17-ئىيۇن ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپنىڭ «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» گە ئىمزا قويغانلىق خەۋىرى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ھەر خىل شەكىللەردە ئۆزلىرىنىڭ شاتلىقلىرىنى ئىپادە قىلىشتى. د ئۇ ق مۇ شۇ كۈنىلا ئاخبارات ئېلان قىلىپ، بۇ خوش خەۋەرنى تەبرىكلىگەن.
د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا ئالدى بىلەن بۇ قانۇننى ئىمزالىغان ئامېرىكا پرېزىدېنتى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن كۈچ چىقارغان ئامېرىكانىڭ بارلىق دۆلەت ئەربابلىرىغا بولغان تەشەككۈرلىرىنى ئىزھار قىلىپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىدە بۇ قانۇننىڭ بالدۇرراق تەستىقلىنىشى ئۈچۈن ھەسسە قاتقان پۈتكۈل خەلقئارالىق تەشكىلاتلارغا ۋە ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرىغا رەھمەتلىرىنى بىلدۈردى. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى يەنە مەزكۇر قانۇننىڭ خىتاينىڭ تۈرلۈك زۇلۇملىرى سەۋەبلىك ئۈمىدسىزلىككە پاتقان ئۇيغۇرلارغا زور ئۈمىدلەر بەخش ئەتكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
د ئۇ ق نىڭ سابىق رەئىسى، پېشقەدەم سىياسىي ئەربابلاردىن ئەركىن ئالپتەكىن ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرۈپ، «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» نىڭ تەستىقلانغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.
د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» نىڭ ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەنلىكىنى «زور تارىخىي ھادىسە» دەپ ئاتىدى ھەمدە بۇنىڭ ئۇيغۇرلار تارىخىدا بارلىققا كەلگەن تۇنجى ئەمەلىي كۈچى بولغان بىر قانۇن ئىكەنلىكىنى، كۆپلىگەن غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، خىتايغا بېسىم قىلىش بىلەنلا چەكلىنىپ، ئامېرىكادەك ئۈنۈمى بولغان ئەمەلىي قەدەملەرنى باسمىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھىسى» نىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتلىرى توغرىسىدا ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى ئىزھار قىلىپ ئۆتتى.
مەلۇم بولغىنىدەك، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ۋە كېڭەش پالاتاسىدا مۇتلەق كۆپ قىسىم ئاۋاز بىلەن تەستىقلىنىپ پرېزىدېنت ترامپنىڭ ئىمزا قويۇشىغا سۇنۇلغان «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» خىتاينى كۆپ بىئارام قىلغان ئىدى.
0:00 / 0:00