2009-يىل 7-ئاينىڭ 5-كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى تىنچلىق يول بىلەن ئادالەت تەلەپ قىلىپ چىققان ئۇيغۇر نامايىشچىلىرىنى باستۇرۇپ، ئارقىدىن قانلىق قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەن پاجىئەلىك كۈن بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنىڭمۇ بۇرۇلۇش نۇقتىسى ھېسابلىنىدۇ. د ئۇ ق 26-ئىيۇن كۈنى چاقىرغان «3-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر تور يىغىنى» دا پۈتۈن دۇنيادىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنى ۋە بارلىق ئۇيغۇرلارنى «-5ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» دە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنى خاتىرىلەش، تارىخنى ئەسلەش، خىتاينىڭ جىنايىتىنى داۋاملىق پاش قىلىش ئارقىلىق، ئادالەت ۋە ھەققانىيەت ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ئىرادىسىنى نامايان قىلىشقا چاقىردى.
بۇ ھەقتە تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئالدى بىلەن د ئۇ ق نىڭ 2 ئايدا بىر قېتىم چاقىرىپ كېلىۋاتقان ۋەكىللەر ۋە كاندىدات ۋەكىللەر يىغىنى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ، مەزكۇر يىغىندا 2 ئاي ئىچىدە دۇنيادا يۈز بەرگەن مۇھىم پائالىيەتلەر ھەققىدە قىسقىچە دوكلات بېرىلگەندىن سىرت نۇقتىلىق ھالدا «-5ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ 13 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان پائالىيەتلەر توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
د ئۇ ق نىڭ تەشكىلىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بۇ يىلقى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نى خاتىرىلەش پائالىيىتىنىڭ ئاساسىي تېمىسىنىڭ «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» بولىدىغانلىقىنى، بۇ ھەقتە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا 8 تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «بىز 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش ھەققىدە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا 8 تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. بىرىنچى، ‹شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى›نى سىن كۆرۈنۈشكە تارتىپ تەييارلاپ تارقاتتۇق. ھەرقايسى تەشكىلاتلارنىڭ پائالىيەتلەردە بۇنى ئىشلىتىشىنى ئىلتىماس قىلدۇق. ئىككىنچى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن ياۋروپا پارلامېنتىگە تاپشۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن بىر پارچە خەت تەييارلاندى، بۇنى يوللاپ بەرمەكچى. ئۈچىنچى، ھەر قايسى دۆلەتلەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تەشكىلاتلارنى خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدە خەت تەييارلاپ ئۆزى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەت، پارلامېنتلىرى ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدۇق. تۆتىنچى، 5-ئىيۇل كۈنى ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەردىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىلەن بىرلىكتە كەڭ-كۆلەمدە نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈشىنى تەلەپ قىلدۇق. بەشىنچى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى 7-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن7-كۈنىگىچە ئۆيلىرىنىڭ دېرىزىسىگە، ماشىنىلىرىغا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى ئېسىش ئارقىلىق خىتايغا بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلەشكە چاقىردۇق. ئالتىنچى، ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدا شېھىت بولغان قېرىنداشلىرىمىزغا تەزىيە بىلدۈرۈش ئۈچۈن5-ئىيۇل كۈنىدىن باشلاپ بىر ھەپتىگىچە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى، توي-تۆكۈن قىلماسلىققا چاقىردۇق. يەتتىنچى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدا شېھىت بولغانلارغا ئاتاپ نەزىر بېرىشىنى تەلەپ قىلدۇق. سەككىزىنچى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ 5-ئىيۇل كۈنى كومپيۇتېرلىرىنىڭ ئېكرانىنى قارا قىلىشىنى تەلەپ قىلدۇق».
د ئۇ ق 13 يىلدىن بۇيان ھەر يىلى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نى ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلغاندىن سىرت، ھەر خىل پائالىيەتلەر ئارقىلىق خاتىرىلەپ كەلمەكتە. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى مەزكۇر قىرغىنچىلىقنىڭ كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تارىخىي جىنايەتلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى، ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ قۇربانى بولۇۋاتقانلىقىنى، شۇڭا «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نى خاتىرىلەشنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى رەئىسى ئابدۇللام ئەپەندى بۇ قېتىم ياۋروپا پارلامېنتى تۇرۇشلۇق بىريۇسسېل شەھىرىنىڭ مەركىزىدە كەڭ-كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى، تەييارلىق خىزمەتلىرىنىڭ تاماملانغانلىقىنى بايان قىلدى.
«5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» 2009-يىلىدىن تارتىپ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ئەزا تەشكىلاتلار تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردە ئىزچىل ھالدا خاتىرىلىنىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ھەر يىلى دېگۈدەك بۇ ۋەقە توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىنىپ، نامايىشلار ئېلىپ بېرىلغاندىن سىرت ھازىرلانغان تەشۋىقات ۋاراقچىلىرى تارقىتىلغان ۋە كىشىلەرنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىلگەن. بۇ يىلمۇ شۇنداق تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى قوللىنىلىدىكەن.