دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 20 يىللىق خاتىرىسىدە ئۇنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى مۇھاكىمە قىلىندى
2024.05.10

گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتنىڭ ئۈچىنچى كۈنى، يەنى 5-ماي «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى» ناملىق مەخسۇس مۇھاكىمە بولۇپ ئۆتتى. مۇھاكىمىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 2004-يىلى ئۇيغۇرلار زور ئېغىر ۋەزىيەتكە دۇچار بولغان بىر پەيتتە قۇرۇلغانلىقى، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىشىشىغا زور تۆھپە قوشقانلىقىنى، كېلەچىكىنىڭ پارلاق ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.
بۇ مۇھاكىمە يىغىنىغا كانادا «ئۇيغۇر ھەقلىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشى» نىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى مەمەت توختى، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى مۇدىرى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئەزاسى دىلنۇر قاسىموۋا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىد ۋە ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ئەنۋەرجان قاتارلىقلار ئىشتىراك قىلدى.
مەزكۇر مۇھاكىمىگە رىياسەتچىلىك قىلغان د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بۇ قېتىملىق مۇھاكىمىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەردى. ئاندىن يىغىن ئىشتىراكچىلىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قۇرۇلۇشى، تەرەققىي قىلىش جەريانى ۋە بۈگۈنكى ئەھۋالى توغرىسىدىكى كۆز قاراشلىرىنى ئوخشاش بولمىغان نۇقتىدىن بايان قىلدى. جۈملىدىن «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قولغا كەلتۈرگەن مۇھىم ئۇتۇقلىرى»، «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ كېلەچىكى» قاتارلىق تېمىلار بويىچە پىكىر بايان قىلىپ ئۆتتى.
مەمەت توختى ئەپەندى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قۇرۇلۇش دەۋرىدىكى ۋەزىيەت توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى بۇرۇنقىنىڭ ئەكسىچە ئۆزىنى خەلقئارا تېررورىزمنىڭ قۇربانى دەپ ئېلان قىلىپ، چەت ئەللەردىكى ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى خەلقئارا تېررورىزمنىڭ بىر قىسمى دەپ كۆرسىتىش دولقۇنى باشلاتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدىن تۆتنى، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن ئون نەپەر كىشىنى خەلقئارا تېررورچى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەققانىي كۈرىشىنى تېررورلۇققا چېتىپ تۇرۇپ يوق قىلىشقا ئۇرۇندى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دەل مانا مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە قۇرۇلدى» .
مەمەت توختى ئەپەندى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 20 يىلدىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن ئەڭ مۇھىم ئۇتۇقلىرى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مانا مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى خەلقئاراغا تونۇتتى، يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر ۋەتىنىنىڭ بولغانلىقىنى، ئىسمىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىكەنلىكىنى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاي تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان ۋە مۇنقەرز قىلىنغان زېمىن ئىكەنلىكىنى، ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەققانىي دەۋاسىنىڭ ئۆز ۋەتىنىدە ئەركىن، باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاش ئۆز-ئۆزىگە خوجا ۋە مۇستەقىل ياشاش ئارزۇسى بارلىقىنى دۇنياغا بىلدۈردى. مانا ھازىر غەرب دۆلەتلىرىدە، نۇرغۇن دۆلەتلەر ئۇيغۇرلارنىڭ دەۋاسىنىڭ بارلىقىنى بىلىدۇ، بەزى دۆلەتلەر بۇ مەسىلىنى دۆلەت سىياسىتىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندۇردى. »
مەمەت توختى ئەپەندى سۆزىنى مۇنداق ئاخىرلاشتۇردى: «ئۇيغۇر دەۋاسى مۇشۇ سەۋىيەگە كەلگەن بولسا، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى بۈگۈن ئوندىن ئارتۇق پارلامېنت ئېتىراپ قىلغان بولسا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ياۋروپا پارلامېنتى ھەم بەزى دۆلەتلەردىكى پارلامېنت، ھۆكۈمەت يىغىنلىرىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى تىلغا ئېلىنىۋاتقان بولسا، مانا بۇلارنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ دىپلوماتىيە جەھەتتىن قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇقلىرىدىن بىرى دېيىشكە بولىدۇ» .
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سەمەت ئابلا ئەپەندى، «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ كېلەچىكى» توغرىسىدا سۆزلىدى.
، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىد 7-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدىن كېيىنلا ئىستانبۇلدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى، بۇنى قۇرۇشتىكى مەقسەتنىڭ د ئۇ ق نى خەلق بىلەن يېقىنلاشتۇرۇش ئىكەنلىكىنى، بۇ جەھەتتە زور ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
يىغىن قاتناشچىلىرىنىڭ ھەممىسى بىردەك، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ زور ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى، ئۇنى كۈچلەندۈرۈشنىڭ زۆرۈرىيەت ۋە مەجبۇرىيەت ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى باشتىن ئاخىر قوللىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەشتى.