«دۇنيا پۇقرالار سوتى» شى جىنپىڭ ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى ئېلان قىلدى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەزىز تەييارلىدى
2024.07.16
Xi-jinping-tutush-buyruqi 2024-يىلى 12-ئىيۇلدا گوللاندىيەنىڭ دەنھاگ (گائاگا) شەھىرىدىكى ھۆكۈمەتسىز پۇقراۋى سوت بولغان «دۇنيا پۇقرالار سوت» مەھكىمىسى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى ئېلان قىلدى
Photo: RFA

يېقىنقى مەزگىللەردە ئىزچىل دۇنيا تىنچلىقى ئۈچۈن ئەڭ زور تەھدىت، دەپ قارىلىۋاتقان كۈچلەرنىڭ ئىچىدە باش رەتتىن ئورۇن ئالغانلار رۇسىيە ۋە خىتاي بولۇپ، بۇنىڭغا قايتۇرۇلغان ئەڭ تىپىك ئىنكاسلاردىن بىرى «خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى» نىڭ 2023-يىلى 17-مارتتا رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى ئېلان قىلىشى بولغان ئىدى. ئارىدىن بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتكەندە، يەنى 2024-يىلى 12-ئىيۇلدا گوللاندىيەنىڭ دەنھاگ (گائاگا) شەھىرىدىكى ھۆكۈمەتسىز پۇقراۋى سوت بولغان «دۇنيا پۇقرالار سوتى» خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى (ئا ق ش) نىڭ خەلقئارا ئۇرۇش جىنايەتلىرى سابىق باش ئەلچىسى ستېفېن رەپ (Stephen Rapp)، جەنۇبىي ئافرىقا ھۆكۈمىتىنىڭ باش سوتچىسى زەك ياكوب (Zak Yacoob) ، كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى باۋانى فونسېكا (Bhavani Fonseka) قاتارلىق كىشىلەردىن تەركىب تاپقان «دۇنيا پۇقرالار سوتى» ھەر ساھە كىشىلىرى تەرىپىدىن «خەلقنىڭ سوتى» دەپ تەرىپلىنىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، دەنھاگ شەھىرىدىكى 8-ئىيۇلدىن 12-ئىيۇلغىچە بولغان تۆت كۈنلۈك سوتتا ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرنى ئاساسىي دەۋاگەر قىلغان شەكىلدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرى قاراپ چىقىلدى.

سوت تەرتىپىم خۇددى باشقا سوتلارغا ئوخشاشلا ئەيىبكارنىڭ جىنايى قىلمىشلىرىنى بايان قىلىش، بۇنىڭ دەلىل-ئىسپاتلىرىنى كۆرسىتىش، شۇنىڭدەك ئالاقىدار قانۇنىي ماددىلارنى تەتبىقلاش شەكلىدە داۋام قىلدى. بۇ جەرياندا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى، لاگېر سىستېمىسى، مىليونلىغان ئۇيغۇر سەبىيلىرىنىڭ ئائىلە جۇدالىقىغا گىرىپتار بولۇشى قاتارلىق جىنايى قىلمىشلار ھەمدە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ بۇ بىر يۈرۈش جىنايەتلەردە ئوينىغان رولى ئوخشىمىغان مۇتەخەسسىسلەر، شاھىتلار ۋە ئالىملارنىڭ ئاغزىدىن بايان قىلىندى. ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلارنى ئەڭ سىستېمىلىق تەكشۈرگەن كىشىلەردىن دوكتور ئادرىيان زېنز ئۇيغۇرلارنىڭ مىليونلاپ لاگېرلارغا قامىلىشى، زور تۈركۈمدە ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماققا ھۆكۈم قىلىنىشى، «سىستېمىلىق قايتا تەربىيە» باسقۇچىدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىشى، تۈرمىلەردە ۋە لاگېرلاردا قاتتىق كونتروللۇقنى نىشان قىلغان «قىلچىمۇ رەھىم-شەپقەت قىلماسلىق» ئاساسىدىكى باستۇرۇش ۋە ئاسسىمىلياتسىيە ئۇرۇنۇشلىرىغا يەم بولۇشىدا بىردەك خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «باش قوماندان» لىق رولىنى ئوينىغانلىقىنى تەپسىلىي بايان قىلدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان بارلىق پاجىئەلەرنىڭ باش لايىھەلىگۈچىسى، يېتەكچىسى ۋە ئەڭ ئالىي نازارەتچىسى شى جىنپىڭ ھېسابلىنىدۇ.

ئۇيغۇر جەمئىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان زور تۇتقۇن ۋە لاگېر سىستېمىسى، شۇنىڭدەك مەجبۇرىي ئەمگەك تېمىلىرى بويىچە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلاردىن ئابدۇرېھىم غېنى ۋە گۈلباھار خاتىۋاجى گۇۋاھلىق بەردى. بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ ئۆز ئۇرۇق-تۇغقانلىرى دۇچ كەلگەن تۇتقۇن ھەمدە بۇنىڭدىكى خانىۋەيرانچىلىقنىڭ نۆۋەتتە پۈتكۈل ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئورتاق قىسمەت بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدىكى بايانلار سوت زالىنى سۈكۈتكە چۆمدۈردى. ئابدۇرېھىم غېنى ئۆز ئائىلىسىنىڭ جازالىنىش ئەھۋالى ھەققىدە بايان قىلدى.

سوت مەھكىمىسىنىڭ سوتچىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتى سادىر قىلىۋاتقان جىنايەتلەرنىڭ خەلقئارا قانۇنلارغا قايسى دەرىجىدە خىلاپ ئىكەنلىكى، بۇنىڭغا تېگىشلىك دەرىجىدە جازا بېرىشنىڭ زۆرۈرلۈكى قاتارلىقلارنى بايان قىلىپ كېلىپ، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە سادىر بولۇۋاتقان جىنايەتلەرنى بۇنىڭغا تەققاسلاپ چىقتى. شۇ قاتاردا سوتچى جوناسان رېس (Jonathon Rees) نۇقتىلىق قىلىپ ئۇيغۇر دىيارىدىكى جىنايەتلەرنى شەرھلەپ ئۆتتى. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان «تېررورلۇق ۋە ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشى» نامىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تىل، مەدەنىيەت، دىنىي ئېتىقاد ساھەسىدە قانداق ۋەيرانچىلىقلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى، كېيىنكى ئەۋلاد ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ قۇربانى بولۇۋاتقانلىقى، لاگېرلاردىكى ۋەھشىيانە قىيناقلار، مۇشۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىلا بىردەك شى جىنپىڭنىڭ بىۋاسىتە يوليورۇقى بويىچە بولۇۋاتقانلىقىنى كۆپ تەرەپلىمە نۇقتىلاردىن شەرھلەپ چىقتى.

ئەنە شۇ تەرىقىدە بۇ قېتىمقى سوتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئەيىبلەشلەر بىرنەچچە جەھەتتىن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭغا مەركەزلەشتى. باش سوتچى ستېفېن رەپ بۇ ھەقتە خۇلاسە سۆزى قىلىپ : «خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان بۇ سىياسەتلەر بىر پۈتۈن خەلقنى يوقىتىشنى نىشان قىلغان. بۇنىڭ ئۆزى قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتتۇر. بۇ جىنايەتلەرنى سادىر قىلغۇچى دەل شى جىنپىڭ» دېدى.

بۇ قېتىمقى سوتنىڭ خۇلاسىسى سۈپىتىدە 12-ئىيۇل كۈنى شى جىنپىڭنى تۇتۇش بۇيرۇقى ئېلان قىلىندى. تۇتۇش بۇيرۇقىدا شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەت خەلقلىرى دۇچ كېلىۋاتقان قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنىڭ باش جاۋابكارى ئىكەنلىكى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى تېزدىن قولغا ئېلىپ سوتلاش لازىملىقى كۆرسىتىلدى. شۇ قاتاردا ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىش، ئۇلارنىڭ بارلىق ئەركىنلىكىنى بوغۇپ تاشلاش، قىز-چوكانلارنى مەجبۇرىي تۇغالماس قىلىۋېتىش، ئائىلە جۇدالىقى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئومۇملاشتۇرۇش قاتارلىق سەككىز تۈرلۈك مەزمۇن ئالاھىدە تەكىتلەندى.

سوتنىڭ شى جىنپىڭ ھەققىدىكى تۇتۇش بۇيرۇقى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن خەلقئارادا زور تەسىر قوزغىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇنىڭ ئۆز نۆۋىتىدە دۇنيانىڭ خىتاي ھەققىدىكى قارىشىدا قانداق ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان مۇھىم بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى ئىكەنلىكىمۇ ئالاھىدە تەكىتلەندى. بۇ قېتىمقى سوتقا ئىشتىراك قىلغان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى تۇتۇش بۇيرۇقى رېئاللىققا تولۇق ئۇيغۇن كېلىدۇ.

ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر جەمئىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەلەر نۆۋەتتە ئۇنتۇلۇشقا قاراپ يۈزلىنىۋاتقاندا بۇنداق بىر ئىجابىي قەدەمنىڭ ئېلىنىشى ھەقىقەتەنمۇ ئادەمنى خۇشال قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنداق بىر بۇيرۇقنىڭ ئېلان قىلىنىشى ئۆز نۆۋىتىدە ھەقىقەتنىڭ ئۇيغۇرلار تەرەپتە ئىكەنلىكىنى جانلىق نامايان قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، تېخىمۇ مۇھىمى بۇ تۇتۇش بۇيرۇقىنى چىقىش نۇقتىسى قىلغان ھالدا ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەر ۋە پارلامېنتلاردا شى جىنپىڭنى «جىنايەتچى» دەپ ئاتاش ھەمدە ئۇنىڭغا جازا ئېلان قىلىشنى قولغا كەلتۈرۈش، شۇنىڭدەك «خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى» دا شى جىنپىڭ ھەققىدە سوت كېسىمى چىقىرىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش نۆۋەتتىكى خىزمەتنىڭ نىشانى بولۇشى كېرەك.

بۇ قېتىمقى سوتتا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان قىرغىنچىلىقلا ئەمەس، مۇشۇ خىلدىكى باستۇرۇشنىڭ تىبەت جەمئىيىتىدە قانداق شەكىلدە داۋام قىلىۋاتقانلىقى ھەمدە بۇنىڭ تىبەت جەمئىيىتىنى قانداق ۋەيران قىلىۋاتقانلىقىمۇ ئوخشىمىغان گۇۋاھچىلارنىڭ ئاغزىدىن خۇددى شۇ شەكىلدە بايان قىلىندى. مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر سوت ئەينى ۋاقىتتا 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنى سوتلىغان نيۇرېمبۇرگ سوتىنىڭ سابىق تەپتىشى بېنجامىن فرېنك (Benjamin Ferencz) ۋە نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى ئولېكساندېرا ماتۋىچۇك (Oleksandra Matviichuk) نىڭ ئىقتىسادى ياردىمى بىلەن قۇرۇلغان. بۇ سوت مەھكىمىسى 2023-يىلى 24-فېۋرالدا رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى ئېلان قىلىپ ئارىدىن بىر ئاي ئۆتكەندە خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى بۇ ھەقتە رەسمىي تۇتۇش بۇيرۇقى ئېلان قىلغانىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.