دۇنيا مۇسابىقىسىدە ئىككى نەپەر ئۇيغۇر ئوغۇل-قىز ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى
2024.08.30
مۇشۇ يىل 15-ئاۋغۇست ۋە 25-ئاۋغۇست ئارىلىقىدا مولدوۋا پايتەختى كىشىنيېف شەھىرىدە ئۆتكەن «ئارمرېستلىڭ»، يەنى تەنھەرىكەتنىڭ ئاز ئۇچرايدىغان تۈرلىرىنىڭ بىرى «بىلەك بىلەن كۈچ سىنىشىش» بويىچە 45-نۆۋەتلىك دۇنيا مۇسابىقىسى بولۇپ ئۆتتى. ئۇنىڭغا قازاقىستاندىن بارغان ئۇيغۇر تەنھەرىكەتچىلىرىدىن سۇلتان ھەمزەتوف ئىسىملىك يىگىت بىلەن ۋە تەخمىنە غوجامبەردىيېۋا ئىسىملىك قىز ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى.
قازاقىستاننىڭ ئىناۋەتلىك ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ بىرى «كازاخستانسكايا پراۋدا» (قازاقىستان ھەقىقىتى) گېزىتى ئېلان قىلغان «قازاقىستانلىقلار ئارمرېستلىڭ بويىچە دۇنيا مۇسابىقىسىدە 82 ئالتۇن مېدال ئالدى» ناملىق ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، بۇ مۇسابىقىگە 61 مەملىكەتتىن 1500 گە يېقىن تەنھەرىكەتچى قاتناشقان. ئۇنىڭدا قازاقىستاننىڭ قۇرالما كوماندىسىنىڭ ئەزالىرى 82 ئالتۇن، 92 كۈمۈش ۋە 82 مىس مېدالغا ئېرىشكەن ۋە ئومۇمىي نەتىجىلەر بويىچە بىرىنچىلىككە ئىگە بولغان.
بۇ مۇسابىقىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەنلەرنىڭ بىرى قازاقىستانلىق 17 ياشلىق ئۇيغۇر ياش سۇلتان ھەمزەتوف بىلەن 23 ياشلىق ئۇيغۇر قىزى، يەنى يەتتە قېتىم ئاسىيا چېمپىيونى، ئۈچ قېتىم دۇنيا چېمپىيونى بولغان تەخمىنە غوجامبەردىيېۋا ئىدى.
بىز ئەنە شۇ سۇلتان ھەمزەتوف بىلەن ئالاقىلەشتۇق. ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «مەن ئالمۇتا شەھىرىنىڭ زاريا ۋوستوكا مەھەللىسىدە دۇنياغا كەلدىم. مەن ئاتا-ئانام ھەم بوۋام-مومام بىلەن بىللە تۇرۇپ، چوڭ بولدۇم. بىرىنچى سىنىپتىن توققۇزىنچى سىنىپقىچە شەھەرنىڭ 110-گىمنازىيەسىدە ئوقۇدۇم. ئاندىن بىز كۆچۈپ، 9-سىنىپنى 157-مەكتەپتە تاماملىدىم. ھازىر مەن ئالمۇتا قۇرۇلۇش ۋە باشقۇرۇش تېخنىكومىدا ئوقۇۋاتىمەن. مەن باشلانغۇچ سىنىپتا ئوقۇۋاتقىنىمدا تەنھەرىكەتنىڭ چېلىشىش، جۇيدو، يەنى تايلاندچە بوكسقا ئوخشاش تەنھەرىكەتنىڭ خىلمۇ خىل تۈرلىرى بويىچە شۇغۇللىنىپ كەلدىم. ئەمما ماڭا ھەممىدىن ئارمرېستلىڭ بىلەن شۇغۇللىنىش يېقىپ قالدى. بىز باشتا قەيەردە مەشىقلىنىشنى ئىزدەپ يۈردۇق. پەقەت 2022-يىلى ‹ئاترىۇم كلاسسىك› تەنھەرىكەت زالىدا مەشىقلىنىشقا باشلىدۇق. مەن ئاكام بىلەن بىللە شۇنىڭغا يېزىلدۇق. بىزنىڭ تىرېنېرىمىز ۋالېرىي بارانوف بىزنى ۋىلايەتلىك مۇسابىقىلەرگە تەييارلاشقا باشلاپ، مەن ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا 1-ئورۇننى ئىگىلىدىم. كېيىن قازاقىستان بويىچە مۇسابىقىلەردە 5-ئورۇننى، شەھەرلىك ۋە ۋىلايەتلىك مۇسابىقىلەردە بىرىنچىلەردىن بولدۇم. ئاندىن تاشكەنتتە ئۆتكەن ئاسىيا مۇسابىقىسىدە كۈمۈش مېدالغا ئېرىشتىم. كىشىنيېفتا ئۆتكەن دۇنيا مۇسابىقىسىگە 500 ئۆسمۈر قاتناشتى. شۇلار ئىچىدىن 1-ئورۇننى ئالدىم. مېنى مۇكاپاتلاش سۇپىسىغا چاقىرغاندا ئۆزۈمگە ئىشەنمەي قالدىم.»
ئالمۇتا شەھىرىنىڭ ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان زاريا ۋوستوكا مەھەللىسىدە تۇرىدىغان سۇلتاننىڭ دادىسى ئالىمجان ھەمزەت ئەپەندى ئوغلى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «مېنىڭ بەش بالام بار. سۇلتان ئىككىنچى ئوغلۇم. ئۇ كىچىك ۋاقتىدىن تارتىپ تەنھەرىكەتنى ياخشى كۆرەتتى. چېلىشىشقا، جۇيدوغا، بوكسقا، سۇ ئۈزۈشكە بارغان. ئەمما كەسپىي ئارمرېستلىڭنى ياخشى كۆرەتتى. رەھمەتلىك دادام تەنھەرىكەتنى كىچىكىدىن تارتىپ ئۆگەتكەن. سۇلتان چوڭ بولغاندا، 2022-يىلى تەنھەرىكەت زالىنى تاپتۇق. تىرېنېر ۋالېرىي بارانوفقا كۆپ رەھمەت. شۇ بالامنى ئۆگىتىپ، دۇنيا بويىچە 1-ئورۇننى ئالدۇق. تۇغقانلار، قوشنىلار خۇشال بولۇپ، بىز خۇشاللىقىمىزدىن ئورۇن تاپالماي كەتتۇق. ھازىر ئۇ تېخنىكومدا ئىككىنچى يىل ئوقۇۋاتىدۇ. ئوقۇشى ياخشى. چوڭ بالاممۇ ئارمرېستلىڭ بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئىككىلىسى قازاقىستاننىڭ تەنھەرىكەت ماھىرى دېگەن ئاتاققا كاندىدات.»
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، كىشىنيېف شەھىرىدە ئۆتكەن بىلەك بىلەن كۈچ سىنىشىش تەنھەرىكىتى بويىچە دۇنيا مۇسابىقىسىدە 2001-يىلى ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ئۇيغۇر ناھىيەسىگە قاراشلىق تاشتىقاراسۇ يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن تەخمىنە غوجامبەردىيېۋامۇ ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن.
بىلەك كۈرىشى تەنھەرىكىتى بويىچە خەلقئارا دەرىجىدىكى تەنھەرىكەت ماھىرى، ئومۇمەن 104 مېدال، ئونلىغان پەخرىي گۇۋاھنامىلەرنىڭ ساھىبى تەخمىنە غوجامبەردىيېۋا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «مەن كىچىك ۋاقتىمدىن تەنھەرىكەتنى ياخشى كۆرەتتىم. ئاساسەن ئارمرېستلىڭ ماڭا قاتتىق ياقاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن مۇشۇنى تاللىدىم. كۆپلىگەن مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ، تەجرىبە يىغدىم، ئۆستۈم. ئاخىرقى قېتىم كىشىنيېفتا ئۆتكەن دۇنيا مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدال ئېلىپ، قاتتىق خۇشال بولدۇم. سەۋەبى مەن قازاقىستاننىڭ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈردۈم. ئۆز خەلقىمنىڭ ئاتىقىنى دۇنياغا يەنە بىر قېتىم تونۇتتۇم. مېنى مۇشۇ دەرىجىگە ئېلىپ كەلگەن بارلىق تىرېنېرلىرىمغا، ۋالىيېف يېرلان، قىدىرخانوف ساتىبالدىغا رەھمىتىمنى ئېيتقۇم كېلىدۇ. مېنى دائىم قوللىغان ئاتا-ئانامغا، يېقىنلىرىمغا، دوستلىرىمغا رەھمىتىمنى ئېيتىمەن. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ چوڭ ئۇتۇقلارغا يېتىشقا تىرىشىمەن.»
تەخمىنە غوجامبەردىيېۋا 9-سىنىپنى تاماملاپ، ئۆسكېمېن شەھىرىدىكى كۆپ ساھەلىك تېخنولوگىيە تېخنىكومىغا ئوقۇشقا كىرگەن. ھازىر بولسا شۇ بىلىم دەرگاھىدا ئوقۇۋاتماقتا. ئۇ 2016-يىلدىن تارتىپ، يەنى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا ئارمرېستلىڭ بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغان ھەم كۆپ ۋاقىت ئۆتمەي ۋىلايەتلىك مۇسابىقىدە 1-ئورۇننى ئىگىلەپ، قازاقىستاننىڭ تەنھەرىكەت ماھىرى كاندىداتى دېگەن دەرىجىنى ئالغان. تەخمىنە 2021-يىلدىن تارتىپ جىددىي تەييارلىقلاردىن كېيىن قازاقىستان، تۈركىيە، ئۆزبېكىستان، رۇسىيە ۋە باشقىمۇ مەملىكەتلەردە ئۆتكەن جۇمھۇرىيەتلىك، ئاسىيا ۋە دۇنيا مۇسابىقىلىرىدە مۇكاپاتلىق ئورۇنلارنى داۋاملىق ئېلىپ كەلگەن. ئۇ ھازىر ئارمرېستلىڭ بويىچە خەلقئارا دەرىجىدىكى تەنھەرىكەت ماھىرى، قازاقىستاننىڭ ئالتە مەرتەم چېمپىيونى، ئاسىيانىڭ يەتتە مەرتەم چېمپىيونى، دۇنيانىڭ ئۈچ مەرتەم چېمپىيونى. تەخمىنە تەنھەرىكەتنىڭ باشقىمۇ تۈرلىرى بويىچە مەشقلىنىپ، يېقىن ئارىدا مۇسابىقىلەرگە قاتناشماقچى.
ئىگىلىشىمىزچە، قازاقىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرى ۋە ئۆسمۈرلىرى تەنھەرىكەتنىڭ ھەر خىل تۈرلىرى بويىچە تۈرلۈك دەرىجىلەردىكى مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ، چوڭ ئۇتۇقلارغا ئېرىشمەكتە. مۇشۇ يېقىندا فىرانسىيە پايتەختى پارىژدا ئۆتكەن ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە قازاقىستانلىق ئۇيغۇر گىمناستىكىچى نارىمان قۇربانوف كۈمۈش مېدالغا ئېرىشىپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى ھاياجانغا سالغانىدى. نارىمان قۇربانوفنىڭ قازاقىستاننىڭ گىمناستىكا ساھەسىگە قوشقان تۆھپىسى يۇقىرى باھالىنىپ، قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم-جومارت توقايېفنىڭ پەرمانىغا بىنائەن باشقىمۇ تەنھەرىكەتچىلەر قاتارىدا ئۇ ھەم ئۇنىڭ تىرېنېرى ۋە دادىسى ھۈسەنجان قۇربانوف «پاراسەت» ئوردېنى بىلەن تەقدىرلەنگەنىدى.