د ئۇ ق رەھبەرلىرى ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىلەن يۈزتۇرانە سۆھبەتلەشتى

0:00 / 0:00

ئۆتكەن ئىككى يىل جەريانىدا ھەممىلا كىشىنى ئۆيلىرىگە قامىلىشقا مەجبۇر قىلغان تاجسىمان ۋىرۇسى ۋاباسىنىڭ پەسكويغا چۈشۈشىگە ئەگىشىپ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرلۈك پائالىيەتلىرىمۇ تەدرىجىي ئەسلىگە كېلىشكە ۋە جانلىنىشقا باشلىدى. 5-دېكابىر كۈنى چۈشتىن كېيىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان، فايىرفاكس شەھىرىدىكى «ئۇيغۇر مەركىزى» دە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى (د ئۇ ق) رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن ئۇچرىشىش پائالىيىتىنى مۇشۇ خىلدىكى پائالىيەتلەرنىڭ بىرى دېيىشكە بولىدۇ.

شۇ كۈنكى پائالىيەت ھەر دائىمقىدەك پائالىيەت ئەھلىنىڭ «شەرقىي تۈركىستان مارشى» غا ھۆرمەت بىلدۈرۈشى بىلەن باشلاندى.

د ئۇ ق نىڭ يېڭىدىن سايلانغان مۇئاۋىن رەئىسى زۇبەيرە شەمسىدىن شۇنىڭدىن كېيىن سۆز ئېلىپ بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىش ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بەردى.

پائالىيەتنىڭ كۈنتەرتىپى بويىچە د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا سۆز ئالدى. ئۇ ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدا د ئۇ ق نىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىق ۋە باستۇرۇش قىلمىشىنى ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ھۆكۈمەتلىرىگە مەلۇم قىلىش، ئۇلارنىڭ دىققىتىنى بۇ مەسىلىگە جەلپ قىلىش، شۇنىڭدەك ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەرنىڭ بۇ ھەقتە دەسلەپكى قەدەمدە بەزى تەدبىرلەرنى ئېلىشىغا تۈرتكە بولۇش جەھەتلەردە بىر قىسىم جىددىي پائالىيەتلەردە بولغانلىقىنى، بۇ جەرياندا لاگېر شاھىتلىرى ۋە باشقا شاھىتلارنىڭ بايانلىرى ئارقىلىق بۇ زور مەسىلىنى دۇنياۋى تېما سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇشقا تىرىشقانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەرنى سۆزلەپ كېلىپ «زۇلۇمنىڭ بولۇشى بىر مەسىلە، ئۇنى دۇنياغا بىلدۈرۈپ ئۇلارنى بۇ جەھەتتە بىرەر تەدبىر ئېلىشقا دەۋەت قىلىش يەنە بىر مەسىلە» دەپ كۆرسەتتى.

دولقۇن ئەيسانىڭ بىلدۈرۈشىچە، د ئۇ ق ۋە باشقا تەشكىلاتلار نۆۋەتتە بىر قىسىم ۋەتەنپەرۋەر ئۇيغۇرلارنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى ھەمدە ئوخشىمىغان شەكىللەردە ھەمدەم بولۇشى بىلەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىقنى دۇنياۋى زور مەسىلە سۈپىتىدە كۆتۈرۈپ چىقىشتا بەلگىلىك ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا كۆپلىگەن خىزمەتلەر كەمتۈك ھالدا تۇرماقتا ئىكەن. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرى ھازىرغا قەدەر «ئۈچ مىليون، تۆت مىليون ياكى بەش مىليون ئۇيغۇر لاگېرغا قامالغان» دېگەندەك سۆزلەر كۆپ قېتىم ئېيتىلغان بولسىمۇ، تۇغقانلىرى لاگېرلارغا ئېلىپ كېتىلگەن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلاردىن بۇ ھەقتە ئىسپاتلىق گۇۋاھلىق بېرىشكە ئ‍وتتۇرىغا چىققانلار ئۇنچە كۆپ ئەمەس ئىكەن.

دولقۇن ئەيسا سۆزىنىڭ داۋامىدا نۆۋەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ئۇلارنى خىتاي بىلەن بىللە ياشاشقا ھېچ قانداق سەۋەب كۆرسىتەلمەيدىغان ھالغا چۈشۈرۈپ قويغانلىقىنى، شۇڭا ئۆزىنىڭ مۇستەقىل دۆلىتىنى قۇرماقچى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ نىشانغا يېتىشتىن بۇرۇن، شۇنداقلا تاشقى دۇنيانىڭ ياردىمىگە ئىگە بولۇشنىڭ ئالدىدا ئۆزلىرىنىڭ دېموكراتىيە ئاساسىدا ئىش كۆرەلەيدىغانلىقىنىمۇ بىلدۈرۈپ قويۇشى لازىم ئىكەن. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى تاشقى دۇنياغا «تېررورچى ۋە ئاشقۇن» دەپ تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىنى يوللۇق قىلىپ كۆرسىتىۋاتقان ئەھۋالدا بۇ تېخىمۇ مۇھىم ئىكەن.

شۇنىڭدىن كېيىن دولقۇن ئەيسا د ئۇ ق نىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىق، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر داۋاسى، مۈشكۈلاتتا قالغان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى قۇتقۇزۇش قاتارلىق جەھەتلەردە قىلغان بىر قاتار ئەمىلى خىزمەتلىرىدىن چۈشەنچە بەردى. ئارقىدىنلا يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىق ۋە زۇلۇمنى تاشقى دۇنياغا ئاڭلىتىشتا كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىققان لاگېر شاھىدلىرىدىن مېھرىگۈل تۇرسۇن، تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن، زۇمرەت داۋۇت قاتارلىقلارغا ھۆرمەت گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بەردى. شۇنداقلا ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى ئەلفىدار ئېلتەبىرنىڭ ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر داۋاسىنى يۈكسەلدۈرۈشكە قوشقا تۆھپىلىرىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئۇنىڭغا د ئۇ ق نىڭ تەشەككۈر لوڭقىسىنى تەقدىم قىلدى.

پائالىيەتنىڭ ئىككىنچى بۆلىكىدە ئ‍ۇيغۇر جامائىتى د ئۇ ق نىڭ رەھبەرلىرىدىن ئۆزلىرى خالىغان تېما بويىچە سوئال سورىدى. شۇ قاتاردا د ئۇ ق نىڭ خىزمەتلىرى، بۇ جەھەتتىكى مەسىلىلەر، تالاش-تارتىش قىلىنىۋاتقان مەسىلىلەر بويىچە كۆپلىگەن سوئاللار ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

پائالىيەتتىن كېيىن دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئايرىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ قېتىمقى پائالىيەتتىن بەكلا مەمنۇن بولغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. .

دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئاخىرقى ھەل قىلىش چارىسى» شەكلىدىكى قىرغىنچىلىق ئارقىلىق يوقىتىش تەھدىتىگە دۇچ كېلىۋاتقاندا ئەڭ مۇھىم مەسىلە بىلەن باشقا مەسىلىلەرنى پەرقلەندۈرۈپ تۇرۇپ مۇئامىلە قىلىش ھازىرقى ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى ھېسابلىنىدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە بۇ ھەقتىكى تالاش-تارتىش قىلىنىۋاتقان مەسىلىلەر توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىشتىن ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىقنى ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەرگە ئاڭلىتىش ھەمدە ئۇلارنى بۇ ھەقتە سادا چىقىرىشقا دەۋەت قىلىشقا بەكرەك كۈچەپ كەلگەنىكەن.

بۇ قېتىمقى د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ ئامېرىكا ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن ئۇچرىشىش پائالىيىتى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىمۇ خۇشال قىلغان بىر قېتىملىق مەجلىس بولغانلىقى مەلۇم. پائالىيەتنىڭ نەق مەيدان ئەھۋالىنى جانلىق تارقىتىش ئارقىلىق كۆرگەن كىشىلەرنىڭ بىرى، ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ ئالىي ئىنژېنېرى دوكتۇر ئەركىن سىدىق ئەپەندى بۇ ھەقتە رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆزقاراشلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتىن كېيىن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ بىر قىسىم سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىلگەن، شۇنىڭدەك بەزى تۈگۈچلەر يېشىلگەن بولۇپ، بۇ خىلدىكى پائالىيەتلەرنىڭ كۆپلەپ ئۆتكۈزۈلۈشى تەشكىلاتلار بىلەن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئارىلىقىنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرىدۇ، دەپ قارالماقتىكەن.