دۇنيا پۇقرالار سوت مەھكىمىسى شى جىنپىڭنىڭ جىنايەتلىرى ئۈستىدىن سوت ئاچتى

0:00 / 0:00

دۇنيا پۇقرالار سوت مەھكىمىسى (The Court of the Citizens of the World) 7-ئاينىڭ 8-كۈنى گوللاندىيەنىڭ دەنھاگ (Den Haag) شەھىرىدە «خىتاي سوتى» ئېچىشنى باشلىغان. 7-ئاينىڭ 12-كۈنىگىچە ئېچىلىدىغان بۇ سوتتا تەيۋەن، تىبەت ۋە ئۇيغۇر ۋەكىللىرى خىتاي كومپارتىيەسى باش سېكرېتارى شى جىنپىڭنىڭ جىنايەتلىرى ئۈستىدىن گۇۋاھلىق بېرىدىكەن.

دۇنيا پۇقرالار سوتى ئېلان قىلغان ئاخباراتقا قارىغاندا، بۇ سوت شى جىنپىڭنىڭ تەيۋەن پۇقرالىرىنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا ئارىلىشىش، تەيۋەندىن باشقا يەنە فىلىپپىن، ياپونىيە، ئاۋسترالىيە قاتارلىق قوشنا دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلىش جىنايىتى، تىبەتلەرگە قارىتىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتى ۋە ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتى ھەم ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە قاراپ چىقىدىكەن . بۇ سوت كوممۇنىست خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئەرز-شىكايىتىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغان سەھنە بولۇپلا قالماي، ئۆز نۆۋىتىدە خىتاينى خەلقئارا سوت ۋە دۆلەتلىك سوتقا تارتىپ چىقىشقا باشلامچىلىق قىلىدىغان يول خەرىتىسى ھېسابلىنىدىكەن.

دۇنيا پۇقرالار سوت مەھكىمىسى (The Court of the Citizens of the World) 7-ئاينىڭ 8-كۈنى گوللاندىيەنىڭ دەنھاگ (Den Haag) شەھىرىدە «خىتاي سوتى» ئېچىشنى باشلىغان. 2024-يىلى 8-ئىيۇل، دەنھاگ
دۇنيا پۇقرالار سوت مەھكىمىسى (The Court of the Citizens of the World) 7-ئاينىڭ 8-كۈنى گوللاندىيەنىڭ دەنھاگ (Den Haag) شەھىرىدە «خىتاي سوتى» ئېچىشنى باشلىغان. 2024-يىلى 8-ئىيۇل، دەنھاگ

ئاخباراتتا تونۇشتۇرۇلۇشىچە، دۇنيا پۇقرالار سوتىدا گۇۋاھچىلار ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار گۇۋاھلىق بېرىدىكەن؛ سوتچىلار ئەيىبلەش ئىسپاتلىرىنى ئەستايىدىل كۆرۈپ چىقىدىكەن؛ تەپتىشلەر بولسا خاگا خەلقئارا سوتىغا تولۇق ئىسپاتلىق ئەيىبنامىنى سۇنىدىكەن، بۇ ئەيىبنامە جىنايەتچى ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىشقا ئاساس بولىدىكەن.

دۇنيا پۇقرالار سوت مەھكىمىسى 2023-يىل 2-ئايدا رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشى سەۋەبىدىن سوت ئېچىپ، پۇتىننى ئۇرۇش جىنايەتچىسى دەپ بېكىتكەن؛ بۇ ھۆكۈم شۇ يىلى 3-ئايدا خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ پۇتىنغا رەسمىي تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىشىنىڭ ئاساسى بولغان.

ئىگىلىشىمىزچە، بۇ قېتىم ئېچىلغان دۇنيا پۇقرالار سوتىنىڭ ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىغا تەيۋەن ۋە تىبەت ۋەكىللىرىدىن باشقا يەنە، ئۇيغۇرلاردىن نورۋېگىيە ئۇيغۇريار فوندىدىن ئابدۇۋەلى ئايۇپ، گوللاندىيەدىكى پائالىيەتچى ئابدۇرەھىم غەنى، فىرانسىيەدىن لاگېر شاھىتى گۇلباھار خاتىۋاجى، كانادادىن تەرجىمان ساھىبە تۇرسۇن، ئامېرىكادىن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ خادىمى زۇبەيرە شەمسىدىن، ئەنگلىيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئەنۋەر توختى قاتارلىقلار قاتناشقان.

ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتچىسى ۋە پائالىيەتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ رادىيومىزغا ئېيتىشىچە، 7-ئىيۇل كۈنى ئېچىلغان سوتتىن ئاۋۋالقى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا، ئۇيغۇر، تىبەت ۋە تەيۋەن گۇۋاھچىلىرى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ بېرىدىغان گۇۋاھلىقلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن. 8-ئىيۇل كۈنى سوت رەسمىي باشلانغان؛ ئۈچ نەپەر سوتچى، ئۈچ نەپەر تەپتىش، ئۈچ نەپەر ئادۋوكات ۋە بىر خاتىرىلىگۈچىدىن تەشكىللەنگەن بۇ سوتتا ئالدى بىلەن تەيۋەن ۋەكىللىرى گۇۋاھلىق بەرگەن.

ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىغىندىكى گۇۋاھچىلار مۇتەخەسسىسلەر ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلاردىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى ئوخشىمىغان نۇقتىدىن ئوتتۇرىغا قويغان.

ئابدۇۋەلى ئايۇپ بۇ يىغىن ھەققىدىكى تەسىراتلىرىنى بايان قىلىپ، بۇ يىغىندا ئەيىبلەنگۈچىنى ئاقلايدىغان ئادۋوكاتلارنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى، گۇۋاھچىلاردىن ناھايىتى كەسكىن سوئاللارنى سورايدىغانلىقىنى، تەيۋەن ھەققىدىكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىندا كەسكىن مۇنازىرىلەر بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئابدۇۋەلى ئايۇپ بۇ قېتىم قاتناشقان سوتنىڭ ئەنگلىيەدە ئېچىلغان ئۇيغۇر سوتىغا ئوخشىمايدىغان تەرەپلىرى ئۈستىدە توختىلىپ، بۇ سوتقا تەپتىشلەرنىڭمۇ قېتىلغانلىقىنى، گۇۋاھچىلارنىڭ سۆزلىرىنىڭ قاتتىق سوئالغا دۇچ كەلگەنلىكىنى بايان قىلدى.

سوتنىڭ كۈنتەرتىپى بويىچە، ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە تىبەت ۋەكىللىرى، ئاندىن ئۇيغۇر ۋەكىللىرى گۇۋاھلىق بېرىدىكەن. گوللاندىيەدىكى پائالىيەتچى ئابدۇرھىم غېنى 7-ئاينىڭ 11-كۈنى گۇۋاھلىق بېرىشكە قاتنىشىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان 19 ئائىلە ئەزاسى ھەققىدە ئىسپات بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇيغۇر گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق بېرىش ئەھۋالى ھەققىدە رادىيومىز داۋاملىق مەلۇمات بېرىدۇ.