«ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى ئېتىراپ قىلدۇرۇش بويىچە ئىسپات ئاڭلاش ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزۈلگەن

0:00 / 0:00

«ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» مەسىلىسى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، كانادا پارلامېنتى باشتا 8 دۆلەتنىڭ پارلامېنتلىرى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغاندىن كېيىن، مەزكۇر قىرغىنچىلىقىنى باشقا دۆلەتلەرگىمۇ ئېتىراپ قىلدۇرۇش خىزمەتلىرىمۇ جىددىي ئېلىپ بېرىلماقتا. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن 6-ئاينىڭ1- كۈنى گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خادىملىرى ۋە گېرمانىيە ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ئالىي كومىسسارى بىلەن ئۇچرىشىش ئېلىپ بېرىلىپ «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى»ئېتىراپ قىلىشى تەلەپ قىلىنغان.

بۇ ئۇچرىشىشقا ياۋروپادا «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى ئېتىراپ قىلىشتا كۈچ چىقىرىپ كېلىۋاتقان ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكىنىڭ رەئىسى ئەسقەر جان، ۋە ياۋروپادا تۇرۇشلۇق لاگېر شاھىتلىرىدىن قەلبىنۇر سىدىق ۋە ئۆمەربەك ئالى قاتارلىقلار قاتناشقان.
گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خىتاي ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى جۆرن بەئىبەرت ئەپەندى بىلەن گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ئالىي كومىسسارى لۇئىسە ئامتسبەرگ بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ئۇچرىشىش ناھايىتى قىزغىن شەكىلدە داۋاملاشقان بولۇپ، لاگېر شاھىتلىرى ئۆزلىرىنىڭ خىتاي جازا لاگېرلىرىدا كۆرگەن-بىلگەنلىرىنى ئاڭلىتىپ، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن.

Luise Amtsberg lager shahidlirini anglidi.jpeg

ئارقىدىن ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى رەئىسى ئەسقەر جان ئەپەندى سۆز قىلغان. ئۇ، سۆزىدە گېرمانىيە دۆلىتىنىڭ دېموكراتىيە بىلەن باشقۇرۇلۇۋاتقان، كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيەدىن ئىبارەت قىممەت قارىشىغا ئىگە قۇدرەتلىك دۆلەت ئىكەنلىكىنى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە ياۋروپادىكى بەزى دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنتى بولۇپ 9 دۆلەتنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دەرھال ئېتىراپ قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئەسقەر جان ئەپەندى گېرمانىيە ھۆكۈمىتى بىلەن پارلامېنتىدا «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى ئېتىراپ قىلدۇرۇش ئۈچۈن 2نەپەر لاگېر شاھىتىنى ئېلىپ بېرلىنگە كەلگەنلىكىنى، ناھايىتى مۇھىم ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بارغانلىقىنى، گېرمانىيە ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ قىزغىن كۈتۈۋېلىپ ئاڭلىغانلىقىنى، ئۇلارغا 4 تۈرلۈك تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى تەكىتلىدى. (ئاۋاز)
لاگېر شاھىتى ئۆمەربەك ئالى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ گېرمانىيە ھۆكۈمىتىگە بەزى تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈردى. (ئاۋاز)
ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن باشقا يەنە، كانادا، ئەنگلىيە، گوللاندىيە، بېلگىيە، لىتۋا، ئاۋسترىيە ۋە فىرانسىيە پارلامېنتلىرى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش ھەرىكىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلغان ئىدى.

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يۈز بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئەيىبلەشتە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇپ كېلىۋاتقان گېرمانىيەنىڭ ھازىرغىچە «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى ئېتىراپ قىلىش مەسىلىسىدە بىرەر قارار چىقارماسلىقى، ھەر ساھەنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا. ئەسقەر جان ئەپەندى بۇنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن 6-ئاينىڭ ئىككىنچى كۈنى گېرمانىيە پارلامېنتىدىكى 5 سىياسىي پارتىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇللىرى بىلەنمۇ كۆرۈشىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.(ئاۋاز)