دولقۇن ئەيسا: «د ئۇ ق نىڭ 20 يىللىق مۇراسىمى سىياسىي، مەدەنىي، قېرىنداشلىق پىروگراممىلىرى بىلەن تولغان»

0:00 / 0:00

د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ بەرگەن مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، 3-مايدىن 5-مايغا قەدەر گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان د ئۇ ق قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا 400 ئەتراپىدا كىشى قاتنىشىدىكەن. بۇ د ئۇ ق قۇرۇلغان 20 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ كۆپ كىشى قاتناشقان بىر پائالىيەت بولىدىكەن. بۇ مۇراسىم 3-ماي سەھەر ميۇنخېن ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا كۆرسەتكەن پىسخىكىلىق تەسىرى» ناملىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى بىلەن باشلىنىدىكەن. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن د ئۇ ق دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن مېھمانلار بىلەن بىرلىكتە ميۇنخېندىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزىدىكەن.

د ئۇ ق نىڭ 20 يىللىق مۇراسىمىدا بەزى مۇھىم تېمىلارمۇ كۈنتەرتىپتىن ئورۇن ئالغان بولۇپ، 4-مايدىكى ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كېيىن پىروفېسسور، دوكتور مىكائېل ۋان ۋالت (Michael Van Walt) تەرىپىدىن «شەرقىي تۈركىستاننىڭ بېسىۋېلىنغان زېمىن ئىكەنلىكىگە دائىر دوكلات» ئوتتۇرىغا قويۇلىدىكەن. ئاندىن چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەر تەرىپىدىن «ياۋروپانىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقتىسادىي كېلەچىكىنىڭ كاپالىتى ۋە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش كۈرىشىنىڭ رولى»، «ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش: ئاڭلىتىشتىن ھەرىكەتكە ئۆتۈش»، «غەرب دېموكراتىيەسىدە سۈرگۈن ھۆكۈمەتلەر ۋە تىبەت سۈرگۈن ھۆكۈمىتىنىڭ مودېلى»، «دېموكراتىيە ئۈچۈن بىرلىكسەپ»، «مىللىي دەۋايىمىزدا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ رولى» قاتارلىق تېمىلاردا دوكلاتلار تەقدىم قىلىنىپ، مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى (دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تېلېۋىزىيەسى)

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، د ئۇ ق نىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى كۆپ خىل پائالىيەتلەر بىرلىكتە ئورۇنلاشتۇرۇلغان رەڭدار بىر مۇراسىم بولىدىكەن. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مۇراسىمدا چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەر ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ ئۆتمۈشى، بۈگۈنى ۋە كېلەچەك ئىستراتېگىيەسىگە ئائىت يېڭى قاراش ۋە لايىھەلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدىكەن.

د ئۇ ق نىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىنىڭ كۈنتەرتىپىگە قارىغاندا، مۇراسىم جەريانىدا مۇھاجىرەتتىكى تەشكىلاتلار ئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنىش بىلەن بىرگە، يەنە ئەخمەتجان قاسىمى تەۋەللۇتىنىڭ 110 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىمۇ بىرلىكتە ئېلىپ بېرىلىدىكەن. ميۇنخېندىكى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ «ئىستىقلال مارشى» نى ئورۇنلاش ۋە سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسىتىش پائالىيىتىمۇ بۇ قېتىمقى مۇراسىمنىڭ تەركىبىدىن ئورۇن ئالىدىكەن. د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە قاراشلىرىنى بايان قىلىپ، د ئۇ ق قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىنىڭ تولىمۇ داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

د ئۇ ق رەھبەرلىرىدىن تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، باشقا ئەللەردىن كېلىدىغان 250 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە 40 تىن ئارتۇق چەت ئەللىك مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ مېھمانخانىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمەتلىرىنىڭ تەييارلىقلىرى تاماملانغان بولۇپ، مېھمانلارنىڭ بېشى بۈگۈن 30-ئاپرېلدىن ئېتىبارەن گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىگە كېلىشكە باشلىغان.

مەلۇم بولغىنىدەك، د ئۇ ق 2004-يىلى 4-ئايدا گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ قېتىمقى 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۇنىڭ تۇنجى قېتىملىق زور كۆلەملىك خاتىرىلەش پائالىيىتى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.