خىتاي ئىچى ۋە سىرتىدا خىتاي مىللەتچىلىكىنى كۈچلۈك سىياسىي قورال قىلىۋالغان شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت ئىچىدە ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى يۈرگۈزۈش بىلەن بىرگە، بۈيۈك خىتاي بىرلىكى، يەنى «بۈيۈك جۇڭخۇا» غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم.
23-مارت كۈنى «ئەلجەزىرە» تورىدا ئېلان قىلىنغان «ئۇچىغا چىققان تەلۋىلىك: شى جىنپىڭنىڭ بارلىق خىتايلارنى خىتاي ھېكايىسىنى سۆزلەشكە چاقىرىشى غەزەپ قوزغىدى» ناملىق ماقالىدە، ھازىرقى خىتاي رەھبىرىنىڭ «بۈيۈك خىتاي» غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن دۇنيادىكى بارلىق خىتايلارنى ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرىق قىلغانلىقى، ئەمما ئۇنىڭ كۆپ قىسىم خىتاي كۆچمەنلىرىدە بىزارلىق پەيدا قىلىشى مۇمكىنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسى باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ خىتاي ھېكايىسىنى سۆزلەشتە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئاكتىپ رول ئوينىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ: «دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى جۇڭخۇا پەرزەنتلىرى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېگىشلىك رول ئوينىشى كېرەك» دېگەن.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شى جىنپىڭ بۇ يەردە دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدىكى خىتايلارنى، جۈملىدىن كېيىنكى نەسىلدە شالغۇتلىشىپ كەتكەن خىتايلارنى، ھەتتا كوممۇنىست خىتايغا بەك سادىق بولمىغان خىتايلارنىمۇ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ھەسسە قوشۇشقا ۋە ئۇنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداشقا چاقىرغان، يەنى ئۇلارنى خىتاي ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئاكتىپ كۈچ قاتارىدا قوللانماقچى بولغان.
تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى، دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى يېڭى قۇرۇلغان ۋە قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان مەزگىلدە خىتاي مىللەتچىلىكىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، چەت ئەلدە تەسىرى بار خىتايلارنى خىتايغا تۆھپە قوشۇشقا دەۋەت قىلغان، ئەمما «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» دا ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى جايلىغان. نۆۋەتتە شى جىنپىڭنىڭ چاقىرىقىغا كۆپ خىتايلار قېتىلماسلىقى مۇمكىن ئىكەن.
ئامېرىكادىكى خىتاي ئانالىزچىسى خۇ پىڭ ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ: «چەت ئەللەردىكى خىتايلارنىڭ كۆپىنچىسى كوممۇنىست خىتاينىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن نارازى بولغانلىقى ئۈچۈنلا خىتاينى تاشلاپ چەت ئەلگە ماكانلاشقان. بۇنى شى جىنپىڭ بىلمەي قالمايدۇ، شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇلارنى ‹خىتاي چۈشى› نى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا چاقىرىق قىلىشى ناھايىتى بىمەنىلىك. ئەمما شى جىنپىڭ بۇنى قىلىشقا مەجبۇر. بۇ ئارقىلىق چەت ئەلدىكى بىر قىسىم خىتايلارنىڭ مىللەتچىلىك ئېڭىنى قوزغىتىشى مۇمكىن، ئەمما كۆپ قىسىم خىتايلار ئۇنىڭ چاقىرىقىغا ئەگەشمەيدۇ» .
ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، شى جىنپىڭ ئىككى تۈركۈمدىكى خىتايلارنى «خىتاي ئائىلىسىنىڭ ئەزالىرى» دەپ قارىغان بولۇپ، ئۇلاردىن بىرى ئۆز ۋەتىنىنىڭ خىتاي ئىكەنلىكىنى مەڭگۈ ئۇنتۇمىغان خىتاي پۇقرالىرى، يەنە بىرى ئۆزىنىڭ تومۇرىدا ئېقىۋاتقان قاننىڭ خىتاي قېنى ئىكەنلىكىنى مەڭگۈ ئىنكار قىلمىغان خىتاي پۇقرالىرى ئىكەن.
ئەمەلىيەتتە چەت ئەلدىكى خىتايلارنىڭ تەركىبى مۇرەككەپ بولۇپ، بەزىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئاكتىپلىق بىلەن خىزمەت قىلىشنى خالىسا، بەزىلىرى خىتاي كومپارتىيەسىگە ۋە شى جىنپىڭنىڭ سىياسىتىگە قارشى تۇرۇپ، خىتاينىڭ چەت ئەلدىكى زەربە بېرىش نىشانىغا ئايلانغان. بولۇپمۇ، تەسىرى چوڭ شەخسلەر خىتايغا قارشى مەيدانىنى بىلدۈرگەن ھامان، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنى بېسىقتۇرۇشقا ئۇرۇنغان. مەسىلەن، كاناداغا كۆچمەن بولغان خىتاي پۇقراسى كېننى چيۇ (Kenny Chiu) 2019-يىل كانادا پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلانغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيەنى باستۇرۇشى ۋە كانادانىڭ سايلىمىغا ئارىلىشىشىغا قارشى گەپ قىلغىنى ئۈچۈن خىتاينىڭ زەربە بېرىش ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ، پارلامېنتتىكى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىپ قالغان. ئۇ «ئەلجەزىرە» قانىلىنىڭ زىيارىتى قوبۇل قىلغاندا، «شى جىنپىڭنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى خىتايلارنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە قاتنىشىشقا چاقىرىشى تۈپتىن ساراڭلىق. ئويلاپ بېقىڭ، ئەنگلىيە توساتتىن بارلىق ئىنگلىزلارنى ئەنگلىيە پادىشاھىغا سادىق بولۇشقا چاقىرسا نېمە ئىش يۈز بېرىدۇ؟ » دېگەن.
چەت ئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار «جۇڭخۇا مىللىتى ئائىلىسى» گە تەۋە ئەمەس. ئەمما دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدە خىتايغا مايىل ئۇيغۇرلارنى داۋاملىق قىزىقتۇرۇشى، شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ئىچىدە داۋاملىق بۆلگۈنچىلىك سېلىشى مۇمكىن ئىكەن. چۈنكى خىتاينىڭ ئەسلى مەقسىتى چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا داۋاملىق زەربە بېرىش، ئۇلارنىڭ خىتايغا قارشى ئىرادىسىنى سۇندۇرۇش ئىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھېسابىدا، خىتايدىن باشقا 200 گە يېقىن دۆلەتتە 60 مىليونغا يېقىن خىتاي ياشاۋاتقان بولۇپ، خوڭكوڭ، ماكاۋ ۋە تەيۋەن پۇقرالىرى بۇنىڭ ئىچىگە كىرمەيدىكەن. مالايسىيا، ھىندونېزىيە، تايلاندتىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ تارىخى 19-ئەسىرگە سوزۇلىدىغان بولۇپ، مالايسىيا ئاھالىسىنىڭ 23 پىرسەنتىنى خىتايلار تەشكىل قىلىدىكەن.
ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ھەققىدە بەرگەن ئېنىقلىمىسى قانۇن نۇقتىسىدىن ئەمەس، بەلكى مىللەت-ئىرق نۇقتىسىدىن بېرىلگەن ئېنىقلىما ئىكەن. نۇرغۇن خىتايلارغا كۆرە ئېيتقاندا، شى جىنپىڭنىڭ چېگرا ھالقىغان مىللەتچىلىك ئېڭى ئۇچىغا چىققان بىمەنىلىك ئىكەن. كانادا پۇقراسى مىمى لى (Mimi Lee) ئۆزىنىڭ خوڭكوڭدا چوڭ بولغانلىقىنى، ئىچكىرى خىتاي بىلەن ئانچە ئالاقىسى يوقلۇقىنى، ئىچكىرى خىتايغا باققاندا خوڭكوڭدا خىتاي كىملىكىنىڭ ئانچە كۈچلۈك ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ «ئەلجەزىرە» قانىلىغا بەرگەن زىيارىتىدە، «مېنىڭ خىتايغا مۇھەببىتىم يوق، مېنىڭ خىتاي ھەققىدىكى ھېكايەم ۋە ئوغلۇمغا خىتاي ھەققىدە سۆزلەپ بېرىدىغانلىرىم خىتاي كومپارتىيەسى بىلەن مۇناسىۋەتسىز» دېگەن.
خۇ پىڭ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتايلار ئۆزىنىڭ ۋەتىنىنى ئەمەس، خىتاي كومپارتىيەسىنى ياخشى كۆرمەيدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «يېقىنقى يىللاردا خىتاينى تاشلاپ چىققان خىتايلار كۆپەيدى، ناھايىتى روشەنكى ئۇلار شى جىنپىڭنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن نارازى. شى جىنپىڭ ئۇلارنى ‹خىتايغا تۆھپە قوشۇش› قا دەۋەت قىلىش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدا خۇددى ھېچ ئىش بولمىغاندەك تەسىرات بەرمەكچى. خىتاي ھازىر مۇستەبىت دۆلەت، ئەمما شى جىنپىڭ ئۇنى ‹دېموكراتىك دۆلەت› دەپ ئاتايدۇ، ئۇ دائىم ئەمەلىيەتكە قارشى گەپ قىلىدۇ. بۇنىڭدىن ھەيران قالغىلىمۇ بولمايدۇ» .
ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتاي ھۆكۈمىتى مەركىزىي كومىتېت بىرلىكسەپ بۆلۈمىنى ئىشقا سېلىپ، چەت ئەلگە ئالاقىدار سودا بىرلەشمىسى، ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى، دوستلۇق جەمئىيىتى دېگەندەك تەشكىلاتلارنى قۇرۇپ، چەت ئەلدىكى خىتايلار بىلەن كەڭ-كۆلەملىك ئالاقە ۋە ھەمكارلىق ئورنىتىشقا كۈچەپ كەلگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە چەت ئەلدىكى خىتاي مىللەتچىلىكىدىن پايدىلىنىپ، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتكە ۋە جەمئىيەتكە ماسلىشىش تىرىشچانلىقىغا توسقۇنلۇق قىلماقتا ئىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشى چەت ئەلدىكى خىتاي پۇقرالىرىدا خىتايغا بولغان مۇھەببەت ئەمەس، بەلكى گۇمان ۋە نەپرەت پەيدا قىلىشى مۇمكىن ئىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «جۇڭخۇا مىللىتى» كىملىكىنى ئۇيغۇرلارغا مەجبۇرىي تېڭىۋاتقانلىقى، مىللىي ئېڭى كۈچلۈك ئۇيغۇرلارنى لاگېرغا سولاپ جازالاۋاتقانلىقى، لاگېر سىرتىدىكىلەرنى تىل ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە خىتايلىشىشقا زورلاۋاتقانلىقى ئۇيغۇر مەسىلىلىرىنى تەتقىق قىلغۇچىلار تەرىپىدىن «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە.
خۇ پىڭ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بېرى چەت ئەلدىكى خىتايلارغا «خىتاي ھېكايىسىنى سۆزلەش» دېگەندەك تەشۋىقاتلىرىنى كۈچەيتىشىدە، ھۆكۈمەت ھامىيلىقىدا ئىشلەنگەن جىنايەتنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇش مۇھىم مەقسەت قىلىنغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «چەت ئەلدە پىكىر ئەركىنلىكى بولغاچقا، خىتاي قامال قىلىۋالغان خەۋەرلەر چەت ئەلدە ئاشكارىلىنىدۇ. بۇنىڭغا غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرى ئويدۇرۇپ چىققان ھېكايىلەر، يالغان نەرسىلەر ئارقىلىق جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇشقا ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ چەت ئەلگە ئاشكارىلانغان جىنايى قىلمىشلىرىنىڭ تەسىرىنى ئازايتىشقا ئۇرۇنىدۇ» .
خۇ پىڭ قاتارلىق خىتاي ئانالىزچىلىرىنىڭ كۆزىتىشىگە قارىغاندا، شى جىنپىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى خىتاينىڭ ئىقتىسادى چېكىنىپ، خەلقئارادىكى ئىناۋىتىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىگە ئەگىشىپ، چەت ئەلدىكى زور كۆپ قىسىم خىتايلار شى جىنپىڭدىن تېخىمۇ نەپرەتلىنىدىكەن ۋە ئۇنىڭ چاقىرىقىدىن تېخىمۇ غەزەپلىنىدىكەن.