«21-مارت دۇنيا شېئىرىيەت كۈنى» ۋە خەتەرگە دۇچ كەلگەن ئۇيغۇر شېئىرىيىتى

0:00 / 0:00

1999-يىلى پارىژدا ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن-مەدەنىيەت مەھكىمىسىنىڭ 30-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىدا، ھەر يىلى 21-مارت كۈنى «دۇنيا شېئىرىيەت كۈنى» قىلىپ بېكىتىلگەن. ئىگىلىنىشىچە، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شائىرلار بۇ كۈننى تەبرىكلەپ كەلمەكتە.

«دۇنيا شېئىرىيەت كۈنى» پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ھەر خىل شەكىلدە تەبرىكلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى شائىرلىرىمىز بۇنىڭدىن مەھرۇم بولماقتا. خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى 2016-يىلىنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارغا، جۈملىدىن يازغۇچى-شائىرلارغا قاراتقان مىسلى كۆرۈلمىگەن باستۇرۇشتىن كېيىن، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، شۇنىڭدەك ئۇنىڭ مۇھىم ژانىرلىرىدىن بىرى بولغان ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىمۇ زاۋاللىققا يۈزلەنگەنىدى.

لوندوندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى، شائىر ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدا نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر شائىرلىرىنى نۇقتىلىق ھۇجۇم قىلىش نىشانى قىلغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى. شۇنىڭدەك مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ شېئىرىيەت ئىجادىيىتىدىكى قولغا كەلتۈرۈۋاتقان ئۇتۇق-نەتىجىلىرىنىمۇ تىلغا ئالدى.

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئەپەندى يەنە، 21-مارت «دۇنيا شېئىرىيەت كۈنى» نىڭ مەيدانغا كېلىش جەريانى ۋە بۇ كۈننى «دۇنيا شېئىرىيەت كۈنى» قىلىپ خاتىرىلەشنىڭ سەۋەپلىرىنى رادىيو ئاڭلىغۇچىلار بىلەن ئورتاقلاشتى.
مەلۇم بولغىنىدەك، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ شېئىرىيەت ساھەسىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان پەرھات تۇرسۇن، ئابدۇقادىر جالالىدىن، ئادىل تۇنىياز، ئابلەت ئابدۇرېشىت بەرقى، ئابدۇسەمەت روزى، چىمەنگۈل ئاۋۇت قاتارلىق يۈزلىگەن شائىر ۋە يازغۇچىلارنى تۇتقۇن قىلىپ، لاگېرلارغا ھەم تۈرمىلەرگە قامىغانىدى. بۇلاردىن قانچىسىنىڭ ھايات ياشاۋاتقانلىقى، قانچىسىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكى تېخى نامەلۇم. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ باستۇرۇشى 2000-يىلدىن تارتىپ قوش-تىللىق مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش، 2017-يىلدىن تارتىپ ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇتۇشنى تامامەن چەكلەشتىن بۇيانقى ئەڭ زور مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقلىرىدىن بىرى دەپ قارالماقتا.

گېرمانىيەدىكى ئىنسانشۇناس پەنلىرى دوكتورى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى دوكتور رۇنى ستېنبېرگ(Rune Stenberg) بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر شائىرلىرىغا قاراتقان بۇ باستۇرۇشلىرىنىڭ ماھىيەتتە، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى يوقىتىش ئىكەنلىكىنى ئىزاھلاپ ئۆتتى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۆز مىللىتىنى سۆيىدىغان ئۇيغۇر يازغۇچى-شائىرلارنىڭ ئىسيانكار روھىنى تۇنجۇقتۇرۇش ئۈچۈن ئۇلارنى تۇتۇپ سولىغان، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇم سىياسەتلىرى ۋە رەزىل جىنايەتلىرىنىڭ ئاشكارىلىنىشىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنى داۋاملىق قاماقتا تۇتۇپ تۇرماقتا ئىكەن.

تارىخىي ۋەقەلەردىن مەلۇم بولغىنىدەك، خىتاي تارىختىن بۇيان ئۇيغۇر شائىرلىرىغا قەست قىلىپ كەلگەن بولۇپ، گومىنداڭ ھەربىي ئەمەلدارى، جاللات شېڭ شىسەي تەرىپىدىن تۇرپاندا ئۆلتۈرۈلگەن ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە گومىنداڭنىڭ ئاقسۇدىكى گېنېرالى جاۋ خەنچىڭ تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن لۇتپۇللا مۇتەللىپ قاتارلىقلار بۇنىڭ تىپىك مىسالىدۇر. گومىنداڭدىن كېيىن كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىپ، «يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى قارشى كۈرەش» ۋە «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» قوزغىغان مەزگىلدىمۇ كۆپلىگەن ئۇيغۇر شائىرلىرى ئۆلتۈرۈلگەن ۋە سۈرگۈن قىلىنغانىدى. 2017-يىل باشلانغان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇندا لاگېرغا سولانغان، تۈرمىگە قامالغان 300 دىن ئارتۇق زىيالىي ئىچىدە كۆپلىگەن شائىرلارنىڭ بارلىقى مەلۇم.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئەنگلىيە ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى رەھىمە مەخمۇت خانىم رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر شېئىرىيىتىگە ۋە ئۇيغۇر شائىرلىرىغا قىلغان زور تۇتقۇن ۋە باستۇرۇشلىرى ھەققىدە توختالدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ خىل ۋەزىيەتتە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئەۋلادلىرىنىڭ ئانا تىل ۋە ئەدەبىيات-سەنئەت ئىجادىيەت ساھەسىدىكى تەربىيەشلەشنى كۈچەيتىشى باش تارتىپ بولمايدىغان مۇھىم ۋەزىپىلەرنىڭ بىرىدۇر.

شائىر ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئەپەندى زىيارەت داۋامىدا، ئۆزىنىڭ بۇ يىللىق 21-مارت «دۇنيا شېئىرىيەت كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن يازغان «دۇنيا شېئىرىيەت كۈنىدە خىتاي تۈرمىلىرىدىكى ئۇيغۇر شائىرلىرىنى ئۇنۇتماسلىق كېرەك» سەرلەۋھىلىك ماقالىسى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.

بۈگۈنكى كۈندە، كوممۇنىست خىتاي تۈرمىلىرىدە يېتىۋاتقان ئۇيغۇر شائىرلىرىدىن باشقا يەنە، لاگېر سىرتىدا ئەركىن ئىجادىيەت قىلالمايۋاتقان ياكى خىتاي كومپارتىيەسىنى كۈيلەشكە مەجبۇرلىنىۋاتقان شائىرلارمۇ بار بولۇپ، ئۇيغۇر شېئىرىيىتى مىسلى كۆرۈلمىگەن خەتەرگە دۇچ كەلمەكتە. مۇشۇنداق ئەھۋالدا، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ ئوينايدىغان رولى پەۋقۇلئاددە زور بولماقتا.