24-سېنتەبىر، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 45-نۆۋەتلىك يىغىنىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى زۇمرەت خانىم تەھدىتكە ئۇچرىغان خەلقلەرگە ۋاكالىتەن سۆزگە چىقىپ، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنىڭ ئاللىقاچان ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەرىجىسىگە بارغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ يىغىندا يەنە ئامېرىكادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن بەھرام سىنتاش ۋە زىبا قاتارلىقلار ئاتا-ئانىلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىپ، ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن زۇلۇم ۋە پاجىئەلەرنى ئەمەلىي پاكىت بىلەن ئوتتۇرىغا قويدى ھەمدە خەلقئاراغا بۇ زۇلۇمنى توختىتىش ھەققىدە چاقىرىق قىلدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ بۇ قېتىملىق يىغىنىدا بىر يېرىم مىنۇت سۆزلەش پۇرسىتى بېرىلگەن زۇمرەت خانىم سۆزگە چىقىپ ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنى ئىخچام، ئەمما تولۇق ئاڭلىتىشقا تىرىشتى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«رەئىس خانىم، مەن بۇ يەردە تەھدىتكە ئۇچرىغان خەلققە ۋاكالىتەن سۆزگە چىقتىم. ئۈچ يىلدىن بېرى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەقەللىي كىشىلىك ھوقۇقى ئېغىر زەربىگە ئۇچرىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا خالىغانچە سولاپ ئۇلارنى قۇل قىلىپ ئىشلەتتى. مەسچىت، قەبرىستانلىق ۋە مازارلارنى چېقىپ يوق قىلدى، مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلىنى چەكلىدى، ئائىلىلەرنى خانىۋەيران قىلدى، ئۇيغۇرلارغا ئېغىر زۇلۇم سېلىپ، ئۇلارنىڭ مىللىي كىملىكى، مەدەنىيىتى ۋە جەمئىيىتىنى تۈپ يىلتىزىدىن قۇرۇتۇۋېتىشقا ئۇرۇندى؛ ئۇلارنىڭ ئىنسانىي ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىنى پۈتۈنلەي تارتىۋالدى. يېقىندا ئېلان قىلىنغان دوكلاتتا، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ تۇغماس قىلىۋېتىلگەنلىكى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى چەكلەش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان سىناقلار ئىسپاتلاندى. مانا بۇلار «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى جازالاش ئەھدىنامىسى» نىڭ 2-ماددىسىدا ئېنىقلىما بېرىلگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ نەق ئۆزىدۇر.»
ئىككىنچى قەدەمدە ئۇ مۇشۇنداق ئېغىر كرىزىس ئالدىدىمۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ھېچقانداق كونكرېت تەدبىر قوللانمىغانلىقىنى، ئەمدى بولسىمۇ ھەرىكەتكە ئۆتۈش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى:
«بۇ كرىزىس بارغانسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان بولسىمۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى بۇ قەبىھ جىنايەتكە ھېچقانداق تەدبىر قوللانمىدى. پەقەت خەلقئارا جەمئىيەت، بىر قىسىم دۆلەتلەر ۋە پائالىيەتچىلەرلا بۇ جىنايەتكە قارشى ھەرىكەتكە ئۆتتى. ئەمما خەلقئارا تەشكىلاتلار، بولۇپمۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بۇنىڭغا باش بولۇشى كېرەك. خىتايدىكى كورونا ۋىرۇسى ئۇيغۇر رايوندىكى ۋەزىيەتنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى. خىتاينىڭ بۇ ۋابانى قانداق بىر تەرەپ قىلغانلىقى، بولۇپمۇ بۇ ۋىرۇسنىڭ لاگېرلارغا قامالغان ئۇيغۇرلارغا قانداق تەسىر كۆرسەتكەنلىكى ئېنىق بولمىغاچقا، بۇ مەسىلە كۈچلۈك دىققەت قوزغاۋاتىدۇ. بىز بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بۇ يىل 6-ئايدا مەكتۇپ يوللاپ، مەزكۇر تەشكىلاتنى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى تەكشۈرۈشكە چاقىرىق قىلغانلىقىنى قارشى ئالىمىز ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنى بۇنىڭغا قارىتا دەرھال ھەرىكەت قوللىنىشقا چاقىرىمىز.»
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ بۇ قېتىملىق يىغىنىغا تەييارلىق قىلىش ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ، بۇ يىل ئاۋغۇست ئېيىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدىن بىر ھەيئەت قۇرۇپ كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ ئەلچىخانىلىرى بىلەن ئالاقە ئورناتقانلىقىنى، جەنۋەگە كېلىپ ب د ت بىناسى ئالدىدا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ تۇغماس قىلىۋېتىلىشى ۋە لاگېردىكىلەرنىڭ زامانىۋى قۇللۇققا مەجبۇرلىنىشىغا ئائىت رەسىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئېيتتى؛ ئاندىن بۇ يىغىندا سۆزلىنىدىغان نۇتۇق تېكىستىدە ئۇيغۇرلار ئۇچرىغان زۇلۇمنى خەلقئاراغا تولۇق ئاڭلىتىش ۋە ئۇلارنى ھەرىكەتكە چاقىرىش ئۈچۈن تىرىشقانلىقىنى بىلدۈردى.
21-سېنتەبىر، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 45-نۆۋەتلىك يىغىنىدا ئامېرىكالىق ئۇيغۇرلاردىن بەھرام سىنتاشمۇ دادىسى قۇربان مامۇت ھەققىدە دوكلات بەردى. «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ سابىق باش مۇھەررىرى، داڭلىق ژۇرنالىست قۇربان مامۇت ئەپەندىنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى تەرىپىدىن دەلىللەنگەنىدى. بەھرام سىنتاش بۇ يىغىندا سۆزگە چىقىپ، خىتاي دائىرىلىرىنى دادىسىنىڭ نېمە ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ۋە ھازىر قايسى ئەھۋالدا ئىكەنلىكىدىن جاۋاب بېرىشكە چاقىردى.
25-سېنتەبىر، مەزكۇر يىغىننىڭ دىنىي ئەركىنلىكنى قوغداش تېمىسىدىكى يىغىندا ئامېرىكادىكى پائالىيەتچى روشەن ئابباس خانىمنىڭ تۇتقۇن قىلىنغان ھەدىسى گۈلشەن ئابباس خانىمنىڭ قىزى زىبا سۆزگە چىقىپ ئانىسى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەردى. ئۇ سۆزىدە 2 يىلدىن بۇيان لاگېرغا سولاقلىق ئانىسىدىن ھېچقانداق خەۋەر ئالالماي كېلىۋاتقانلىقىنى، نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش ھەر كۈنى تەشۋىش ۋە ئازاب ئىچىدە ئۆتىدىغانلىقىنى بايان قىلدى؛ شۇنداقلا ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۇچراۋاتقان زىيانكەشلىكلەرنى، زامانىۋى قۇللۇق مەسىلىسىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەيلى ۋەتەندە ياكى چەت ئەلدە بولسۇن، ئېغىر ئازاب ۋە كرىزىسنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، خەلقئارا جەمئىيەتتىن بۇ جىنايەتكە خاتىمە بېرىشنى تەلەپ قىلىپ مۇنداق دېدى: «‹ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھىسى› تەستىقلاندى، ‹ئۇيغۇرلاردىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى› ئاۋام پالاتاسىدىن ئۆتتى، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئامېرىكا باش بولۇپ قىلدى. بىز باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ مۇشۇنداق قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بىز پۈتۈن ئىنسانىيەت دۇچ كېلىۋاتقان بۇ تەھدىتكە قارشى بىرلىكتە ھەرىكەتلىنىشىمىز كېرەك. مەن بۇ دۈشمەننىڭ بىزگە سېلىۋاتقان زۇلۇمى ۋە ئازابىغا داۋاملىق تاقەت قىلالمايمەن. مەن بارلىق ئۇيغۇرلارغا، جۈملىدىن ئانىسىنى قۇچاقلاشتىن مەھرۇم قالغان ئۆزۈمگە ۋاكالىتەن شۇنى سورايمەن: بۇ مەسئۇلىيەتنى بىرلىكتە ئۈستۈڭلارغا ئېلىپ، بارلىق كۈچۈڭلارنى ئىشقا سېلىڭلار. دۇنيانى قۇتقۇزۇش ئىشىدا بەك كېيىن قالماڭلار».
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، جۈملىدىن كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ خەلقئارا مەسىلىلەردە ئوينايدىغان رولىنىڭ يەنىلا مۇھىم ئىكەنلىكىنى، شۇڭا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدەك تەشكىلات ياكى ۋەكىللىك شەخسلەرنىڭ بۇ خەلقئارا تەشكىلاتنىڭ يىغىنلىرىدا سۆزگە چىقىپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئاڭلىتىش ۋە ھەل قىلىشقا چاقىرىشنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
0:00 / 0:00