د ئۇ ق نىڭ 20 يىللىق خاتىرىسىدە تەشكىلاتلارنىڭ ھەمكارلىشىشى ۋە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ كېلەچىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

0:00 / 0:00

گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى (د ئۇ ق) قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتنىڭ ئۈچىنچى كۈنى، يەنى 5-ماي «شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىشىش ۋە مەزكۇر دەۋانىڭ كېلەچىكى» ناملىق مەخسۇس مۇھاكىمە بولۇپ ئۆتتى. مۇھاكىمىدە ھەرقايسى تەشكىلاتلار بىلەن ئۆزئارا ھەمكارلىشىشنىڭ بىر تاللاش ئەمەس، بەلكى مەجبۇرىيەت ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

مەزكۇر مۇھاكىمىگە رىياسەتچىلىك قىلغان د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇددىن ئەپەندى، ئالدى بىلەن سۆزلىگۈچىلەرنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى ھەمدە بۇ قېتىملىق مۇھاكىمىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەردى.

ئاندىن د ئۇ ق نىڭ باش مەسلىھەتچىسى دوكتور رىشات ئابباس، شىۋېتسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بەختىنۇر ئابدۇرېھىم، ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مەمەت ئوبۇل، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ساۋۇت مەمەت ۋە تۈركىيەدىكى مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى دىنىي ئىلىملەر كەسپىنىڭ دوتسېنتى ئاتاۋۇللاھ شاھيارى قاتارلىقلار ئىشتىراك قىلغان مۇھاكىمە باشلاندى. ئۇلار ئوخشىمىغان جەھەتلەردىن ئۆز كۆز- قاراشلىرىنى يىغىن ئەھلى بىلەن ئورتاقلاشتى. جۈملىدىن «ھەر قايسى تەشكىلاتلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەركىنلىكى ۋە مۇستەقىللىقى يولىدا ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرى ھەم ھەمكارلىشىشى»، «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ كېلەچىكى» قاتارلىق تېمىلار بويىچە پىكىر بايان قىلىپ ئۆتتى.

د ئۇ ق قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىنىڭ ئۈچىنچى كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن «شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىشىش ۋە مەزكۇر دەۋانىڭ كېلەچىكى» ناملىق مەخسۇس مۇھاكىمە يىغىنىدا د ئۇ ق نىڭ باش مەسلىھەتچىسى دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندى سۆزلىمەكتە. 2024-يىلى 5-ئاپرېل، ميۇنخېن.
د ئۇ ق قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىنىڭ ئۈچىنچى كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن «شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىشىش ۋە مەزكۇر دەۋانىڭ كېلەچىكى» ناملىق مەخسۇس مۇھاكىمە يىغىنىدا د ئۇ ق نىڭ باش مەسلىھەتچىسى دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندى سۆزلىمەكتە. 2024-يىلى 5-ئاپرېل، ميۇنخېن. (RFA/Erkin Tarim)

دوكتور ئاتاۋۇللاھ شاھيار ئەپەندى كۆپچىلىككە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىشىش توغرىسىدىكى ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «مەن ئۆزۈمنىڭ 10 يىللىق ئاممىۋى تەشكىلاتنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەش جەريانىدىكى تەجرىبە-ساۋاقلىرىمغا ئاساسەن، تەشكىلاتلار ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش توغرىسىدا پىكىر بايان قىلماقچىمەن. ‹ئۆزئارا ئىتتىپاقلىشايلى›، ‹بىرلىشەيلى› ۋە ‹ھەمكارلىشايلى› دېگەن سۆزلەرنى ۋەتەندىكى ۋاقتىمىزدىمۇ ئاڭلاپ تۇراتتۇق. لېكىن ئۆزئارا ھەمكارلىشىشىمىز ۋە ئىتتىپاقلىشىشىمىز ئۈچۈن زادى نېمىلەرنى قىلىشىمىز كېرەك؟ بۇ ھەقتە ئېنىق سۆزلەشمىدۇق ۋە بىرلىككە كەلمىدۇق. مەن ئالدى بىلەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، تەشكىلاتلار ئارىسىدىكى ھەمكارلىق بىر تاللاش ئەمەس، بەلكى مەجبۇرىيەتتۇر. بىزنىڭ ھازىر يېگانە بىر تاللىشىمىز بار، ئۇ بولسىمۇ بىرلىكىمىز. مەن دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنى ئۈرۈمچىدە پائالىيەت قىلغان ۋاقتىدىن تارتىپ تونۇيمەن. خىتاينىڭ بۇرۇندىن تارتىپ بىزگە قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتى دەل بىزنى ئىچىمىزدىن پارچىلاپ، ئارىمىزغا زىددىيەت سېلىش ئارقىلىق كونترول قىلىش بولدى. شۇڭا دەيمەنكى، بۈگۈن ھەمكارلىشىش ۋە ئىتتىپاقلىشىش، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر تاللاش ئەمەس، بەلكى مەجبۇرىيەتتۇر».

دوكتور ئاتاۋۇللاھ شاھيارى ئەپەندى، قانداق شەكىلدە ھەمكارلىشىش توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستان ياكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئۆزئارا ھەمكارلاشقان ۋاقتىدا مەلۇم بىر پىروگرامما ۋە كونكرېت ئىشتا ھەمكارلىشىشى كېرەك. مەسىلەن، كوۋىد يۇقۇمى ۋاقتىدا دۇنيادىكى بارلىق تەشكىلاتلار ھەمكارلىشىپ، ئىئانە يىغىپ تارقاتتۇق. بۇ ناھايىتى ياخشى بىر ھەمكارلىق بولغان ئىدى. شۇڭا بىز تەشكىلاتلار ئوتتۇرىسىدا مەلۇم بىر ئىشتا ھەمكارلاشماقچى بولساق، ئارىمىزدا كېلىشىم تۈزۈپ ئۇنى ئەمەلىي ئىجرا قىلىشىمىز كېرەك».

د ئۇ ق قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىنىڭ ئۈچىنچى كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن «شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىشىش ۋە مەزكۇر دەۋانىڭ كېلەچىكى» ناملىق مەخسۇس مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشقۇچىلار. 2024-يىلى 5-ئاپرېل، ميۇنخېن.
د ئۇ ق قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىنىڭ ئۈچىنچى كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن «شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىشىش ۋە مەزكۇر دەۋانىڭ كېلەچىكى» ناملىق مەخسۇس مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشقۇچىلار. 2024-يىلى 5-ئاپرېل، ميۇنخېن. (RFA/Sintash)

دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندى، «شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق ۋە ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدىكى رولى» توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

ساۋۇت مەمەت ئەپەندى، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ 2008-يىلى قۇرۇلغان كۈندىن بۇيانقى ئۇتۇقلىرى ۋە جۇغراپىيەلىك جايلىشىش جەھەتتىن خىتايغا يېقىن جايدىكى ياپونىيەدە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى ئېلىپ بېرىشنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىنىڭ كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 5-ئاپرېل، ميۇنخېن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىنىڭ ئۈچىنچى كۈنىدە ئۆتكۈزۈلگەن ھەر قايسى تەشكىلاتلار ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ۋە شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ كېلەچىكى تېمىسىدىكى بۇ مۇھاكىمە، يىغىن قاتناشچىلىرىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى. سۆزلىگۈچىلەر ۋە يىغىن قاتناشچىلىرىنىڭ ھەممىسى بىردەك، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى بىرلىك ھەم ھەمكارلىقنىڭ ھەممىدىن زۆرۈر بىر مەجبۇرىيەت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشتى.