دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 14-ئىيۇل كۈنى مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، 7-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ 2021-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 14-كۈنىگىچە چېخىيەنىڭ پايتەختى پىراگادا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىجرائىيە كومىتېتى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى ۋە كېيىنكى كۈنلەردە ئارقا-ئارقىدىن يىغىن چاقىرىپ، مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق، 7-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنى 2021-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 14-كۈنىگىچە چېخىيەنىڭ پايتەختى پىراگادا ئۆتكۈزۈش قارارىنى ئالدى.
بىز بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاي ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ، بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاينىڭ ئىنتايىن مۇھىم دەۋرى بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە قۇرۇلتاي بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
«د ئۇ ق نىڭ 7-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى، خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى داۋام قىلدۇرۇۋاتقان، دۇنيادىكى دېموكراتىيەلىك دۆلەتلەر خىتاينىڭ بۇ جىنايىتىنى قاتتىق ئەيىبلەۋاتقان ۋە سوراققا تارتىۋاتقان، شۇنداقلا دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خىتايغا قارشى تۇرۇش ياكى قوللاش بويىچە ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈنگەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا دۇنيانىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىدە زور بۇرۇلۇش يۈز بېرىۋاتقان ئالاھىدە بىر پەيتكە توغرا كەلدى. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاي، پەۋقۇلئاددە مۇھىم دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە بىر قېتىملىق قۇرۇلتاي بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن».
د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاينىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشىنىڭ ۋەتەن سىرتىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىنىڭ بۇندىن كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈنمۇ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، نۆۋەتتە خەلقئارادىكى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا ۋەكىللىك قىلىۋاتقان مەركىزى تەشكىلات بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭ مىللىي دەۋا ئىشلىرىدىكى مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىن تېخىمۇ ئېشىپ بارماقتا. مۇشۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ، 7-نۆۋەتلىك قۇرۇلتاينىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلىشى ۋەتەن سىرتىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىمىزنىڭ بۇندىن كېيىن ھەم ئىزچىل، سىستېمىلىق ۋە ئۇتۇقلۇق داۋام قىلىشىدا زور ئەھمىيەتكە ئىگىدۇر».
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ نۆۋەتلىك قۇرۇلتايدا مۇزاكىرە قىلىنىدىغان تېمىلار توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى:
«بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاي، ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ دېموكراتىيەلىك ئۇسۇل بىلەن سايلاپ چىققان قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى، كۆزەتكۈچىلەر ۋە تەكلىپ قىلىنغان ئالاھىدە مېھمانلارنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدۇ. قۇرۇلتايدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئوتكەن تۆت يىللىق خىزمەت دوكلاتى، مالىيە دوكلاتى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ شۇنداقلا سىياسىي دەۋا ئىشلىرىمىزنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرۈشنىڭ چارە-تەدبىرلىرى، ئىستراتېگىيەلىرى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ ۋە مۇھىم قارارلار ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزۈلىدۇ.
بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدا يەنە، د ئۇ ق رەھبەرلىك ھەيئىتىدە يېڭى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلىدۇ. يەنى، دېموكراتىيەلىك شەكىلدە سايلام ئۆتكۈزۈلۈپ، د ئۇ ق نىڭ ئىجابىي ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىش بىلەن بىرگە بۈگۈنكى دۇنيا يۈزلىنىشىگە ماس خىزمەت قىلالايدىغان ياش، قابىلىيەتلىك ۋە جەڭگىۋار يېڭى رەھبەرلىك قوشۇنى سايلاپ چىقىلىدۇ».
د ئۇ ق ئېلان قىلغان ئاخبارات باياناتىغا ئاساسلانغاندا 7-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدا يەنە، دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنى قوللاۋاتقان ھەرقايسى دۆلەتلەر، سىياسىي پارتىيەلەر، خەلقئارا تەشكىلاتلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ دوستلىرىغا كەلگۈسىدە يەتمەكچى بولغان بۈيۈك نىشانى ھەققىدە مەلۇمات بېرىدىكەن.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدا ئوخشىمايدىغان كۆز قاراشتىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسىگە قۇچاق ئاچىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاي مىللىي دەۋا ئىشلىرىمىزغا پايدىلىقلا بولغان ھەر خىل پىكىر ئېقىملىرى ۋە كۆز قاراشلارنىڭ ئەركىن ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ئۈچۈن كەڭرى سورۇن ھازىرلاپ بېرىدۇ، شۇنىڭدەك، بۈگۈنگىچە، ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن مىللىي ھەرىكىتىمىز، جۈملىدىن د ئۇ ق نىڭ سىرتىدا قالغان ياش، قابىلىيەتلىك زىيالىيلىرىمىز ۋە پائالىيەتچىلىرىمىزدە كەڭ قۇچاق ئاچىدۇ».
د ئۇ ق تور ئارقىلىق ئارقا-ئارقىدىن يىغىن چاقىرىپ، مەزكۇر يىغىنلاردا د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھىممىدى ئەپەندىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە، 7-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىغا تەييارلىق قىلىش كومىتېتى قۇرۇپ چىقىلغان. تەييارلىق كومىتېتى قارمىقىدا بىر قانچە مەسئۇل ھەيئەت تەسىس قىلىنغان. پەرھاد مۇھەممەدى ئەپەندى تەييارلىق كومىتېتىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسىنىڭ ۋەكىللەرنى سايلاپ چىقىش ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايغا قاتنىشىدىغان ۋەكىللەرنىڭ سانى 150 قىلىپ بېكىتىلگەن بولۇپ، بۇ ساننى ئەھۋالغا قاراپ كۆپەيتىشكە بولىدىكەن. پەرھات مۇھەممەدى ئەپەندى ۋەكىل بولۇشنى خالايدىغانلارنىڭ ۋەكىللىك ئىلتىماس قىلىشى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
قۇرۇلتاي نىزامنامىسى بويىچە، ھەر ئۈچ يىلدا بىر قېتىم ئوتكۈزىلىدىغان ۋە ئەسلىدە 2020-يىلى 11-ئايدا ئۆتكۈزۈش قارار قىلىنغان 7-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى كورونا ۋاباسى سەۋەبىدىن كېچىكتۈرۈلگەنىدى.