دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان 200 گە يېقىن ئاممىۋى تەشكىلات ئورتاق بايانات ئېلان قىلىپ، مىشەل باچېلېت خانىمغا «شەرقىي تۈركىستاندىكى دەپسەندىچىلىك ھەققىدە تەييارلاپ چىققان دوكلات» نى تېزدىن ئېلان قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.
ئورتاق باياناتتا يېزىلىشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇقى ئالىي كېڭىشىنىڭ رەئىسى مىشەل باچېلېت خانىم ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بۇ دوكلاتنىڭ 2021-يىلى دېكابىر ئېيىدا ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئەمما بۈگۈنگىچە ئېلان قىلىنمىغان.
د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئالدى بىلەن 200 ئاممىۋى تەشكىلات بىلەن بىرلىكتە ئورتاق بايانات ئېلان قىلىشتىكى مەقسىتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى مىچېل خانىمنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە زىيارەت ئېلىپ بېرىشىنىڭ ئىجابىي ئىلگىرىلەش ئىكەنلىكىنى، ئەمما 2019-يىلىدىن بېرى بۇ ھەقتە ئېلىپ بېرىلغان مۇزاكىرىدە ب د ت كىشىلىك ھوقۇقى ئالىي كېڭىشى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىىسدا قايسى تېمىلاردا ھەمپىكىر بولغانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى مىشەل باچېلېت خانىمنىڭ 2019-يىلىدىن بۇيان خىتايغا، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىگە تەكشۈرۈشكە بېرىش تەلىپىنى ھەر تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن ئىزچىل ھالدا رەت قىلىپ كەلگەن ئىكەن. بەزى چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرى زىيارەت قىلغان جازا لاگېرلىرىنىڭمۇ ئەمەلىيەتتە ئالدىن تەييارلانغان ئورۇنلار ئىكەنلىكىمۇ سىن كۆرۈنۈشلىرىدىن مەلۇم بولغان ئىدى. د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى مەزكۇر ھەيئەت خىتاينىڭ ھېچقانداق چەكلىمىسىگە ئۇچرىماي خالىغان جايغا بېرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارسا پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى، ئۇنداق بولمىسا زىيىنى بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى مۇدىرى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشىنىڭ رەئىسى مىشەل باچېلېتنىڭ زىيارەتتە بولۇش تەلىپىگە قوشۇلغاندىن كېيىن خەلقئارادا خىتاي بىلەن قانداق كېلىشىم تۈزگەنلىكى توغرىسىدا گۇمان پەيدا بولغانلىقىنى، خەلقئارادىنمۇ بۇ ھەقتە بىرلەشكەن دۆلەتلەرگە بېسىم بارلىقىنى، ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە مىشەل باچېلېت خانىمنىڭ بۇ ھەقتە ئىزاھات بېرىش ئېھتىمالى بارلىقىنى بايان قىلدى.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى گەرچە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ مەزكۇر ھەيئەتنى خالىغان جايلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇرىمىز دېگەن بولسىمۇ، خىتاينىڭ بۇنىڭغا رۇخسەت قىلمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 8-مارتتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، مىشەل باچېلېت خانىڭ خىتايغا ئېلىپ زىيارىتى 5-ئايغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇ بېرىشتىن بۇرۇن تەييارلىق خىزمەتلىرى ئۆمىكى ئۇيغۇر ئېلىگە زىيارەت ئېلىپ بارىدىكەن.