د ئۇ ق نىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىق خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن گېرمانىيەنىڭ مىيونخېن شەھرىدە 3- مايدىن باشلاپ ئېچىلىۋاتقان خاتىرىلەش پائالىيىتىدىكى بىر مۇھىم نۇقتا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ( د ئۇ ق) دۇنياغا كەلگەن 20 يىلدىن بۇيان ئۇنىڭغا سىڭدۈرۈلگەن مېھنەتلەر ھەمدە بۇنىڭغا يارىشا قولغا كەلگەن نەتىجىلەرگە قاراپ چىقىش بولدى. بۇ ھال ئۆز نۆۋىتىدە بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى مەيدان مۇھاكىمە مۇنبىرىنىڭ باش تېمىسى بولدى.
3-مايدىكى ئېچىلىش مۇراسىمىنىڭ بىر مۇھىم مەزمۇنى ياۋروپا ئۇيغۇر ئانسامبېلىنىڭ ئورۇنلىشىدا يىغىن ئىشتىراكچىلىرىغا ئۇيغۇر سەنئىتى ۋە ئۇنىڭ گۈزەللىكىنى تەقدىم قىلىش بولدى. مۇراسىم سالونى دۇنيانىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىدىن كەلگەن يىغىن ئىشتىراكچىلىرى بىلەن لىق تولغان بولۇپ، ياۋروپا ئۇيغۇر ئانسامبىلىدىن مۇختار ئابدۇكېرىم جانبازنىڭ دۇتتار بىلەن ئورۇنلىغان جەڭگىۋار ناخشىلىرى مۇراسىم سالونىنى لەرزىگە سالدى.

سەنئەت نومۇرلىرىنى تەقدىم قىلىشتىن كېيىن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ خادىملىرىدىن لۇئىسا گرېۋ خانىمنىڭ رىياسەتچىلىكىدە تۇنجى مەيدان مۇھاكىمە ئۆتكۈزۈلدى. مۇھاكىمە ئىشتىراكچىلىرىدىن ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارى نۇرى تۈركەل، د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچىسى كېللىي كۇررىلار ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلىپ، د ئۇ ق بېسىپ ئۆتكەن 20 يىللىق مۇساپىسىنى قىسقىچە ئەسلەپ ئۆتتى.

شۇ قاتاردا د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا سۆز قىلىپ، قۇرۇلتاي قۇرۇلغاندىن بۇيان ئۆزلىرى دۈچ كەلگەن تۈرلۈك قىيىنچىلىقلار ھەمدە ئۇلارنى تۈگىتىش تىرىشچانلىقلىرىنى قىسقىچە ئەسلەپ ئۆتتى. ئۇنىڭ قارىشىچە، قۇرۇلتاي دەسلەپ قۇرۇلغان ۋاقىتلاردا خەلقئارادا ھېچقانداق تەسىرى ۋە ئورنى بولمىغان بىر تەشكىلات بولغان بولسا، ھازىر ب د ت ۋە ياۋروپا پارلامېنتلىرىدا ئورنى بولغان، شۇنىڭدەك خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنغان سىمۋوللۇق بىر ئورگانغا ئايلانغان.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارى نۇرى تۈركەل زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ قۇرۇلتاي دۇنياغا كەلگەندىن بۇيان ھازىرغىچە بېسىپ ئۆتكەن بارلىق مۇساپىلىرىگە شاھىت بولۇش جەريانىدا كۆرگەنلىرى، شۇنىڭدەك قۇرۇلتاينىڭ ئۈچ ئەۋلات رەھبەرلىرىنىڭ ئوخشىمىغان باسقۇچلاردىكى تىرىشچانلىقلىرى ھەمدە نۆۋەتتىكى نەتىجىلەر ھەققىدە ئويلىغانلىرىنى رادىيو ئاڭلىغۇچىلار بىلەن ئورتاقلاشتى.

سۆھبەت ئارىلىقىدا ياۋروپا ئۇيغۇر ئانسامبېلىنىڭ ئارتىستلىرى قاتناشقۇچىلارغا دولان ئۇسسۇلىنى تەقدىم قىلدى. پائالىيەت زالى دۇنيانىڭ ھەر تەرپىدىن كەلگەن قاتناشقۇچىلارنىڭ ئۇيغۇر ناخشا-ئۇسسۇلىغا چالغان گۈلدۈراس ئالقىشلىرى بىلەن لەرزىگە كەلدى.

بۇ قېتىمقى ئېچىلىش مۇراسىمى ئۇيغۇرچە سەنئەت پائالىيەتلىرىگە جۆر بولغان دېپلوماتلار ۋە سىياسىيونلارنىڭ نۇتۇقلىرى بىلەن ناھايىتى جانلىق كەيپىياتتا داۋام قىلدى. مۇراسىم ئاخىرىدا دۇلقۇن ئەيسا ياۋروپا ئۇيغۇر ئانسامبىلى، گېرمانىيە مائارىپ ۋە مەدەنىيەت بىرلىكى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ئەزالىرىغا گۈلدەستە تەقدىم قىلدى. بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ باشقا مەزمۇنلىرى توغرىسىدا رادىيومىز داۋاملىق خەۋەرلەر بېرىدۇ.