپىغا بەرگەن رەددىيەسى بولۇپ قالغان. بۇ يەردە «جازا لاگېرلىرىدىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى ئەمەس» دېگەن مەنىدە خىتايغا سىگنال بېرىلگەن.

ئىككىنچىسى، «تەمىنلەش زەنجىرىدە خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن چېتىشلىقى بولغان تاۋارلىرىنىڭ ياۋروپا بازارلىرىغا كىرىشىنى قەتئىي چەكلەش». بۇ تەشەببۇسنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاننالىنا بايېربوك بىلەن ياۋروپا كومىسىيونىنىڭ رەئىسى ئۇرسۇلا فون دېر لايىن «ئۇيغۇر» دېگەن ئاتالغۇنى ئېنىق ئېغىزغا ئالماي تۇرۇپ بىرقانچە قېتىم تەكرارلىغان.

ئۈچىنچىسى، «ئامېرىكا كەبى قىممەت قاراشلىرىمىز ئوخشاش بولغان دۆلەتلەر بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيەنى ئورتاق قوغدىشىمىز لازىم». بۇ جۈملە گېرمانىيەنىڭ يېڭى تاشقى سىياسىتىنىڭ يۆنىلىشى بولۇپ قالغان. گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولىز ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاننالىنا بايېربوك بۇ كەلىمىنى تەكرار تىلغا ئالغان.

«شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» ئاشكارىلانغاندىن كېيىن ئاننالىنا بايېربوكنىڭ جازا لاگېرلىرىنى «ئېنىق تەكشۈرۈش لازىم» دەپ خىتاب قىلىشى ۋە مالىيە مىنىستىرى روبېرت ھابەكنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە سەل قارىغان گېرمانىيە شىركەتلىرىنى «دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىك سۇغۇرتا سوممىسى بىلەن تەمىنلەش» نى رەت قىلىشى گېرمانىيە بىلەن خىتاينىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ زاۋاللىققا يۈزلىنىشىنىڭ مۇقەددىمىسى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.